بۆرەك ياللۇغى ئاغرىقلىرى باناننى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك
يانفوندا كۆرۈش
بۆرەك بەدەندىكى ئىئونلارنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ۋە بەدەننىڭ كىسلاتا ئىشقارلىقىنى تەڭشەيدىغان، بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى سۈيدۈك بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ، قاننى تازىلايدىغان مۇھىم ئەزا.
بۆرەك ياللۇغلانغاندا بۆرەكنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدىغانلىقتىن، كۆپ ھاللاردا سۈيدۈك ئازىلاپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قاندىكى مۇھىم ئىئونلارنىڭ بىرى بولغان كالىي ئىئونىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنىڭ ساقلىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ. چۈنكى كالىي ئىئونى سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدىغان بولغاچقا، سۈيدۈك ئازلاپ كەتسە قاندىكى كالىي ئىئونىنىڭ قويۇقلۇقى يۇقىرىلاپ كېتىپ، قورساق كۆپۈش، پۇت – قول ماغدۇرسىزلىنىش، يۈرەك رېتىمى قالايمىقانلىشىش، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈپ كېتىشتەك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بانان تەركىبىدە دەل كالىي تۇزلىرى بىر قەدەر مول بولغانلىقتىن، ئەگەر بۆرەك كېسىلى ئاغرىقلىرى باناننى كۆپ ئىستېمال قىلسا، كالىي ئىئونىنىڭ بەدەنگە كۆپلەپ قوبۇل قىلىنىشى تۈپەيلىدىن، قاندىكى كالىينىڭ قويۇقلىقى ئېشىپ كېتىدۇ –دە، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى جىددىي خاراكتېرلىك ياكى ئاستا خاراكتېرلىك بولسۇن، بۆرەك ياللۇغى ئاغرىقلىرى باناننىكۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.