جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جىنسىي تۇرمۇشتا ئورتاق قانائەت تېپىشنىڭ ئۇسۇللىرى

جىنسىي تۇرمۇشتا ئورتاق قانائەت تېپىشنىڭ ئۇسۇللىرى

ۋاقتى: 2016-10-12 ئاۋاتلىقى: 4277 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جىنسىيەت-فىزىئولوگىيىك تەن ۋە پسىخولوگىيىلىك كەيپىياتنىڭ يۇغۇرلىشىدىن پەيدا بولىدىغان، ئوخشىمىغان ئىككى جىنس ئوتتۇرسىدا ئاجايىپ نازۇك ھەم سېھىرلىك رەۋىشتە ئىلىپ بېرىلىدىغان بۈيۈك پائالىيەتتۇر. ياراتقۇچى ئۇنىڭغا ئىنسان تەسەۋۋۇرىغا تالىق مول مەزمۇنلارنى ئاتا قىلغان. ھاياتلىق شۇنىڭ بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان. رەسۇلىللا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارغا جىنسىيەت ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارە تەلىم بەرگەن ئىكەن. مىسال ئۈچۈن ئالساق «پەيغەمبەر تېبابىتى»بوشاش ( چۈشۈرۈش) باسقۇچىدا ئەر داۋاملىق ئايالىغا مېھرىبانلىق قىلىشى لازىم
ئەر-خوتۇن بىردەك جىنسىي يۇقىرى پەللىگە يېتىپ، ئىككىلا تەرەپ تولۇق جىنسىي قانائەتلىنىش ھاسىل قىلغاندىن كىيىن ، ئۆزلۈكىدىنلا بوشىشىش دەۋرى باشلىنىدۇ. ئەر جىنسىي يۇقىرى پەللىگە يېتىپ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ جىنسىي قوزغىلىشى يوقىلىشقا باشلاپ زەكىرىمۇ ناھايىتى تېزلىكتە يۇمشاپ ، بوشىشىپ كېتىدۇ. بىراق ئاياللار جىنسىي قوزغىلىشنىڭ يوقىلىش باسقۇچى نىسبەتەن ئاستا بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىنسىي ئورگانلىرىدىكى قان تولۇشلار تەدرىجى يوقۇلۇشقا باشلايدۇ. بۇ ، ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپ ئاستا بولىدۇ. بەزى ئەرلەر ئاياللارنىڭ بۇ خىل فىزىئولوگىيىك ئالاھىدىلىكىگە ئېتىبارسىز قاراپ، مەنىنىڭ چىقىرىلىپ بولىشىغا ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولدى دەپ قاراپ، ئۆزى ئۇيقۇغا كېتىپ قالىدۇ. بۇنداق قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى بۇ ، ئاياللار جىنسىي تەلىپىنىڭ قانائەتلىنىشى ، كەيپىياتى ۋە پسىخولوگىيىلىك ھالەتلىرىگە پايدىسىز. بۇ ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە ئاياللارنىڭ جىنسىي ھېسسىيات-ھەۋەسلىرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ئەرلەر مەنى چىقىپ بولغاندىن كىيىن دەرھاللا زەكەرنى جىنسىي ئورگاندىن چىقىرۋالماي، ئايالىنى ئەركىلىتىش، سىلاش ، سۆيۈش قاتارلىق كۆيۈنۈش، مېھرىبانلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئايالىنىڭ جىنسىي قوزغىلىشنىڭ تولۇق تارقىلىپ بولۇشىنى كۈتۈش كېرەك.تولۇق مەمنۇن بولغاندىن كىيىن ، ئىككى تەرەپ بىردەك جىنسىي مۇناسىۋەتنى تاماملىشى ، بىردەك ئۇيقۇغا كىرىشى لازىم. دېگەن كىتابتا ئېيتىلىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەلىم بېرىپ شۇنداق دېگەن ئىكەن : ئايالىڭغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ ئۇنىڭ تېلىنى شورىمىغۇچە ئىشقا كىرىشمىگىن ! 
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك مىللىتىمىز ئىچىدە ئادەت كۈچىنىڭ تەسىرىدىن جىنسىيەت ھەققىدە ئېغىز ئىچىشنى نۇمۇسلۇق ئىش دەپ قاراپ كەلگەچكە بۇ ھەقتىكى بىلىملەر بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆگىنىشى زۆرۈر بولغان ئىلىم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگىنى يوق.
جىنسىي تۇرمۇشتا ھەر ئىككى تەرەپ تولۇق قانائەت تېپىشنى ئارزۇ قىلغۇچى ئەر-ئاياللار دەسلەپتە ئەر-ئايال جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئەر-ئاياللاردىكى پەرقلەرگە مۇناسىۋەتلىك جىنسىي بىلىمنىڭ ئاساسىي نۇقتىلىرىنى چۈشىنىۋالغاندا، مۇھەببەتلىك جىنسىي تۇرمۇشنى ھەر ئىككىلا تەرەپ تولۇق قانائەت تاپقان رەۋىشتە يۇقىرى پەللىگە چىقارغىلى بولىدۇ.
جىنسىي فىزىئولوگىيە ۋە پسىخىك جەھەتتە ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى پەرق ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى يىغىنچاقلىغاندا تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1. ئەرلەرنىڭ جىنسىي تەلىپى كۈچلۈكرەك بولۇپ، جىنسىي قوزغىلىشنىڭ پەيدا بولىشىمۇ ناھايىتى تېز بولىدۇ. ئازراق غىدىقلىنىش بولسىلا دەرھال قوزغىلىپ كېتىدۇ. ئاياللارنىڭ جىنسىي تەلىپى ئەرلەرگە نىسبەتەن ئاجىزراق بولۇپ، جىنسىي قوزغىلىش ھەيز دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھەيز كېلىشنىڭ ئالدىدا، يەنى تۇخۇم چىقىرىشنىڭ ئالدى-كەينىدە جىنسىي تەلەپ سەل يۇقىرى بولۇپ ، جىنسىي قوزغىلىشمۇ سەل تېزرەك بولىدۇ. ئاز ساندىكى ئاياللاردا تۇرمۇش قۇرۇش ئالدىدا جىنسىي تەلەپ ناھايىتى ئاجىز ، ھەتتا يوق دېيەرلىك بولىدۇ. تۇرمۇشقا چىققاندىن كىيىن ، جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا جىنسىي تەلەپ تەدرىجى كۈچىيىشكە باشلايدۇ.
2. ئەرلەرنىڭ جىنسىي قوزغىلىشى تېزرەك بولىدۇ. بالاغەتكە يەتكەن دەۋردە زەكەر تېزلا قايىم بولۇشى مۇمكىن. جىنسىي يۇقىرى پەللىگە يېتىشىمۇ، يۇقىرى پەللىنىڭ داۋاملىشىشىمۇ بىر ئاز قىسقا بولۇپ، جىنسىي تەلەپنىڭ بېسىقىشىمۇ تېز بولىدۇ. ئەمما ئاياللارنىڭ جىنسىي قوزغىلىشىنىڭ پەيدا بولىشى ئاستىراق بولۇپ، جىنسىي مۇناسىۋەت باشلىنىپ تاكى يۇقىرى پەللىگە يەتكىچە بولغان ئارىلىق ۋاقتىمۇ ئەرلەرنىڭكىدىن ئۇزاقراق بولىدۇ. ئادەتتە 5-15 مىنۇتقىچە بولغان ئارىلىقتا ئاندىن جىنسىي يۇقۇرى پەللىگە يېتىپ، ئۇنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىمۇ ئۇزاقراق، جىنسىي ھەۋەسنىڭ بىسىقىشىمۇ ئەرلەرگە قارىغاندا ئاستىراق بولىدۇ.
3.ئەرلەرنىڭ جىنسىي تەلەپ ئارزۇسى ئاساسەن جىنسىي ئەزاغا مەركەزلىشىدۇ. جىنسىي ھاياجانلىنىش پەيدا بولۇپ، قوزغىلىش باسقۇچىغا كىرگەندىن كىيىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بەك ئالدىرايدۇ. ئاياللارنىڭ جىنسىي تەلەپتە تاقىلىدىغان دائىرىسى بەك كەڭ ۋە مۇرەككەپ بولۇپ، جىنسىي ئىنكاسىمۇ ئەرلەرگە قارىغاندا ئاستا بولىدۇ. شۇڭلاشقا جىنسىي مۇناسىۋەت ئالدىدا ئەر ئۆزىنى سەل تۇتۇۋېلىپ، دەسلەپتە ئايالىنى يۇمۇرىستىك، قىزىقارلىق سۆز-ھەرىكەتلىرى بىلەن جەلىپ قىلىپ سىلاش، قۇچاقلاش، ئۇۋلاش، سۆيۈش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئايالىنىڭ مۇھەببەت سەزگۈ رايونلىرىنى غىدىقلاپ بەرگەندە، ئايالىدا يولدىشىغا نىسبەتەن كۈچلۈك ھۇزۇرلىنىش، مۇھەببەت ھېسسىياتى كۈچلۈك دولقۇن ياساپ جىنسىي مۇناسىۋەت تەلىپىنى پەيدا قىلىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدىمۇ ئۆزلۈكسىز مۇھەببەت تۇيغۇ، نازۇك جايلىرى غىدىقلىنىپ تۇرسا جىنسىي ھۇزۇرلىنىش سېزىملىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ، جىنسىي ئىنكاس باسقۇچىمۇ تېزلىشىدۇ. نەتىجىدە جىنسىي يۇقىرى پەللىگە ئەر-ئايال بىردەك يېتىپ، جىنسىي قانائەتلىنىشتىن ئورتاق بەھرىمان بولىدۇ. 
ئەر - خوتۇنلار جىنسىي تۇرمۇشتىن ئورتاق قانائەت تېپىشتا توسالغۇ بولىدىغان، ھىسسىياتقا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلىدىغان بەزى ئەھۋاللار بولسا ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىپ ، كىلىشەلمەسلىكنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىشى لازىم. جىنسىي تۇرمۇشتىكى كېلىشەلمەسلىكتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ:
1. ئەر تەرەپنىڭ جىنىسىي فىزىئولوگىيە ھەققىدىكى بىلىمىنىڭ يېتەرسىزلىكى ياكى ئايالىغا بولغان كۆيۈنۈشنىڭ يىتەرسىزلىكىدىن ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئالدىدىكى تەييارلىقتا ، دەسلەپتە ئايالىنىڭ جىنسىي ھېسسىياتىنى قوزغىماي ئۆزىنىلا ئويلاش، ئۆزىدە جىنسىي ھەۋەس پەيدا بولىشىغىلا ئالدىراپ جىنسىي مۇناسىۋەتكە ئۇرۇنۇش، جىنسىي مۇناسىۋەتتە قانائەتلىنىش ھاسىل قىلىپ مەنىنى چىقىرۋىتىپلا ، ئايالىنىڭ جىنسىي ئارزۇسى ۋە جىنسىي ئىنكاسلىرى بىلەن كارى بولماسلىق قاتارلىقلارنى ئوڭايلا سادىر قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئايال تەرەپ جىنسىي قانائەتلىنىشكە ئېرىشەلمەي قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇنغا سوزۇلغاندا ، ئايال تەرەپنىڭ جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان ھەۋىسىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى تەبئىي. بۇنىڭدا ئايال كىشى جىنسىي تۇرمۇشنى ئاۋارىچىلىق ھېسابلاپ جىنسىي تۇرمۇشتىن سوۋۇش ھەمدە تەرەققى قىلىپ زېرىكىش، سەسكىنىش، ۋە نېرۋا ئاجىزلىشىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

2.ئايالدا ئەر بىلەن بولىدىغان نورمال جىنسىي تۇرمۇش ھەققىدىكى بىلىملەر يېتەرسىز بولسا ياكى ئۇ نورمال جىنسىي تۇرمۇشنى «يامان ئىش»، «شەھۋانىيلىق»، «ئىپلاسلىق» دەپ تونۇپ قالسا ، ياكى ھامىلدار بولۇپ قېلىشتىن ۋە تۇغۇتتىن قورقۇپ قالسا، ياكى تۇرمۇشقا چىققاندىن تارتىپ بىرەر قېتىممۇ جىنسىي ھۇزۇرلىنىش ۋە جىنسىي قانائەتلىنىشكە ئېرىشىپ باقمىغان بولسا جىنسىي تۇرمۇشتىن بىزار بولۇش سېزىمى پەيدا بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتىدا ئۆز ئىختىيارى ياكى ئارزۇسى بىلەن بولمىغانلىقتىن ، ئېرىگە ماسلىشىپ بېرەلمەسلىك تۈپەيلىدىن جىنسىي تۇرمۇشتا كېلىشەلمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ.
3. ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ بىرسىدە كېسەللىك ھالىتى بولۇپ قالسا، جىنسىي تۇرمۇشتا كېلىشەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، ئەرلەردىكى قايىم بولماسلىق ( ئەرلىك ئەزا قوپماسلىق)، بوش قايىم بولۇش، مەنىنىڭ بەك تېز چىقىپ كېتىشى ياكى مەنىنىڭ ئېقىپ كېتىشى قاتارلىق كېسەللىكلەر، ئاياللاردا بولسا جىنسىي مۇناسىۋەتتە ماتكا ئاغرىش، جىنسىي ھەۋەسنىڭ (شەھۋەتنىڭ) ئاجىزلاپ كېتىشى، بالىياتقۇ سوۋۇپ كەتكەنلىكتىن قىلىشىشىغا خوش ياقماسلىق، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن سەسكىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىدە جىنسىي تۇرمۇشتىكى كېلىشەلمەسلىك (ھەر ئىككىلا تەرەپ قانائەت تاپالماسلىق ) كېلىپ چىقىدۇ. بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئەر-خوتۇن مۇھەببىتى ئارىسىغا سوغۇقچىلىق پەيدا بولۇپ ئائىلىنىڭ مۇستەھكەملىكىگە دەز كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا داۋالىنىش، ئەر خوتۇن بىر-بىرىنىڭ ھالىغا يېتىشى، كەڭ قورساق بولىشى لازىم.
ئەر-خوتۇن يۇقۇرىدىكى ئەھۋاللار بىلەن تونۇشۇپ چىققاندىن كىيىن ئەڭ ياخشىسى بىرلىكتە ئولتۇرۇپ ، ئۆزلىرىدىكى كېلىشمەسلىكنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە چىرايلىق مۇڭدىشىپ ، جىنسىي تۇرمۇشتىكى ماسلىشالماسلىق، كېلىشەلمەسلىك ئەھۋاللىرىنى يېڭىشى لازىم.
ئەر-خوتۇنلار جىنسىي مۇناسىۋەتتە چىن مۇھەببىتى، پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن ھەمكارلىشىپ جىنسىي تۇرمۇشتىن تەڭ بەھرىمان بولۇپ بىر-بىرىگە يۈكسەك ھاياجان ئاتا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش لازىم. ھەر ئىككىلا تەرەپ بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ ، بىر-بىرىنىڭ ھالىغا يېتىشكەندىلا ئاندىن جىنسىي تۇرمۇشتا بىر-بىرسىدىن رازى بولىدۇ. ئەرلەر پەقەت جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىدىغان چاغدىلا ئايالىغا مۇلايىم بولۇپ كۆرۈنمەستىن بەلكى ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ مېھرىبانلىقىنى، مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىش، ئۆز ئارا ھېسسىيات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشلىرى لازىم.
چۈنكى جىنسىي تۇرمۇش ئەر-خوتۇن ئىككىلا تەرەپنىڭ بىردەك قىلىشىدىغان ئىشى بولغاچقا ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا بىردەك مۇھەببەت تۇيغۇسى مەۋجۇت بولغاندىلا ئاندىن زىچ ماسلىشالايدۇ. ئەر تەرەپ ئۆزىنىڭ شەخسىي ھېسسىياتىنى قاندۇرۇشنىلا ئويلاپ ، مىجەزىنىڭ ئىتتىكلەپ كېتىشىدىن، ئايالىنىڭ ئىختىيارى بىلەن كارى بولماسلىقتىن ساقلىنىشى لازىم. ئايالمۇ ئەرنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇش مېنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپەم دەپ قارىشى لازىم.
ئەگەر بىرلا تەرەپتە جىنسىي ھېسسىيات تۇيغۇسى قوزغىلىپ قالسا، دەسلەپتە ئۆز ئارا كۆيۈنۈش، سۆيۈنۈش كەيپىياتلىرى ئاستىدا قارشى تەرەپكە ئۆز ئارزۇسىنى ئىما-ئىشارەت قىلىشىش ئارقىلىق بىلدۈرۈش. بۇنداق قىلغاندا قارشى تەرەپكە ئۇشتۇمتۇت چىقىلغانغا قارىغاندا كۆپلىگەن خۇشاللىق بېغىشلىنىدۇ.كۆپلىگەن ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەت ئالدىدا جىنسىي ھەۋىسىنىڭ قوزغىلىشى ئۈچۈن ئەرلىرىنىڭ يېتەكچىلىك رول ئوينىشىغا مۇھتاج بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا كەيپىياتى ياخشى بولمايدۇ ياكى يېقىمسىزلىق ھېس قىلىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ مەيلىگە ، رازىلىقىغا قارىماي مەجبۇرىي ھالدا جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغاندا ، ئىككىلا تەرەپ جىنسىي ھۇزۇرلىنىشنى قولغا كەلتۈرمەيلا قالماستىن ، بەلكى كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ قارشى تەرەپتە جىنسىي مۇناسىۋەتنى يامان كۆرۈش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ.ھەمدە جىنسىي ھەۋەسنى، جىنسىي ئىقتىدارنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ھەتتا ئەر-خۇتۇن ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتكە ، ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.
جىنسىي مۇناسىۋەت ئالدىدا ئەر-خوتۇن ئىككىلا تەرەپ بىر-بىرىنىڭ جىنسىي ھېسسىياتىنى تولۇق ھەرىكەتلەندۈرۈپ يالقۇنجىتىشى لازىم.
جىنسىي تۇرمۇشتا ماسلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئالدىدىكى تەييارلىقلارنى ئوبدان ئىشلەش كېرەك.ئەر دەسلەپتە جىنسىي ھېسسىياتنى ئويغىتىدىغان سۆز ۋە ئىما-ئىشارەتلەردىن باشقا ، جىنسىي سەزگۈ رايونلىرىنى غىدىقلاش ئارقىلىق ئايالىنىڭ جىنسىي ھېسسىياتىنى قاتتىق كۈچلەندۈرۈش كېرەك. بۇنىڭغا تەخمىنەن 10 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە قەدەر ۋاقىت كېتىدۇ. ئايال تەرەپ ئىنتايىن ھاياجانلانغاندا جىنسىي يولىدىن كۆپ مىقداردا سۇيۇقلۇق ئىشلىنىپ چىقىدۇ -دە، جىنسىي يول كىرىش ئېغىزى سىلىقلىنىدۇ.
مانا مۇشۇ ۋاقىت ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتنى باشلاشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقتى. ئايالمۇ ئۆزلۈكىدىن يوشۇرۇن ھالدا بولسىمۇ ئېرىگە ماسلىشىپ ، ئىما-ئىشارەت، قۇچاقلاش، سۆيۈش قاتارلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن ماسلىشىپ بېرىشى كېرەك.
جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتىدا ئىككىلا تەرەپ جىنسىي تەلەپنىڭ داۋاملىق كۈچىيىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. جىنسىي مۇناسىۋەت ئۈستىدە ئادەمنىڭ دىققىتى چېچىلسا ، جىنسىي ھېسسىياتنىڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىش ۋاقتى ئارقىغا سوزۇلىدۇ. ئەكسىچە دىققىتى جىنسىي مۇناسىۋەتكە مەركەزلەشسە، جىنسىي ھېسسىياتنىڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىش ۋاقتى قىسقىراپ تېزرەك پەيدا بولىدۇ. ئەر-خوتۇنلار بۇ جىنسىي فىزولوگيەلىك ئالاھىدىلىككە ئاساسلىنىپ ، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتىدا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ جىنسىي يۇقىرى پەللىگە بىردەك يەتكەندە ئۆزلىرىنىڭ جىنسىي ئىنكاسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كۆرىنەرلىك ئالغا سۈرەلەيدۇ، جىنسىي قانائەتلىنىشكىمۇ ئېرىشەلەيدۇ. ئەكسىچە قىلىشىدىغان ۋاقىتتا قىلىشىش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئوي-پىكىرلەردە بولۇپ ، يوقىلاڭ نەرسىلەر ھەققىدە سۆھبەتلەر ئىلىپ بىرىلسا، مەسىلەن: بۈگۈن ئانام كەلمەكچى، پالانچى قازا قىپتۇ، يېڭى پاسوندا يوپكا چىقىپتۇ... دېگەندەك پاراڭلار بولسا ، بولۇپمۇ ئادەمنى خۇشال قىلمايدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلەشسە، ئەر-خوتۇننىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى ۋە چىرايىدىن رازى بولمايدىغان ياكى رەنجىگەندەك ئادەمنى يېقىمسىز قىلىدىغان ئىپادىلەر سادىر بولسا ئەر-خوتۇننىڭ جىنسىي ھاياجانلىنىشىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ. نەتىجىدە ، جىنسىي مۇناسىۋەتتە كېلىشەلمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم.
ئەرلەر ئۆز جىنسىي ئىنكاسىنىڭ ئاياللارغا نىسبەتەن تېز ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتىنىڭ دەسلىپىدە دىققىتىنى باشقا نەرسىلەرگە چىچىپ ، جىنسىي مۇناسىۋەتكە بەكمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ كەتمەي، سەل تىزگىنلەپ ، ئۆزىدىكى جىنسىي ھېسسىياتنىڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ ، ئايالىنىڭ جىنسىي ئىنكاسىنى تېزلەشتۈرۈپ، جىنسىي يۇقىرى پەللىسىنىڭ تېز ھاسىل بولىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەرلەرنىڭ زەكەر بېشى ، بولۇپمۇ قالپاق ئاستى ئېرىقچىسىنىڭ تۆۋەنكى قىسمى ئەڭ سەزگۈر بولۇپ، ئۇ قىسمى غىدىقلانغاندا جىنسىي ھاياجانلىنىش بەك كۈچىيىپ كېتىپ، ئاسانلا جىنسىي يۇقىرى پەللە ھاسىل بولىدۇ. شۇڭا ئەرلەر جىنسىي مۇناسىۋەتتە زەكەر ئۇچىنى ئايال جىنسىي يولىنىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرگۈزۈۋېلىپ ، ۋاقتىنچە سۇغۇرۇپ كىرگۈزۈش ھەرىكىتىنى قىلماي، ئوڭ-سولغا ئاۋايلاپ ھەركەت قىلىش ئارقىلىق زەكەرنىڭ سۈركىلىشىدىن پەيدا بولىدىغان غىدىقلىنىش بىلەن زەكەرنىڭ سەزگۈر قىسمىنىڭ غىدىقلىنىشىنى ئازايتىپ، جىنسىي يۇقىرى پەللىسىنىڭ پەيدا بولۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش لازىم. يەنە بىر تەرەپتىن، زەكەرنىڭ تۈۋى بىلەن ئۇرۇقدان خالتىسى قىسقا ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە ئاياللارنىڭ دىلچىق ۋە جىنسىي يول چوڭ-كىچىك كالپۇكلىرىنى غىدىقلاش ئارقىلىق ئاياللارنىڭ جىنسىي قوزغىلىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.
ئاياللارنىڭ جىنسىي سەزگۈ رايونلىرى ۋە جىنسىي ئەزالىرىدىكى ھۇزۇرلىنىش سېزىملىرى يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە، يېقىملىق ھوزۇرلىنىش سېزىملىرى ناھايىتى تېزلا پۈتۈن بەدىنىگە تارقىلىپ ، پۈتۈن بەدەندە بىر خىل بىلىنەر -بىلىنمەس تىترەك پەيدا بولۇپ ، جىنسىي يوللىرى ئىختىيارسىز رىتىملىق قىسقىرايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەرنىڭمۇ ھوزۇرلىنىشىنى چەكسىز كۈچەيتىدۇ. بۇ -ئاياللارنىڭ جىنسىي يۇقىرى پەللىسىگە يېتىپ بارغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مانا دەل شۇ ۋاقىتتا ئەر زەكىرىنى سوزۇپراق سۇغۇرۇپ كىرگۈزۈش ھەرىكىتىنى قىلسا ، ئەردىمۇ جىنسىي يۇقىرى پەللە ھاسىل بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى «ئۆزىنى تاشلىشى» كۆرىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاياللاردىمۇ كۆپۈنچە ئىككىنچى، ئۈچىنچى قېتىملىق جىنسىي يۇقىرى پەللە پەيدا بولغان بولىشى مۇمكىن. نەتىجىدە ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى جىنسىي تۇرمۇشتا بىردەك ئەڭ ھوزۇرلۇق قېنىشىشنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
پايدىلانغان ماتېرىيال: جىنسىي ئاجىزلىق ۋە ئۇنى داۋالاش- ئېرىك سايرانى
مەنبە: بىرزات بلوگى

ئەگەر تېخىمۇ كۆپ جىنسىيەت بىلىملىرىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn)غا bz دەپ قايتۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىڭ.
ئەگەر «ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯚﻣﯜﺭﻯ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ» ناملىق يازمىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسىغا x014 دەپ قايتۇرۇپ ئېرىشىڭ!
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى