بەزىلەر قەۋزىيەت كېسەل ئەمەس، ئالايىتەن داۋالاپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ قاراش خاتا، قەۋزىيەتنىڭ خەتىرىگە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئادەمنىڭ ئۈچىيىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىرغا يېتىدۇ، يەنە كېلىپ قات-قات بولىدۇ، كۈندە قىلىدىغان ئادەتتىكى چوڭ تەرەت ئۈچەي ئىچىدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى پاكىز چىقىرىۋېتەلمەيدۇ، ھامان بەزى قالدۇقلار ئۈچەي ئىچىدە قېلىپ قالىدۇ. بۇ قالدۇقلار باكتېرىيەنىڭ رولى ئاستىدا يىغىلىۋېلىپ، قارا رەڭلىك، سېسىق، زەھەرلىك ماددا ھاسىل قىلىپ، ئۈچەي دىۋارىغا چىڭ چاپلىشىۋالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇ يىغىلىۋالغان ماددىلارنىڭ خەتىرى بارغانسېرى زورىيىدۇ، ئۇلار داۋاملىق ئېچىپ، چىرىپ، ھەرخىل زەھەرلىك ماددا، زەھەرلىك گازلارنى توختىماي پەيدا قىلىپ، ئۈچەي ئىچىدىكى مۇھىتنى يامانلاشتۇرۇپ، ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ-دە، ۋاقىت ئۇزارغانچە، بىر قاتار كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قەۋزىيەتنىڭ بالىلارغا بولغان زىيىنى
-
قەۋزىيەتنىڭ بالىلارغا بولغان زىيىنى
ۋاقتى: 2016-08-10 ئاۋاتلىقى: 824 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ياپونىيەلىك ئالىم سېزىئو «بالىلار يېمەك-ئىچمىكى ۋە مېڭە ساغلاملىقى» ناملىق ئەسىرىدە بالىلار قەۋزىيەت بولسا "گومۇش" بولۇپ قالىدۇ دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ 6~2 ياشلىق بالىلار ئۇزۇن مەزگىل قەۋزىيەت بولسا، ئاسانلا دىققىتى مەركەزلەشمەسلىك، سەۋرسىزلىك، ئۇيقۇغا ئامراق بولۇش، يىغلىغاق بولۇش، سىرتقى دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان ئىنكاسى ئاستا بولۇش، گەپ قىلماسلىق، دوستلاشماسلىق قاتارلىق ھادىسىلەر كېلىپ چىقىدۇ.قەۋزىيەت بولغاندا زەھەرلىك ماددىلار بەدەندە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قالىدىغان بولغاچقا، جىگەر، بۆرەككە زىيان يەتكۈزگەندىن سىرت، يەنە بالىلاردىكى ئىشتىھاسىزلىق، ئورۇقلۇق يېتىشمەسلىك، سېمىزلىك، مايلىق جىگەر، مەقئەت يېرىلىش، بوۋاسىر قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قەۋزىيەت بالىلارنىڭ ئەقلىي كۈچى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
قەۋزىيەتنىڭ ئاياللارغا بولغان زىيىنى
2015-08-06 04:47:48787قەۋزىيەتنىڭ بالىلارغا بولغان زىيىنى
2015-08-06 04:43:32824خانىم-قىزلاردىكى قەۋزىيەتنىڭ سەۋەبى
2015-08-06 14:45:577792قەۋزىيەت بولغۇچىلار نېمە ئۈچۈن بايتوكس (ByeTox)
2015-09-15 16:51:30208907قەۋزىيەتنىڭ خانىم-قىزلارغا ئېلىپ كېلىدىغان 8 چوڭ
2015-08-06 19:44:138332غىزا تالاسىنىڭ رولى
2015-08-06 05:30:081863قەۋزىيەت مەزى بېزىغا زەخمە يەتكۈزەمدۇ؟
2016-01-04 18:21:351434قەۋزىيەتنىڭ ئاساسلىق خەۋپى
2015-08-06 04:37:351134
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-