«تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن 11-ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىگە نەزەر

سەھپە: كىتاپلار باھا:0

 

«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن 11-ئەسىردىكى تۈركىي خەلىقلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىگە نەزەر
ئاپتورى:رېشات گەنچ
باھاسى:40.00
2010-يىلى 12-ئاي 1-نەشرى
2010-يىلى 12-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:0001-4000
ISBN:9787105111954
مۇقەددىمە
تۈركولوگىيە ساھەسىگە قارىتا ئېيتقاندا ، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىنىڭ تېپىلىشى شۈبھسىزكى ، ئورخۇن ئابىدىلىرىدىن كېيىنكى ئەڭ زور ، ئەڭ قىممەتلىك بىر ئەسەرنىڭ بايقىلىشى ھېسابلىنىدۇ . چۈنكى ئۇ تۈركىي تىل تارىخى ، ئەدەبىياتى ، فولكلورىنىڭ ، قىسقىسى ، تۈركىي خەلقلەر مەدىنىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ خەزىنىسىدۇر . شۇنداق بولۇپ تۇرۇقلۇق ، بۇ ئەسەر تېپىلىپ ، نەشر قىلىنىپ ، ھەتتا تەرجىمە قىلىنىپ شۇنچە يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ ، ئەپسۇسكى بۇ ئەسەر ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتى قاتارلىق مەزمونلار ياخشى تەتقىق قىلىنغىنى يوق . «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك »ۋە ئۇنىڭ ئاپتورى ھەققىدە يېزىلغان تۈرلۈك ئەسەر ۋە ماقالىلەر مەزمۇن جەھەتتىن بۇ قىممەتلىك ئەسەرنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىشتىن خېلىلا يىراقتا تۇرماقتا.
«<دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك> دىنXI ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىگە نەزەر» ناملىق بۇ ئەسەرنى يېزىشتىكى مەقسىتىمىز «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تە ، يەنى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ بۇ ئەڭ چوڭ خەزىنىسىدە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت مەۋجۇتلۇقىنى بىر پۈتۈن ھالەتتە ، ئومۇميۈزلۈك تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر . شۇنداق بولغاچقا ، مۇشۇ تەتقىقات جەريانىدا «دىۋان» دا ئېيتىلغانXI ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ھازرىرقى تۇرمۇش ئادىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقتۇق . مۇشۇ سېلىشتۇرۇش مەقسىتىدە ، ئالدى بىلەن مەرھۇم ئۇستازىم پروفېسور، دوكتور ئاقدەس نىمەت قۇرات ۋاپات بولغانلىقى ئۈچۈن ، ھۆرمەتلىك ئۇستازىم پروفېسور ، دوكتور فارۇق سۈمەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە «<دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك> نىڭ ئاپتورى مەھمۇد كاشغەرىيگە ئاساسلانغاندا ،مىللىي ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھالىتى » دېگەن تېمىدا بىر دوكتورلۇق ئۇنۋان ماقالىسى يازغانىدىم.
مۇشۇ دوكتورلۇق ماقالىسىنى يېزىش ئۈچۈن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۆزى ئەسىرىدە بەرگەن بىلىملەرنىڭ قىممىتىنى جارىي قىلدۇرۇپ ، ئۇنىڭدىن پايدىلانغان ۋاقتىمىزدا ، ئالدى بىلەن ئاپتورنىڭ ئۆزى يازغان بىلىملىرىنى سۆزمۇسۆز ، جۈمىلمۇجۈملە ئۆگىنىپ ، ئۇنى مەزمون تېمىلىرىغا ئاساسەن تۈرلەرگە بۆلۈپ ، ئايرىپ چىقتۇق . شۇنداق قىلىپ «دىۋانن» نىڭ ھەر خىل جىلد ۋە ئوخشىمىغان بەتلىرىدە تارقاق يېزىلغان بۇ بىلىملەرنى ئۆزى تەۋە بولغان مەزمۇننىڭ ماددىلىرى بويىچە يىغىپ ، رەتلەپ ، ئاپىرىپ تۈزۈپ چىقتۇق.
يەنە ھەربىرتېمىلارنى تاللاش ، ئىشلەش بولۇپمۇ يورۇتۇپ بېرىشتە ئالدى بىلەن «دىۋان» نىڭ ئاساسىي مەنبە قىلىش بىلەن بىللە يەنە باشقا مەنبە ۋە ماتېرىياللاردىنمۇ ئاز – تۇلا پايدىلاندۇق . يەنە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈئشكە توغرا كېلىدۇكى «دىۋان» ھەققىدە تەتقىق ئېلىپ بارغان ئەسەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى چەت ئەلدە نەشر قىلىنغاچقا ، بۇ ئەسەرلەرنى تولۇق قولغاكەلتۈرۈش ياكى بۇلاردىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيەتتىن ناھايىتى يىراق . بۇ تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەنبە ۋە تەتقىقاتلارنى كۆرۈپ چىقىشقا ناھايىتى ئوزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىندىغان ئىش .شۇڭا بىز بۇلاردىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن تولۇق پايدىلانغىنىمىزدا ، بۇ بىر ئىلمىي ماقالىنىڭ ئۈچ قىسىمنىڭ ھەربىر قىسىمىنى ئۆز ئالدىغا ئايرىم – ئايرىم بىر ئەسەر قىلىپ يېزىشقا توغرا كېلىدۇ . مۇشۇ سەۋەپتىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىزاھلاش زۈرۆر بولغان مەسلىلەردىلا باشقا ئەسەرلەرگە مۇراجىئەت قىلدۇق . ئۇنىڭدىن سرىت باشقىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بەزى تېمىلاردىكى تەتقىقاتلارنىڭ مۇھىملىرىغا ئىزاھ بېرىلدى . قولغا كەلتۈرەلىگەن ماتېرىياللاردىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە پايدىلىنىپ ئىزاھلاپ بايان قىلدۇق . يەنى ، كۆپ مەسلىلەرنى ئاساسەن «دىۋان» غا تايىنىپ بايان قىلدۇق . راست گەپنى ئېيتقاندا ، بىز تەتقىق قىلغان كۆپ تېمىلار ھەققىدە «دىۋان» دىن باشقا ئەسەرلەردىن ھەقىقەتەن ئانچە كۆپ مەلۇمات ئىزدەپ تاپقىلى بولمايدىكەن.
بۇ تەتقىقاتنى 1969-يىلى باشلىغان ، ئارىدا ئەسكەرلىك بۇرچۇمنى ئۆتەش زۈرۆر بولۇپ قالغاچقا، كېچىكىپ ، 1974-يىلى تاماملىدىم . شۇنداق كېچىكىشنىڭ ئۈستىگە يەنە نۇرغۇن سەۋەپلەر بىلەن بۇ ئەسەر تا بۈگۈنكى كۈنگىچە نەشر قىلىنمىدى .
ھازىرقى تۈرك مەدەنىيىتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ غەمخۇرلۇقى بىلەن 1974-يىلى ھازىرلانغان ، پېقىرنى «ئەدەبىيات دوكتورى» ئونۋانغا ئىگە قىلغان بۇ تەتقىقات ئەسىرىم نەشر قىلىنش ئالدىدا تۇرۇپتۇ . نەشر قىلىنىش ئالدىدا ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىللە بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ، يەنە بىر قېتىم تۈزۈتۈپ چىقتىم . ئۇنىڭدىن باشقا «دىۋان» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تولۇق بىر «پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى» ھازىرلاپ قوشتۇم .
يەنە بىر تەرەپتىن ، «<دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك> نىڭ ئاخىرقى ئاپتورى مەھمۇد كاشغەرىيگە ئاساسلانغاندا XI تۈركى خەلقلەرنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، مىللي ، ئىجتىمائىي ۋە ۋە مەدەنىيەت ھالىتى» دېگەن بۇ تېما ناھايىتى ئۇزۇن بولغاچقا ، مەيلى ئېغىز تىلىدا ، مەيلى يېزىق تىلىدا قوللىنىشقا ئەپسىز . شۇنىڭ ئۈچۈن نەشر قىلىنىش ئالدىدا ئەسەرنىڭ ئىسمى قىسقارتىلىپ «<تۈركىي تىللار دىۋانى> دىن 11-ئەسىردىكى تۈرك دۇنياسى» دەپ ئالدۇق
بۇ ئەسەر ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بىرىنچى قىسىمى XI ئەسىردىكى تۈركى خەلقلەرنىڭ سىياسىي ئېتنىك ئەھېئالى، تۇرمۇش ئەھۋالى ، ئۆزى ئارا مۇناسىۋەتلىرى، ۋۇ تۇرمۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆزى ئىچىگە ئالىدۇ .
ئىكككىنچى قىسىمى XI ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئائىلە قۇرۇلمىسى ، تۇققانچىلىق مۇناسىۋەتلىرى ، ئايماق ، قەبىلە ، كۈندىلىك تۇرمۇش ، دىنىي ئىتتىقادى ، تۇرمۇش ئۆرۈپ – ئادىتى، تىبابەتچىلىك ، كىيىم – كىچەك ، ئۆي ئىمارەت ، كالېندار ، خەۋەرلىشىش ئۇسۇلى ۋە قاتناش ئىشلىرى ، ئات جابدۇقلىرى ، قۇرال – ياراغلىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆزى ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۈچۈنچى قىسىمىدا XI ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان پۇل ۋە تىجارەت ، دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق ، ئوۋچىلىق ، بېلىقچىلىق ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ، شۇنداقلا باشقا كەسپىي تارماقلارنى ئايرىم – ئايرىم تونۇشتۇرىشىقا ئلاھىدە ئەھمىيەت بەردۇق.
بۇ تېمىلارنى يورۇتۇشتا «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نىڭ ھەم كىلىسلى رىفات تەييارلىغان نەشرىدىن ھەم بەسىم ئاتالاي نىڭ تەرجىمىسىدىن پايدىلاندۇق . خېلى كۆپ جەريانلاردا تەرجىمىدە خاتا جايلار كۆرسىتىلدى ، ئەمما بۇ تەتقىقاتىمىزنىڭ ئاساسىي مەنبەسى بولغان «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» دېگەن ئىسىمنىڭ ناھايىتى كۆپ تەكرارلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىزھاتتا «كىلسىلي نەشرى» ۋە «ئاتالاي تەرجىمىسى» دېگەن ئىككى قەدىرلىك ئالىمنىڭ ئىسمىغا يىغىنچاقلاپ بەردۇق.
يەنە، كىلىسلىك مۇئەللىم رىفات بىلەن بەسىم ئاتالاي نىڭ ئىسىملىرىنى قىسقارتىپ كىلىسلى ۋە ئاتالاي دەپلا ئالدۇق ۋە مەنبەنىڭ بەت نۇمۇرلىرىنى بەردۇق .
ترانسكرىپسىيىدە خ
داۋامى بار

===================داۋامى بار=============

2011.03.10 ئاپتور: ئوغۇز

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se