ئادەمنى ساغلاملاشتۇرىدىغان ۋە كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان ھەرىكەتلەر
ۋاقتى: 2016-07-29
ئاۋاتلىقى: 1050 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
1. مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان ھەرىكەت-سەكرەش، بىنالارنىڭ پەلەمپىيىدىن چىقىپ-چۈشۈشكە ئادەتلىنىش.
2. ئادەمنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدىغان، كىلىتلارنى ياشارتىدىغان ھەرىكەت-تېز مېڭىش، يۈگۈرۈش، تانسا، ئۇسسۇل ئويناش، ئات چاپتۇرۇش.
3. كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدىغان ھەرىكەت-تىكتاك توپ ئويناش.
4. يۇقىرى قان بېسىمنى نورماللاشتۇرىدىغان ھەرىكەت-پىيادە سەيلە قىلىش، ۋېلسىپىت مىنىش.
5. ئۇرۇقلىتىدىغان ھەرىكەت-سۇ ئۈزۈش، چاڭغا تېيىلىش، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش.
6. بەدەننى گۈزەللەشتۈرىدىغان ھەرىكەت-گۈزەللىك گىمناستىكىسى ئويناش، قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش.
7. بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدىغان ھەرىكەت-پىيادە تېز يول مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش.
8. يۈرەكنى ساغلام قىلىدىغان ھەرىكەت -مەنزىرىلىك، ھاۋالىق جايلاردا سەيلە قىلىش.
9. ئادەمنى تېز قېرىتىدىغان ئامىل-ھورۇنلۇق، چېچىلاڭغۇلۇق، قالايمىقان خام-خىيالنى كۆپ قىلىش.
10. ئادەمنى كېسەل قىلىدىغان ئامىل-چارچاش، روھىي چۈشكۈنلۈك، ئۇيقۇسىزلىق، تاماقنى ۋاقتىدا يېمەسلىك.
11.كېسەلنى ئېغىرلاشتۇرىدىغان ئامىل-ئاچ كۆزلۈك، تاماقنى بەزىدە كۆپ، بەزىدە ئاز يېيىش، كېسىلىگە نېمىنىڭ زىيانلىقلىقىنى بىلمەسلىك.
12. قان بېسىمىنى جىددىي ئۆرلىتىدىغان ئامىل-تولا ئاچچىقلىنىش، ئۇيقۇسىزلىق، زىيادە چارچاش.
13. ئادەمنى زىيادە سەمرىتىدىغان ئامىل- كۆپ يېيىش، كۆپ يېتىش، ئاز ھەرىكەت قىلىش، كۆپ ئولتۇرۇش.