MP3 قويغۇچۇم ناخشىلارنى نېمىشقا قويالمايدۇ؟

بۇنىڭ ھەرخىل سەۋەپلىرى بار.
1-ھۆججەت فورماتىدىكى مەسىلە
ھازىر كۆپ قىسىم MP3 قويغۇچلار ئوخشىمىغان فورماتتىكى ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى قويالايدۇ، سىز ئۆز قويغۇچىڭىزنىڭ قانداق فورماتتىكى ئاۋاز ھۆججىتىنى قويالايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك، ئەگەر كۆچۈرگەن ھۆججەتلىرىڭىزنىڭ فورماتى سىزنىڭ قويغۇچىڭىز قوللىمايدىغان فورماتتا بولسا ئۇ ھۆججەتنى قويالمىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاشۇ ھۆججەتلىرىڭىزنى ھەممە قويغۇچلار قويالايدىغان ئۆلچەملىك فورماتقا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ.

2-ھۆججەتتىكى مەسىلە
بەزى ھۆججەتلەرنىڭ فورماتى توغرا، كومپيۇتېردا نورمال قويۇلىدۇ، ئەمما قويغۇچتا قويۇلمايدۇ، بۇ مۇشۇ ھۆججەتلەردىكى مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىر قىسىم ھۆججەت فورماتىنى ئايلاندۇرغۇچلار ھۆججەتلەرنى ئۆلچەملىك ئايلاندۇرالمىغانلىقتىن مۇشۇنداق مەسىلە كېلىپ چىققان، شۇڭا بۇ ھۆججەتلىرىڭىزنى ھەممە قويغۇچلار قويالايدىغان ئۆلچەملىك فورماتقا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ.
3-قويغۇچ پروگراممىسىدىكى مەسىلە
بەزى قويغۇچلار ئىشلەتكۈچىنىڭ بىخەستىلىكى تۈپەيلىدىن ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىپ ياكى پروگرامما ساقلانغان ئۆزىكىدە مەسىلە چىققانلىقتىن، قويغۇچ پروگراممىسى بۇزۇلۇپ كېتىپ، ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى نورمال قويالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، بۇ چاغدا توردىن ئاشۇ قويغۇچىڭىزغا ماس قويغۇچ پروگراممىسى(固件)نى چۈشۈرۈپ، ئەسلىدىكىسىگە قاپلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ. ئەگەر بۇنىڭدىمۇ ئوڭشالمىسا، قويغۇچىڭىزنى رېمۇنتخانىغا ئاپىرىپ رېمۇنت قىلدۇرۇڭ.

ئۇنداقتا ئۆلچەملىك MP3 ھۆججىتىگە قانداق ئايلاندۇرىمىز؟
بۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە ھۆججەت فورماتىنى ئۆزگەرتىش دېتالى كېرەك بولىدۇ، ئەمما كوپىنچىمىزنىڭ كومپيۇتېرىغا قاچىلاقلىق قويغۇچ يۇمشاق دېتالى 千千静听 نىڭمۇ مۇشۇنداق ئىقتىدارى بار.
ھۆججەت فورماتىنى ئايلاندۇرۇش قەدەم باسقۇچلىرى
1)ئالدى بىلەن ھۆججەت قىسقۇچتىكى ئايلاندۇرماقچى بولغان ھۆججەتلىرىمىزنى تاللىۋالىمىز. [تاللاش ئۇسۇلى]

2) كۆزنەكنى ئېتىۋەتمەي تۇرۇپ(ئەڭ كىچىك ھالەتكە ئەكىلىپ قويساق بولىدۇ)، 千千静听 قويغۇچ دېتالىنى ئاچىمىز.

3) ئاندىن ئۇنىڭ مۇزىكا تىزىملىك كۆزنىكىنى ئاچىمىز. ئۈستىدىكى كونۇپكىنى باسساق بولىدۇ.

4)يۇقىرىقى كۆزنەكنىڭ سول تەرىپىدىكى يەرگە مائۇسنى ئېلىپ كېلىپ، ئوڭ تەرەپنى چېكىپ، چىققان تىزىملىكتىن «يېڭى قويۇش تىزىملىكى قۇرۇش»(新建列表)نى تاللايمىز.

5)تىزىملىك قۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، كۆزنەكتە يېڭى تىزىملىك ئېچىلىدۇ.

6)بۇ كۆزنەكنى بىر چەتكە تارتىپ قويۇپ تۇرۇپ، 1-باسقۇچتا تاللىۋالغان ھۆججەتلەر بار قىسقۇچنى ئېچىۋالىمىز، ئاندىن تاللانغان خالىغان بىر ھۆججەتنى تاق چېكىپ، مائۇسنى قويۇۋەتمەي تۇرۇپ، بارلىق تاللانغان ھۆججەتلەرنى مۇشۇ كۆزنەك ئۈستىگە تارتىپ ئەكىلىپ، مائۇسنى قويۇۋەتسەك، بۇ قويغۇچ مۇشۇ ھۆججەتلەرنى ئاپتوماتىك بۇ تىزىملىككە قوشىدۇ.

7) بۇ چاغدا تىزىملىك كۆزنىكى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.

8)ئاندىن مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى چېكىپ، چىققان تىزىملىكتىن «فورمات ئايلاندۇرۇش»(转换格式) تۈرىنى تاللايمىز.

9) بۇ چاغدا بىر دىئالوگ كۆزنىكى چىقىدۇ، كۆزنەكتىكى تۈرلەرنى تۆۋەندىكى سۈرەتتە كۆرسىتىلگەندەك تاللايمىز.

10)يۇقىرىقىدەك تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن يەنە شۇ كۆزنەكتىكى كونۇپكىسىنى بېسىپ، چىققان كۆزنەكنى تۆۋەندىكىدەك تەڭشەيمىز.

11)ئاندىن كونۇپكىسىنى بېسىپ جەزملەشتۈرىمىز. يەنە بىر كۆزنەكتىكى كونۇپكىسىنى بېسىپ، ئايلاندۇرۇشنى باشلايمىز.

12) ئەڭ ئاخىرىدا ئايلاندۇرۇش تاماملانغاندىن كېيىن، ئاشۇ ھۆججەتلەرنى MP3 قويغۇچىمىزغا كۆچۈرۈپ تىڭشىساق بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:
يۇقىرىقى تەڭشەكلەر ئۆزەم سىناپ، ھۆججەت سىغىمىنى زىيادە چوڭايتىۋەتمىگەن ئاساستا، ھۆججەت ئاۋاز سۈپىتىگە ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغان تەڭشەكلەر. ئەلۋەتتە، ھۆججەت ئاۋاز سۈپىتى قانچە ياخشى بولسا، ھۆججەت سىغىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.




8 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ياخشى بىلىمكەن بىراق مىنىڭكىدە بۇنداق مەسىلە تېخى بايقىلىپ باقمىىدى

  • پوھھو…نىماندا تەپسىلىي ;-) نىدا ئاغامنىڭ گۈدۈكىدىنمۇ تەپسىلىي ئەدەم ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم بوممىسا ;-)

    • نىدا جاۋاب

      :mrgreen: كەسپىي كېسەللىك، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى دېگەن شۇنداق بولىدىكەن.

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزدوستلار ئالدى بىلەن سەھرايىم بلوگتىن بارلىق دوستلىرىمغا ئۇلۇغ ئاللاھتىن سالامەتلىك ۋە ئىمان تىلەيمەن، ئايىمىڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە تۇرمۇشۇڭلارغا بەخىت، ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق، ھەر بىر كۈنۈڭلەرگە شادلىق ۋە بەرىكەت تىلەيمەن! كۈنلۈرۈڭلار خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتسۈن، ئائىلەڭلار تىنىچ ئامان بولسۇن، شادلىق سىلەرگە مەڭگۈ يار بولغاي .

    • نىدا جاۋاب

      رەھمەت، ئۇلۇغ ئاللاھ سىزگىمۇ ھەسسىلەپ بەخت، ئامەت، سالامەتلىك ئاتا قىلسۇن!

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، تېنىڭىزنىڭ سالامەت ، تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەخىتلىك ، ئائىلىڭىزنىڭ خاتىرجەم ، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن ، يىڭى يىلدا ۋە بۇندىن كېيىن بەخىت-ئامەت ، خاتىرجەملىك ، ئاسايىشلىق ، تىخىمۇ ياخشى نەتىجىلەر ۋە ياخشى دوستلار سىزگە بىر ئۆمۈر يار بولغاي ، بىلوگىڭىز تىخىمۇ گۈللەپ ياشنىسۇن !….

    • نىدا جاۋاب

      رەھمەت، سىزنىڭمۇ بىرگە بولسۇن!

  • بۇ بىلوگىنى ياختۇردۇم… لېكىنزە مەنمۇ بۇنداق مەسلىگە يولۇقۇپ باقماپتىمەن. windows 7 دە ئۆزنىڭ قويغۇچىنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ قاپتىمەن… :|

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif