ئاپتورى: سېرۋانىستېن
1982-يىلى 12-ئاي 1-نەشرى
1983-يىلى 1-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-35000
ISBN:10098606
باھاسى:100.00
مەزمۇنى
بۇ – ئىسپان يازغۇچىسى سېرۋانىستېن 17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يازغان رىيالىستىك رومان . ئۇنىڭدا ، ئاساسەن ، بىر كەمبەغەل ئىدالگونىڭ رېتسارلار توغرىسىدىكى رومانلارنى ئوقۇۋېرىپ ئەقلىدىن ئادىشىپ ، ئىسمىنى دون كىخوت دەپ ئۆزگەرتىپ ، سانچو پانسا دېگەن بىر داخاننى ئۆزىگە خىزمەتكار قىلىپ ، جاھان كېزىپ يورۇپ ، رېتسارلىق تۆھپىسى يارىتىش خىيالىدا بولغانلىقى ، يوللاردا نۇرغۇن قىزىقچىلىقلارنى قىلغانلىقى ، بىر مۇنچە دەردلەرنى تارتقانلىقى ، ئاخىرىدا رەسۋا بولۇپ ،ئۆيىگە قايتىپ ئۆلگەنلىكى تەسۋىرلەنگەن . ئاپتورنىڭ بۇ روماننى يېزىش مەقسىتى بىر مەزگىل كەڭ تارالغان مەزمۇنى مەنىسىز رېتسارلار توغرىسىدىكى تەرجىمىھال خاراكتېرلىك رومانلارنى رېتسارلار ئەدەبىياتىغا تەقلىد قىلىپ مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن ئىدى . لېكىن ئاپتور دون كىخوت جاھان كېزىپ يۈرگەن جەريانىنى تەسۋىرلىگەندە ، ئىسپانىيىنىڭ شۇ زاماندىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ كەڭ مەنزىرىسىنى سۈرەتلەيدۇ ، فېئودال ھۆكۈمرانلىقنىڭ جاھالەتلىكى ۋە چېرىكلىكىنى پاش قىلىپ ، ئەدەبىي گۈللىنىش دەۋردىكى ئىنسانىيەتچىلىك ئىدىيىسىنى ئىپادىلەيدۇ . بولۇپمۇ دون كىخوت بىلەن سانچو – بۇ ئىككى پېرسوناژ غەرب كلاسسىك ئەدەبىياتىدا ھەممە بىلىدىغان بەدىئىي تىپ بولۇپ قالىدۇ . ئىنقىلابىي ئۇستاز ماركىس ، ئېنگېلس ۋە لېنىنلار «دون كىخوت» قا يۇقىرى باھا بېرىدۇ ،ئۆز ئەسەرلىرىدە بۇ روماندىكى پېرسوناژلار ھەم ۋەقەلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ ، ئۆزلىرىنىڭ نۇقتىنەزەرلىرىنى شەرھلەيدۇ ۋە بەس – مۇنازىرىلەردە ئۆز مۇخالىپلىرىنى مەسخىرە قىلىدۇ.
بۇ كىتابنى تەھرىرلەش ئىشىغا يولداش ئابلىز نازىرى ياردەملەشتى ، بۇ يولداشقا رەھمەت ئېيتىمىز.