ئىنسان قېلىپىدىن چىققان گىتلېر

سەھپە: كىتاپلار باھا:0

ئىنسان قېلىپىدىن چىققان گىتلېر

ئاپتورى:شيې لىفۇ

1998-يىلى3-ئاي 1-نەشرى

1998-يىلى3-ئاي 1- بېسىلىشى

تىراژى:1-4000

باھاسى:30.00

ISBN:722803545

كىرىش سۆز

2- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقىنىغا قىرىق يىل بولۇپ قالدى .ئەمما ، گېرمانىيە ، ئىتالىيە ، ياپونىيە فاشىستلىرىنىڭ دۇنيا خەلققە كەلتۈرگەن ئېغىر بالايىئاپەتلىرى ھېلىھەم خۇددى تۈنۈگۈنكىدەكلا ئېسىمىزدە تۇرۇپتۇ .

گىتلېر 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باش جىنايەتچىسى ، گېرمانىيە فاشىستلىرى ئېلىپ بارغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ باش بالاخور . بۇ ناتسىستلار كاتتىۋېشى ھاكىمىيەتنى تاللىۋالغانلىقىنىڭ ئەللىك يىللىقى ھارپىسىدا ، غەربىي ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ فاشىزمنىڭ ئۆتمۈشكە ئادەتتىن تاشقىرى كۆڭۈل بۆلمەكتە . گېزىتلەر ، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى مەخسۇس سان ياكى پەۋقۇلئاددە پروگراممىلارنى ئىشلىدى . ئالىملار خىلمۇ خىل مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئاچتى . فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدىكى خەلق نامايىش ئۆتكۈزۈپ ، فاشىزمنىڭ تىرىلىشىگە قارىشى تۇردى .كىشىلەر : ئەينى ۋاقىتتا ھوقۇق نېمە ئۈچۈن گىتلېرغا تاپشۇرۇلغان ؟ بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئېلىش لازىم ؟ دېگەنلەرنى ئويلىماقتا.

گىتلېرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىبلىسنىڭ تۆرىلىشىمۇ ئەمەس ، شۇملۇق ئىلاھىنىڭ ئاسماندىن چۈشىشىمۇ ئەمەس ، بەلكى بۇ مۇئەييەن تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئىش ئىدى . بىر جەھەتتىن ئاقكۆڭۈل خەلق ئەينى ۋاقىتتا ھىيلە – مىكىرگە تولغان گىتلېرنى تېخى تولۇق تونۇپ يەتمىگەچكە ، ئۇنىڭ مىللىي قىساسنى قۇترىتىش سۇيىقەستىنى ۋاقتىدا ئېچىپ تاشلىيالمىغان . يەنە بىر جەھەتتىن ، 1933-يىلىدىن 1929-يىلىغىچە غەرب دۇنياسىنى قاپلىغان ئىقتىسادىي بوھران ، شۇنداقلا غەرب ئەللىرى يولغا قويغان ماداراچىلىق سىياسىتىمۇ گىتلېرنىڭ تەختكە چىقىشى ۋە كېيىن ئارمىيىنى كېڭەيتىپ ئۇرۇشقا ھازىرلىق قىلىشىغا ئوبيېكتىپ شارائىت يارىتىپ بەرگەن .

تارىخ دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈش ياكى پەسىيىش داۋامىدا ، خىلمۇ خىل قارانىيەتچىلەر ۋە ئۇرۇش تەلۋىلىرى پات – پات چىقىپ تۇرىدۇ . ئۇلار ھە دېسىلا كىشىلەرنى قايمۇقتۇرىدىغان ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالىدۇ .ھوقۇق قولغا ئۆتكەن ھامان ، ئەسەبىيلەرچە تاجاۋۇزچىلىق -كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ ، خەلقنى ئازاب – ئوقۇبەت دېڭىزىغا ئىتتىرىۋېتىدۇ .گەرچە ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ خەۋپى يەنىلا مەۋجۇت.

نۆۋەتتە كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان كاپىتالىستىك ئىقتىسادىي بوھران فاشىزمنى پەيدا قىلىدىغان مەنبەگە ئايلىنىپ قالامدۇ قانداق ؟كىشىلەرنىڭ بۇ ئەندىشىسى ھەرگىز بىھۇدە ئەمەس . گىتلېرنىڭ قالدۇقلىرى ۋە ئاشۇ بەتنىيەت ئەبلەخلەر ھېلىھەم قۇترىماقتا ئامېرىكىدىكى بىر ژۇرنالنىڭ خەۋەر قىلىنىشىچە ، ھازىر فېدېراتىپ گېرمانىيىدە گىتلېر ۋە فاشىزمغا ئائىت كىتابلار بازار تاپقان . 1982-يىلىنىڭ ئاخىرى ، ناتسىست ھاۋا ئارمىيىسىدىكى جاھىل ئۇنسۇر فىرانكفورتتا جېدەل چىقىرىپ ، فاشىست شوئارلىرى توۋلىدى ، يولۇچىلارغا ھۇجۇم قىلدى . ئىتالىيىدە ، سابىق فاشىست پارتىيە كاتتىۋېشىنىڭ ئەسلىمىسى 2200 دوللارلىق يۇقىرى باھادا تېزلا سېتىلىپ تۈگىدى . كىشىلەر «M نى سۆيىمەن» دىگەن ھەرپنى ئىزناكنى ئاشكارا تاقاپ يۈردى . بۈگۈنكى كۈندە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كەسكىن تالاش – تارتىشلىرى دۇنيادىكى داۋالغۇشنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرمەكتە ، ئەجەبا بۇلار بىزنىڭ ھوشيار بولۇشىمىزغا ئەرزىمەمدۇ ؟

ئۆتمۈشنى ئەسلىسەڭ ، ھازىرقىسىنى چۈشىنىسەن . بىز گىتلېرنىڭ جىنايەتلىك ھاياتىدىن نېمىلەرنى بىلەلەيمىز ؟قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك قانداق ساۋاقلىرى بار ؟ مانا بۇ كىتاب جاۋاب بەرمەكچى بولغان مەسىلە. مەن پاكىتلار ئارقىلىق مۇنۇلارنى چۈشەندۈرمەكچىمەن : گىتلېر سىياسىي ساھەگە قانداق قەدەم باستى ، يەتتە كىشىلىك كىچىك پارتىيىنى قانداقلارچە بىر سەكرەپلا دۆلەت ھاكىمىيىتى قولغا چۈشۈرگەن چوڭ پارتىيىگە ئايلاندۇردى ؟ قانداق ھىيلە – مىكىرلەرنى ئىشلىتىپ سىياسىي رەقىبلىرىنى قانداق مەغلۇپ قىلىپ گېرمانىيىنىڭ چوققىسىغا چىقتى ؟ ۋېرسال سۈلھى شەرتنامىسىنى قانداق يىرتىپ تاشلىدى ؟ يەنە قانداق قىلىپ قان تۆكمەيلا ئاۋسترىيە ، سۇدېتېن رايونى ۋە پۈتكۈل چېخ-سىلوۋاكىيىنى ئىشغال قىلدى ؟ ئارقىدىنلا ئۇ يەنە قانداق قىلىپ دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغاپ ، ياۋروپانىڭ چوڭ يېرىمىنى ئىشغال قىلالىدى ؟ يەنە قانداق بولۇپ ۋەدىسىدە تۇرماي سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلدى ۋە ئاخىرىدا گىتلېر ۋە ئۇنىڭ 3- ئىمپېرىيىسىنى ھالاكەتكە دۇچار قىلدى ؟ «ئىنسان قېلىپىدىن چىققان – گىتلېر» ناملىق بۇ كىتابنى مەن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ياۋروپا – ئامېرىكا ئەللىرىدە يېزىلغان 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا ئائىت ماتېرىياللار ئاساسىدا يېزىپ چىقتىم گىتلېرنىڭ ھاياتى ۋە كەچمىشلىرى توغرىسىدا ئاساسلىق ۋەقەلەر ئايدىڭلاشتۇرۇش يۈزىسىدىن ئون نەچچە مىليون خەتلىك جۇڭگو ۋە چەت ئەل يېزىقىدىكى ماتېرىياللارنى ئوقۇدۇم . بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيىدە تۈزۈلگەن 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تارىخى ، چېرچىلنىڭ «ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئەسلىمە»، «3- ئىمپېرىيىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتىم» ۋە «فاشىست دىكتاتورىسى دەۋرىدىكى گېرمانىيە» ،«مېنىڭ كۈرەشلىرىم» قاتارلىقلار بار . بۇ ماتېرىياللاردا ئاپتورلارنىڭ مەيدانى ، نۇقتىئىنەزىرى ئوخشىمىغاچقا ھەممىسىدىن مۇئەييەن ئېغىشچانلىق مەۋجۇت. مەن مەزكۇر كىتابنى يېزىش داۋامىدا ، بۇ ماتېرىياللارنىڭ مېغىزىنى قالدۇرۇپ شاكىلىنى تاشلىۋىتىشكە تىرىشتىم ، تارىخىي ماتېرىيالىزم نۇقتىئىنەزىرى بىلەن بايان قىلدىم . لېكىن ، سىياسىي سەۋىيەم ۋە تارىخ بىلىمىمنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ، نامۇۋاپىق جايلار ياكى خاتالىقتىن ساقلانمىقىم تەس ، كىتابخانىلارنىڭ كۆرسەتمە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

شيې لىفۇ

1983-يىلى ئاپرېل بېيجىڭ

============================

2011.03.9 ئاپتور: ئوغۇز
خەتكۈچ: ،
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se