باكتېرىيە سەۋەبىدىن بولغان جىنسىي كېسەللەر
ۋاقتى: 2016-08-06
ئاۋاتلىقى: 1140 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
1.سۆزنەك كېسىلى: سۆزنەك شارچە باكتېرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جىنسىي كېسەللىك بولۇپ، ئەرلەردىكى ئاساسلىق ئالامىتى سىيگەندە سۈيدۈك يولى قىزىشىپ ئاغرىش، سۈيدۈك يولى ئېغىزىدىن ئاقۇش (ياكى سارغۇش) شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئېقىش جەھەتتە كۆرىلىدۇ. ئەرلەرگە سىلىشتۇرغاندا ئاياللار بۇ خىل كېسەل بىلەن ئاغرىغاندا، كۆپ ھاللاردا كىلىنكىلق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ، ئالامەت كۆرۈلگەنلىرىنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى سۈيدۈك يولىدىن ئاجرالما ئېقىش ۋە داس بوشلۇقى ئاغرىش قاتارلىقلار. بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغۇچىلار ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا، ئەرلەردە قۇشۇمچە ئورۇقدان ياللۇغى، ئاياللاردا داس بوشلۇغى ياللۇغى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ھەتتا پۈتۈن بەدەنگە تارقاپ، بۇغۇم، يۈرەك كىلاپانى قاتارلىقلارغا كېڭىيىپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
2.كىلامىدىيە: كىلامىدىيە باكتىرىيىسى تەرىپىدىن يوقۇملانغاندا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ھەر خىل جىنسىي كىسەللىكلەر ئارىسىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغانى ھىساپلىنىدۇ. ئىنسانلار يوقۇملانغاندىن كېيىن ئاساسلىق جىنسىي ئەزا ۋە كۆزدە كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ (كۆزدە كېسەللىك پەيدا قىلسىمۇ جىنسىي كېسەللىك دەپ قارىلىدۇ، چۈنكى جىنسىي كېسەللىكلەر جىنسى ئەزادىلا چەكلەنمەيدۇ). كىلامىدىيە ئاساسەن جىنسىي يول، مەقئەت ياكى ئېغىز ئارقىلىق جىما قىلغاندا يوقىدۇ، ياكى يوقۇملىنىپ قالغان ئانىدىن بالىغا يوقىدۇ. بۇ كىسەلمۇ سۆزنەك كېسىلىگە ئوخشاشلا، يوقۇملانغۇچى ئاياللارنىڭ كۆپ قىسمىدا ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ، لېكىن ئەرلەردە سىيگەندە ئېچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بەزىدە ئەرلەردە قۇشۇمچە ئورۇقدان ياللۇغى، ئاياللاردا داس بوشلۇغى ياللۇغا قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا كۆپىيىس سېستىمىسى ۋە باشقا ئەزالاردا ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
3.سىفلىس: بىر خىل پۇرژىنسىمان پاكتىرىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جىنسىي كېسەللىك بولۇپ، ئاساسلىق تارقىلىش يولى جىنسىي مۇناسىۋەت، بەزىدە يوقۇملانغۇچى ئانىدىن بالىغا يوقۇشىمۇ مۇمكىن. سىفلىس بىلەن يوقۇملىنىشنىڭ ئالامىتى يوقۇملىنىش باسقۇچىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسان ئوخشاش بولمايدۇ. سىفلىس بىلەن يوقۇملىنىش بىرىنچى باسقۇچ، ئىككىنچى باسقۇچ، يۇشۇرۇن باسقۇچ ۋە ئۈچىنچى باسقۇچ دەپ تۆت باسقۇچقا ئايرىلىدۇ. ھەر بىر باسقۇچنىڭ ۋاقتى ۋە ئالامەتلىرى كېيىنكى يازمىلاردا داۋاملىق يوللىنىدۇ.