7-باب ئاۋال مۇش كۆتۈرۈش

2009-يىلى 28-ئاۋغۇست، جۇڭگو دۇنياغا بايانات ئېلان قىلىپ، شىنجاڭ رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن، شىنجاڭ رايونىدىكى شەرقىي تۈركىستان تېرورچى ئۇنسۇرلىرىغا قەتئىي زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. دەل شۇ چاغدا، جۇڭگونىڭ شىزاڭ چېگرىسىدىكى توپچى قىسىم ۋەتىنىمىز تۇپرىقىغا بېسىپ كىرگەن ھىندىستان چېگرا چارلاش ئەترىتىگە كۈچلۈك زەربە بېرىۋاتاتتى! نەق مەيداندا ھىندىستان ئارمىيىسىدىن 13 ئادەم ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى. جەنۇبىي دېڭىز دېڭىز تەۋەلىكىدىكى فىلىپپىن ۋە خەلقئارا نېفىت تەشكىلاتى ياسىغان نېفىت بۇرغىلاش سۇپىلىرى مەجبۇرىي بۇزۇپ تاشلاندى. بۇ ئىشلار خەلقئارادا غولغولا قوزغىدى! جۇڭگو ھۆكۈمىتى نېمە بولغاندۇ؟ نەچچە ئون يىلدىن بېرى يۇمشاقباش دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان جۇڭگو بىردىنلا 180گرادۇس ئۆزگىرىپتۇ! خەلقئارادىكى جۇڭگوغا قارشى تەشكىلات بۇنى «جۇڭگو ئىمپىراتورلىقى»نىڭ ماھىيىتى ئاشكارىلاندى، دەپ ئاتىدى. پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەردىن جۇڭگو ئىمپىراتورلىقىنى ئاغدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى!

ب د ت دا، فىلىپپىن بىلەن ھىندىستان ۋەكىلى كېلىش بىلەنلا ئىككى سائەتتىن نوتۇق سۆزلىدى! جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلدى، ھەربىي قىسىملىرىنى سەۋەپسىزلا ئۆلتۈرگەنلىكى بۇ دۆلەتلەرگە قىلغان قوراللىق ئىغۋاگەرچىلىك، پۈتۈن دۇنيانىڭ تېنچلىقىنى دەپسەندە قىلغانلىق دەپ ئەيىپلىدى! ئاخىرىدا، جۇڭگو جىنايەتنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالدى دەپ شەرھىيلىدى. فلىپپىن ۋە ھىندىستان ۋەكىللىرى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بەخىرامان ھالدا:

ــ ۋەتىنىمىزدىكى شىزاڭدا يۈر بەرگەن توپچى قىسىملىرىمىزنىڭ ھىندىستان چارلاش قىسىملىرىنى ئاتقانلىقى، بۇ پۈتۈنلەي تەسادىپىيلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىندىستان ھۆكۈمىتى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. جەنۇبىي دېڭىزدا بىزنىڭ ئۆز دېڭىز تەۋەلىكىمىزدىكى نېفىت بۇرغىلاش سۇپىلىرىنى بۇزغانلىقىمىزنىڭ فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى باركىن؟ مەن تېخى سىلەرنى مەملىكىتىمىزنىڭ تۇپرىقىغا ھۇجۇم قىلغان، دۆلىتىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، خەلقئارا نېفىت تەشكىلاتى بىلەن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، قانۇنسىز ھالدا نېفىت بۇرغىلاش سۇپىلىرىنى ياساپ، دۆلىتىمىزنىڭ نېفىتىنى ئوغرىلىغان دەپ ئەرز قىلماقچى! سىلەرنىڭ بۇنداق قىلغانلىقىڭلارنىڭ قاراقچىلار بىلەن قانداق پەرقى بار؟ــ دېدى.

دەل شۇچاغدا، ب د ت دىكى ھەرقايسى ئەللەر ئۆز قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەيلا قالدى، بۇ خىل تەلەپپۇزدىكى سۆزلەر باشقىلارنى جەڭ قىلىشقا كۈشكۈرتكەنلىك بىلەن بارابەر ئىدى. فىلىپپىن ۋەكىلى ئاچچىقىدىن سۆزمۇ قىلالماي قالدى! ھىندىستان ۋەكىلى غەلۋە قىلىشقا باشلىدى:

ــ سىلەر ئاۋال ئوق ئېتىپ بىزنىڭ قىسىملىرىمىزنى ئۆلتۈرگەن تۇرۇقلۇق، بىزنى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، دەيسىلەرغۇ؟ سەن! سەنلەرنىڭ بۇ قىلغىنى يولسىز غوۋغا قىلغانلىق!

جۇڭگو ۋەكىلى زەردە بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ دېدى:

ــ يولسىز غوۋغا قىلىۋاتقىنى سەنلەر! بىزنىڭ توپچى قىسىملىرىمىز زەمبىرەكلىرىنى سەنلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىڭلەرگە ئاتقىنى يوق، كىم سەنلەرنىڭ چارلاش ئەترىتىڭلارنى چېگرىدىن ئۆتسۈن دەپتۇ! ئۆلگەن بولسا خوپ بوپتۇ!!!

شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ۋەكىلى بىلەن ھىندىستان ۋەكىلى نەزەرىيە سۆزلەشتىن تەدرىجىي جاڭجاللىشىشقا ئۆزگەردى، ب د ت نىڭ رەئىسى ئامالسىز، بۈگۈنكى يىغىننىڭ ۋاقىتلىق توختىغانلىقىنى، ئىككى كۈندىن كېيىن داۋاملىق ئېچىلىدىغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولدى.

باشقا دۆلەتلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىشقا باشلىدى، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە ياپونىيىلەر جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلدى، بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش لازىم دەپ ئەيىپلىدى. ئەمما پاكىستان قاتارلىق 3-دۇنيا ئەللىرى جۇڭگو بۇرۇنراق مۇشۇنداق قىلىشى كېرەك ئىدى دەپ قارىدى! توردا جۇڭگو، ھىندىستان، فىلىپپىن ئۈچ دۆلەتنىڭ قارا مېھمانلىرى ئۆز ئارا جەڭ قىلىشىپ كەتتى! جۇڭنەنخەيدە شتاب باشلىقى دېڭ جيەنگو مۇنداق دېدى:

ــ شەرقىي تۈركىستان قىسىملىرى ئارال شەھىرىدە ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»نى قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى، ئەسكەرلىرىنى 17مىڭ ئەتراپىغا يەتكۈزدى. ھىندىستانمۇ چېگرىغا قوشۇنلىرىنى توپلشقا باشلىدى، فىلىپپىنمۇ بىزنىڭ بېلىقچى كېمىلىرىمىزگە توختاۋسىز ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، ئامېرىكا يەنە بىر ئاۋېئاماتكا ئەترىتىنى تېنچ ئوكيانغا ھەيدەپ كەلدى.

جوۋتيەنخۇا تاماكىسىنى بىر شورىۋېتىپ:

ــ رەئىس، بىر قېتىمدا شۇنچىۋالا دۈشمەننى قىززىقتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ــ دېدى. لى رەئىس:

ــ ئەلۋەتتە! بىزنىڭ بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغىنىمىز ئالدى بىلەن ئەتراپتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئامېرىكا ۋە ياپونىيىمۇ قالايمىقانلىشاي دەپ قالدى، ئۇلارنىڭ بىزنى باشقۇرغۇدەك چولىسى قالمايدۇ. ھازىر بىزنىڭ گېن كومپيۇتېرىمىز ھىندىستان ۋە فىلىپپىننىڭ بارلىق كومپيۇتېر سىستېمىلىرىنى كونترول قىلىپ بولدى، بىز بىرلا بۇيرۇق چۈشۈرسەك، ھىندىستاننىڭ يادرو بومبىلىرى فىلىپپىنگە قاراپ ئۇچىدۇ،ــ دېدى. سىياسىي كېڭەش رەئىسى چېن رۈيجيې:

ــ ياپونىيە باش ۋەزىرى بىلەن ئامېرىكا ئەلباشىنىڭ سۆھبىتىگە ئاساسلانغاندا، ئۇلار ئىككى كۈندىن كېيىن ب د ت يىغىنىدا بىزگە ئىقتىسادىي ئىمبارگۇ يۈرگۈزۈشنى قارار قىپتۇ،ــ دېدى. لى رەئىس سوغۇق كۈلۈمسىرەپ:

ــ ھىم! مەن ئۇلارنىڭ جازالىشىنى كۈتۈۋاتاتتىم! جازا باشلىنىدىكەن، مەن دەرھال ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىپ، كۆتىنى ئېچىپ قويىمەن! ھە راست! گېنرال لى شۇگېن، شەرقىي تۈركىستان تەرەپنىڭ تەييارلىقلىرىنى قانداقراق قىلدىڭىز؟ــ دېدى. لى شۇگېن:

ــ ئۇلار كىرىۋالغان شەھەر ئارالدا نوپۇس كۆپرەك بولغانلىقتىن، بىز ئۇ يەرنى بومباردىمان قىلساق بولمايدىكەن، شۇڭا بىز كۆرۈنۈشتە چېكىنگەن بولۇپ، ئۇلارنى شەھەر سىرتىغا چىقىرىپ ئاندىن يوقاتماقچى، شۇڭا ئۇلار يەنە بىر نەچچە كۈن كۆرەڭلەپ يۈرۈۋالسۇن،ــ دېدى. لى رەئىس بىر تىنىۋېلىپ:

ــ ئامال بار تېزراق بولۇڭلار، ھىندىستان ۋە فىلىپپىنگە ئۇرۇش باشلاشتىن بۇرۇن ئۇلارنى يوقىتىڭلار!ــ دېدى. لى شۇگېن:

ــ خوپ، ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا كاپالەت بېرىمەن!ــ دېدى.

يەرلىك خەلقنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشى ئاستىدا، شەرقىي تۈركىستان كونتروللۇقىدىكى يەرلەر بىرقەدەر مۇقىم ھېسابلىناتتى. بىنانىڭ دەرىزىسى ئالدىدا تۇرغان شەرقىي تۈركىستان قىسىملىرىنىڭ ئەڭ ئالىي قۇماندانى ئابات ئالدىدىكى كۆز يەتكۈسىز زېمىنغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى، ئابات بولسا سابىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىم ئۇنسۇرلىرىدىن بىرى ئابباسنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئابباس نەچچە يىل ئاۋال قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنىدى. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئىنتىقام ئېلىش چوڭقۇر ئوناشقان ئىدى، نەچچە يىلدىن بېرى ئۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ ئالىي قۇماندانى بولدى، ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس – يادى دادىسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىپ، بېيجىڭغىچە ھۇجۇم قىلىپ بېرىپ، خەنزۇلارنى جۇڭگودىن قوغلاپ چىقىرىش ئىدى، ھازىر پۇرسەت پىشىپ يېتىلدى، ھىندىستان، ئامېرىكا ۋە ياپونىيىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ئاستىدا، ئۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە جۇڭگونىڭ كەينى تەرىپىدە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلماقچى بولدى، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ياپونىيىلەرمۇ پەقەت ئۇ ئۆزلىرىگە ماسلىشىپ جۇڭگونى ئاغدۇرۇشۇپ بەرسە، بۇندىن كېيىن شىنجاڭ ۋە شىزاڭنى ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا بېرىدىغان بولدى. جۇڭگو قىسىملىرى ئويلىغىنىدىنمۇ ئاجىزكەن، رەقىبىنىڭ ئۆزىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، زەمبىرەك ئېتىلىشى بىلەنلا، جۇڭگو قىسىملىرى ساراڭدەك ئۆلەر – تىرىلىشىگە قارىماي قېچىپ كەتتى، جۇڭگو ئۇزۇندىن بۇيان جەڭ قىلمىغاچقا، جۇڭگو قىسىملىرىنىڭ ئىلگىرىكى ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان جەڭگىۋارلىقى قالماپتۇ.

ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇ تۇيۇقسىز كۆز ئالدىدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بىر ئاق نۇرنىڭ يالت قىلىپ ئۆتكىنىنى كۆرگەندەك بولدى، ئارقىدىنلا سېزىمى غۇۋالىشىشقا باشلىدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ ئالىي قۇماندانى ئابات سىمابلىق ئوۋ مىلتىقىنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن تۇنجى ئادەم بولۇپ قالدى. ئۇ ھەتتا ئاۋازىنىمۇ چىقىرالماستىن كىرىسلودا مەڭگۈلۈك يېتىپ قالدى، ئالاقىچى ئاخباراتنى كۆتۈرۈپ كىرىپ، دوكلات قىلىۋېتىپ ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بايقىدى، ئەينەكتە كىچىككىنە ئوق تەشكەن تۆشۈك بولۇپ، تۆشۈكنىڭ ئەتراپىدىكى ئەينەكتە قىلچىلىك يېرىقمۇ كۆرۈنمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇقەددەس ئارمىيىسى بازىسىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتتى، ئۇلار دەرھال شەھەرنى قامال قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە ئىزدەشكە كىرىشىپ كېتىشتى، بىراق جۇڭگو ئالاھىدە قىسمىنىڭ ئەسكىرى ئاللىقاچان ئۇ يەردىن كېتىپ بولغانىدى، گۇمبۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ، شەرقىي تۈركىستان قىسمىنىڭ قوماندانلىق بىناسى لاۋۇلداپ كۆيۈشكە باشلىدى، بىردەمدە خارابىيلىققا ئايلىنىپ قالدى. «جۇڭگو قىسىملىرى!» بىر ئەسكەر ساراڭدەك توۋلاشقا باشلىدى. نۇرغۇن 98 تىپلىق جەڭ تانكىلىرى ھېچقانداق قوغداش تەدبىرى بولمىغان شارائىتتا ئۇدۇل ئارال شەھىرىگە كېلىشكە باشلىدى، شەرقىي تۈركىستان قىسىملىرى ناھايىتى تېزلا ئىستىھكام تۈزەپ بولدى، تانكىغا قارشى مىناميوتلار تەييارلىنىپ بولغان بولۇپ، تانكىلارنىڭ ئېتىش دائىرىسىگە كىرىشىنى ساقلاۋاتاتتى. ئېتىش ئارلىقىغا نەچچە ئون مېتىر قالغاندا تۇيۇقىسز كەينى تەرەپتىن پىلىموت ئاۋازى ئاۋازى ئاڭلاندى، بەزى شەرقىي تۈركىستان ئۇنسۇرلىرى نېمە بولغىنىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە ھەرە تۆشۈكىگە ئايلىنىپ قالغانىدى. نۇرغۇن «يەر تېشەر ئەجدىھا» تىپلىق ئەسكەر يۆتكەش ماشىنىلىرى كەينى تەرەپتىكى يەر ئاستىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتاتتى، ئۇلاردىن نۇرغۇن ئەسكەرلەر چۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستان ئەسكەرلىرىگە ئوت ئېچىۋاتاتتى. كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە شەرقىي تۈركىستان قىسىملىرىنىڭ ئىستىھكامى قالايمىقانلىشىپ كەتتى، ئالدى تەرەپتىكى تانكىلارمۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باستۇرۇپ كەلدى، شەرقىي تۈركىستان قىسىملىرىنىڭ ئارال شەھىرىدە ئورۇنلاشتۇرغان مۇداپىئە سېپى پۈتۈنلەي بىتچىت بولدى، ئۇدۇلدىكى قىسىملىرى پۈتۈنلەي يوقىتىلدى، قالدۇق قىسىملارمۇ بىر مەزگىللىك كوچا ئۇرۇشىدىن كېيىن تەلتۆكۈس يوقىتىلدى. بارلىق جەڭگە پەقەت 5 سائەت 48 مىنۇت ۋاقىتلا كەتتى.

oq

بۇلار تېخى بەختلىككەن، كۇچا شەھىرىگە(ئۆزىڭىز خەرىتىگە قاراپ بېقىڭ، چوقۇم بار!) قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان شەرقىي تۈركىستان قىسىملىرى دەرھال كەينىگە قايتىپ ياردەم بېرىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرىۋېلىپ، تارىم دەرياسى بويىغا كەلگەندە، ئۇ يەردە ئۆزلىرىنى ساقلاۋاتقان 23 تانكا دېۋىزىيىسى ۋە ئىككى پىيادە ئەسكەرلەر دېۋىزىيىسى ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئەزرائىل «كېڭەيگۈچى»نى ئۇچراتتى، پۈتكۈل رايون ئېلېكترونلۇق كاشىلا قىلغۇچ بىلەن قامال قىلىندى، جۇڭگو قىسىملىرىنىڭ ئالاھىدە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرىدىن باشقا ھېچقانداق ئۇچۇر سىرتقا چىقالمايتتى. «كېڭەيگۈچى»نىڭ ياردىمى ئاستىدا، بۇ جەڭ پۈتۈنلەي بىر تەرەپنىڭ قىرغىنىغا ئوخشاپ قالدى، «ھاماقەت ئالۋاستى» راكىتاسىنىڭ ئالدىدا ئاجىز «مىكاۋا» تانكىلىرى بىر-بىرلەپ پارچە-پۇرات تۆمۈر-تەسەككە ئايلىنىشقا باشلىدى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسكەرلىرى غايەت زور برونىۋىكنىڭ ئالدىدا جېنى ئېلىپ قېچىشتەك تەبىئي ئىقتىدارىنىمۇ يوقىتىپ، ھاڭۋېقىپ تۇرغىنىچە بۇ ھەيۋەتلىك ئۆلۈمنى كۆرۈۋاتاتتى. يۈزدىن ئارتۇق تانكا تۆت سائەت بومباردىمان قىلىنغاندىن كېيىن توختىدى، يەر يۈزى نەچچە مېتىر كولىنىپ كەتكەنىدى، جەسەتلەرچۇ؟ بىر تالمۇ جەسەت قالمىغان بولۇپ، ھەتتا بىرەر چىشلەم گۆشنىمۇ تاپقىلى بولمايتتى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ 43 سائەتتىن كېيىن تامامەن تۈگەشتى.

جۇڭگو قىسىملىرى شىنجاڭ رايونىدىكى 12مىڭدىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان قىسىملىرىنى يوقاتتى، ئۆزدىن پەقەت 53 ئادەم، يەتتە تانكا چىقىم بولدى، ھاۋا ئارمىيىسى ئىشقا سېلىنمىدى. بۇ جەڭ نەتىجىسى سىرتقا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا ھەيرانۇ – ھەس قالدى!

جۇڭگو شىنخۇاشى:«ئارمىيىمىز شىنجاڭ رايونىدا شەرقىي تۈركىستان تېرورچى ئۇنسۇرلىرى بىلەن بولغان جەڭدە غايەت زور نەتىجىگە ئېرىشتى، بۇ مەملىكىتىمىزنىڭ ۋەتەن تۇپرىقىنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى قوغداش جەھەتتىكى ئىرادىسىنى نامايەن قىلدى! ھەرقانداق ئەخمىقانە تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكىتى مۇشۇنداق بەدەل تۆلەيدۇ!»

روسىيە گېزىتى:«جۇڭگو دۇنيادىكى 1-قۇرۇقلۇق ئارمىيە دېگەن نامغا ھەقىقەتەن مۇناسىپكەن، دۇنيادا تەڭداشسىز قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى دېگەن رىۋايەت قارىغاندا بۇزۇلمىغۇدەك، بىز جۇڭگو بىلەن بولغان ھەربىي ئالاقە ۋە تېرورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيسەك بولىدىغاندوك قىلىدۇ.»

ياپونىيە گېزىتى:«بۇ قېتىمقى جۇڭگو قۇرۇقلۇق قىسمىنىڭ غەلىبىسى دېڭىز ئارمىيىسى ۋە ھاۋا ئارمىيسىنىڭمۇ ئوخشاشلا كۈچلۈكلىگە ۋەكىللىك قىلامدۇ، قانداق؟»

ئامېرىكا خەۋەر ئاگېنتلىقى:«يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ ھەربىي چىقىمى ناھايىتى ئاز بولغان ئەھۋالدا مۇشۇنداق جەڭ نەتىجىسىگە ئېرىشىشى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، قۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.»

ئەنگىلىيە تايمېس ئاگېنتلىقى:« ھاۋا ئارمىيىسىنى ئىشقا سالمىغان ئەھۋالدا بۇنداق نەتىجىگە ئېرىشسە، جۇڭگو ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلەمدۇ، قانداق؟»

ھىندىستان ۋە فىلىپپىن ھۆكۈمىتىمۇ ئىككى كۈندىن كېيىنكى سۆھبەتتە تەلەپپۇزىنى ھۆرمەتلەشكە ئۆزگەرتىشنى ئويلاشتى.




باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif