جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خوتۇنلار ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى ئىدارە قىلىش ماھارىتىنى ئىگەللىۋېلىشى كېرەك

خوتۇنلار ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى ئىدارە قىلىش ماھارىتىنى ئىگەللىۋېلىشى كېرەك

ۋاقتى: 2016-07-20 ئاۋاتلىقى: 2067 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

خوتۇنلار  ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى ئىدارە قىلىش ماھارىتىنى ئىگەللىۋېلىشى كېرەك
جوۋ شىياۋچۈن
نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش بېسىمى بارغانسىرى ئېغىرلاشماقتا،  قىز-ئوغۇللار يىتىلىپ جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن بۇرۇنقى بالىلىقىدىن خوشلىشىپ، تۇرمۇشلۇق بولۇش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ، بۇ چاغدا ئۇلار خىزمەتنىڭ بېسىمىغا دۇچ كىلىپلا قالماستىن يەنە تۇرمۇشنىڭمۇ بېسىمىغا دۇچ كېلىدۇ، ئاياللار ياتلىق بولۇپ، بالا تۇغۇپ، ئائىلىسىگە ھەسسە قوشسىمۇ بەزىدە ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىدىكى بەزىبىر زىددىيەتتىن قۇتۇلالمايدۇ، شۇڭا بىر  ئايالنىڭ ياخشى بىر خوتۇن بولۇپ چىقمىقى بەزىدە ئۇنچە ئاسانغا چۈشمەيدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللارنىڭ تۇرمۇش غەلۋىرىدە تاسقىلىپ چىقىشىغا توغرا كېلىدۇ. 
ئادەتتە ئاياللارنىڭ تويدىن بۇرۇن ۋە تويدىن كېيىن ئېرىگە بولغان پوزىتسىيەسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، تويدىن بۇرۇن ئەرلەر بولغۇسى ئايالىنىڭ سۆزىنى سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلايدۇ، شۇڭا ئايالنىڭ ھەر بىر سۆزلىرى ئاساسەن ئورۇنلانغاچقا، ئايالنىڭ سۆزىمۇ نىسبەتەن ئاز بولىدۇ،  ئەمما ئۇلار بىر ياستۇققا باش قويغان  ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئەرلەرنىڭ خوتۇنىنىڭ ھەممە سۆزلىرىگە  لەببەي دەيدىغان ھالىتى بارغانسېرى غايىپ بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئايالنىڭ كوتۇلداشلىرىمۇ كۆپۈيىشكە باشلاپ، ئەرلەرمۇ ئەمدى ئايالىنىڭ ھەممە سۆزىنى ئاڭلاۋەرمەيدىغان گەدەنكەشكە ئايلىنىپ، ئايالىغا گەپ ياندۇرىدىغان ئەھۋاللار كۆرۇلۇشكە باشلىنىدۇ - دە، بۇ خىل ئەھۋال بىر قىسىم  ئاياللاردا ئەرلىرىنىڭ «ئاغزىنى يۇمۇش»قا مەجبۇرلايدىغان ھالەتكە بېرىلىپ كېتىپ،  ئەر- ئايال ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت كۈچىيىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئايالنىڭ كوتۇلدىشى كۆپەيگەنسىرى ئەرنىڭ سۆزى ئازلاپ بارىدىغان ئەھۋال شەكىللىنىپ، ئەر-خوتۇن ئارىسىدا ئورتاق تىل ئازلاپ، چۈشۈنۈش يىتەرلىك بولماسلىق، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا ئۇرۇش- جىدەل قىلىش، ئەرنىڭ ئۆيدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەسلىك، ئاخىرىدا سەللا دىققەت قىلمىسا ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىشقا بېرىپ قېلىش سادىر بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ئاياللار ئادەتتە يولدىشىنىڭ ئالدىدا بەزىبىر گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك.
بىر قىسىم ئاياللار تويدىن كېيىن ئۆينىڭ مالىيە ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا تۇتۇش ئارقىلىق ئېرىنىڭ سىرتقا قاراپ قېلىشنىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولىشىدۇ، ياكى بولمىسا ئۆزىنىڭ تۇرمۇش قارىشى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى ئېرىگە مەجبۇرى تاڭماقچى بولىدۇ، ئەمما ياخشى خوتۇن  مەلۇم ئىشلاردا ئېرىگە بېسىم چۈشۈرمەيدۇ بەلكى قايسى ئىشنى ئېرى قىلىشنى خالايدۇ ، قايسى ئىشنى خالىمايدۇ؟ دىگەننى ئوبدان بىلىدۇ. 
ئۇنداق بولسا ئاياللار قانداق قىلغاندا ئەرلىرىگە ئۈن-تۈنسىز تەسىر كۆرسىتىپ ، ئائىلسىنى تېخىمۇ مۇكەممەل ئائىلىگە ئايلاندۇرالايدۇ ؟
1.ئېرىنىڭ ئائىلە مەسئۇلىيىتىنى ئۇرغۇتۇشقا  ماھىر بولۇش كىرەك
مەسئۇلىيەتچانلىق  ئەرلەرنىڭ تەبىئىتىدۇر. ئائىلىلەردە  ئەرلەردىكى بۇ خىل ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتىنىڭ بار- يوقلىقى ئەرلەرنىڭ  بۇ خىل  تەبىئىتىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى ئالدىنقى شەرتتۇر. ناۋادا ئەرلەر ئۇزۇن مەزگىل ئايالىنىڭ سىزىقىدىن چىقماي ياشايدىغان بولسا  ئەرلەردە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ- دە،  ئائىلىسى، پەرزەنتى  ئۈچۈن تىرىشمايدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرىۋالىدۇ، ئايال بولغۇچى بەزى چاغلاردا ئېرىدىن مەلۇم مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى كۈتسىمۇ خۇددى پىستان چاقمىغان قورالدەك كارغا كەلمەي قالىدۇ. ئەرلەردە بولسا ئائىلىدىكى ئورنىنىڭ بارغانسىرى تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، قەدىر- قىممىتى بولمايۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئاخىرىدا ئائىلە مەسئۇلىيىتى شەكىللىنىش تۈگۈل  ھەتتا بۇنداق ئائىلىدىن بىزار بولۇپ، سىرتتىن خوشاللىق ئىزدەشكە كىرىشىپ قالىدۇ. شۇڭا ئاياللار ئېرىدە  ئائىلىسى ئۈچۈن پاي - پىتەك بولىدىغان روھىنى ئۇرغۇتۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. 
2. ئەر -ئايال ئوتتۇرسىدىكى مۇھاببەت رىشتىنى داۋاملىق ساقلاپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك
ئاياللار " توي قىلىپ بولدۇم، مۇرادىمغا يەتتىم دەپ ئەر - ئايال ئوتتۇرسىدىكى سۆز - ھەرىكەتلەرگە پەرۋاسىز قاراشقا بولمايدۇ، ئەقىللىق ئايال ئائىلىدە كۈلۈمسىرەشنى ئۈگۈنىۋالغان بولۇپ، مۇشۇ قورالغا تايىنىپ ئەر - ئايال ئوتتۇرسىدىكى تويدىن ئاۋالقى مۇھەببەتلىك ھېسسىياتنى ساقلاپ قالغان بولىدۇ . بىلىش كىرەككى: ھەرقانداق ۋاقىتتىكى قاپاقنى تۈرىۋېلىش، غەزەپلىنىش  ئاياللار نازاكىتىنى بەت - بەشىرە ھالەتكە ئەكىلىپ قويىدۇ، شۇڭا ئېرىڭىز سەۋەنلىك  ئۆتكەزگەن ھالەتتىمۇ قار - يامغۇرلۇق سىياقىڭىزنى كۆرسەتمەسلىككە تىرىشىڭ، شۇندىلا سىز ئېرىڭىز ئالدىدا ھامان ساھىپجاماللىقىڭىزنى يوقاتماي. ئېرىڭىزنىڭ مەڭگۈ تەلپۇنىشىنى قوزغىيالايسىز. تۇرمۇشتىكى ئۇششاق - چۈششەك زىددىيەتلەرنى ماھىرلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلالىسىڭىز ئائىلىڭىز تېخىمۇ مۇستەھكەم بولىدۇ، ئېرىڭىزنى تېخىمۇ جەلىپ قىلالايسىز. 
3.ئېرىڭىزنىڭ ئەركەكلىك غورورىنى ساقلاڭ
سىز كەسىپتە نەتىجە قازانغان  ئايال ياكى ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئىقتىسادى ئورنى ۋە ياكى ئىجتىمائىي ئورنى يۇقۇرى بولغان ئايال، ھەتتا  ئايدەك جامالغا ئىگە ئايال بولۇڭ،  سىز ھامان ئېرىڭىزنىڭ خوتۇنى، شۇڭا ھەر قانداق ئىشنى ئېرىڭىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ قىلىڭ. بەزىدە  ئاياللار ئېرىنىڭ ئەركەكلىكىگە سەۋىر قىلالماي ئېرىنىڭ غورورىغا ئاسانلا تېگىپ قويىدۇ، شۇڭا ئاياللار ئۆزىدىكى بۇ خىل مەغرۇرلۇقنى تاشلىشى كېرەك. 
ئاياللار شۇنى بىلىشى كېرەككى: ئادەتتە ئەركەكلىكى كۈچلۈك ئەرلەرنىڭ ئائىلىسىگە بولغان مەسئۇليىتى بەكمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا ئەرلەرنىڭ ئەركەكلىكىنى ساقلاپ قېلىشىغا مۇۋاپىق تۈردە يول قويۇلسا  بۇ، بەزىدە ئەرلەرنىڭ كەسىپتە نەتىجە قازىنىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلىنىشى مۇمكىن.
4.ئېرىڭىزنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ  كىچىك قىزلاردەك ئاجىز كۆرنۈشكە تىرىشىڭ 
ئاياللار ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ئىناق بولىشىنى كۆزلەيدىكەن ئەڭ ياخشىسى ئېرىنىڭ خۇددى ئەركەك ھايۋانلارنىڭ ئۆزىدىن ئاجىز ھايۋانلارغا  چېقىلماسلىقتەك روھىنى ئۇرغۇتۇپ ، ئېرى ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاجىز بىر ئايال ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۇرۇش كىرەك. بەزىدە ئايالنىڭ ئېرىگە بولغان مىننەتدارلىق مەدھىيە  سۆزلىرى ئېرىنى «مەن بولمىسام بولمايدۇ.»  دېگەن تۇيغۇغا ئەكىلىپ، كەسىپتە نەتىجە قازىنىشقا، ئائىلىدە مىھرىبان بولۇشقا يىتەكلەيدۇ. ئايال ھامان ئايال، شۇڭا ھەرگىزمۇ ھەرقانداق بىر ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە چات كىرىۋالماسلىقى كىرەك. 
5.ئېرىڭىزدە ھەر ۋاقىت ئۇنى سۆيۇدىغانلىقىڭىزنى ھىس قىلدۇرۇڭ
ناۋادا سىز مىجەزىڭىز ئېغىر بېسىق، ئىچ مىجەز ئايال بولسىڭىز بىر ئاماللار بىلەن ئېرىڭىزگە بولغان سۆيگۈڭىزنى ئىپادىلەڭ، چۇنكى بۇ خىل مىجەزدىكىلەر ئاسانلىقچە كاللىسىدىكىنى كىشىگە بىلدۈرمەيدۇ، ناۋادا سىز ئوچۇق مىجەزلىك، مىجەزىڭىز تاش مىجەز بولسا ئادەتتىكى ئىشلاردىمۇ سوغۇققان بولۇپ ئاغزى ئىتتىكلىكتىن ساقلىنىڭ، چۈنكى بۇ خىل مىجەزدىكىلەر كۆڭلىدە نىمە بولسا تۆكۇۋىتىشكە ئامراق كىلىدۇ، ئاغزىڭىزنىڭ قۇلۇپى ئېچىلىپ كەتسە بەزىدە ئېرىڭىزنىڭ زىتىغا تىگىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ سېلىپ، ئېرىڭىزنى رەنجىتىپ قويىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا ئامال بار ئېرىڭىزنى سۆيىدىغان ھىسسىياتىڭىزنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنى قىلىشقا دىققەت قىلىڭ. 
5.ئېرىڭىزدە ھەر ۋاقىت ئۇنى سۆيۇدىغانلىقىڭىزنى ھىس قىلدۇرۇڭ
ناۋادا سىز مىجەزىڭىز ئېغىر بېسىق، ئىچ مىجەز ئايال بولسىڭىز بىر ئاماللار بىلەن ئېرىڭىزگە بولغان سۆيگۈڭىزنى ئىپادىلەڭ، چۇنكى بۇ خىل مىجەزدىكىلەر ئاسانلىقچە كاللىسىدىكىنى كىشىگە بىلدۈرمەيدۇ، ناۋادا سىز ئوچۇق مىجەزلىك، مىجەزىڭىز تاش مىجەز بولسا ئادەتتىكى ئىشلاردىمۇ سوغۇققان بولۇپ ئاغزى ئىتتىكلىكتىن ساقلىنىڭ، چۈنكى بۇ خىل مىجەزدىكىلەر كۆڭلىدە نىمە بولسا تۆكۇۋىتىشكە ئامراق كىلىدۇ، ئاغزىڭىزنىڭ قۇلۇپى ئېچىلىپ كەتسە بەزىدە ئېرىڭىزنىڭ زىتىغا تىگىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ سېلىپ، ئېرىڭىزنى رەنجىتىپ قويىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا ئامال بار ئېرىڭىزنى سۆيىدىغان ھىسسىياتىڭىزنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنى قىلىشقا دىققەت قىلىڭ. 

ئەگەر تېخىمۇ كۆپ جىنسىيەت بىلىملىرىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn)غا bz دەپ قايتۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىڭ.
ئەگەر «ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﺎﻟﺪﻯ-ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻳﯘﻧﯘﺵ» ناملىق يازمىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسىغا x016 دەپ قايتۇرۇپ ئېرىشىڭ!
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى