بەزىلەر قەۋزىيەت كېسەل ئەمەس، ئالايىتەن داۋالاپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ قاراش خاتا، قەۋزىيەتنىڭ خەتىرىگە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئادەمنىڭ ئۈچىيىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىرغا يېتىدۇ، يەنە كېلىپ قات-قات بولىدۇ، كۈندە قىلىدىغان ئادەتتىكى چوڭ تەرەت ئۈچەي ئىچىدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى پاكىز چىقىرىۋېتەلمەيدۇ، ھامان بەزى قالدۇقلار ئۈچەي ئىچىدە قېلىپ قالىدۇ. بۇ قالدۇقلار باكتېرىيەنىڭ رولى ئاستىدا يىغىلىۋېلىپ، قارا رەڭلىك، سېسىق، زەھەرلىك ماددا ھاسىل قىلىپ، ئۈچەي دىۋارىغا چىڭ چاپلىشىۋالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇ يىغىلىۋالغان ماددىلارنىڭ خەتىرى بارغانسېرى زورىيىدۇ، ئۇلار داۋاملىق ئېچىپ، چىرىپ، ھەرخىل زەھەرلىك ماددا، زەھەرلىك گازلارنى توختىماي پەيدا قىلىپ، ئۈچەي ئىچىدىكى مۇھىتنى يامانلاشتۇرۇپ، ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ-دە، ۋاقىت ئۇزارغانچە، بىر قاتار كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى
-
كۈندىلىك تۇرمۇشتا قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى
ۋاقتى: 2016-08-16 ئاۋاتلىقى: 4242 قېتىميانفوندا كۆرۈش
بىرىنچى، ناشتىدىن بۇرۇن بىر تال ئاق نەشپۈت يېيىشئاق نەشپۈتنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى سوغۇق، تەركىبىدە ئالما كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى، ۋىتامىن B1، B2، C، كاروتىن قاتارلىقلار بار، ئۆپكىنى نەمدەپ ئىسسىقنى قايتۇرۇش، قاننى قۇۋۋەتلەپ مۇسكۇل پەيدا قىلىش رولى بار، قەۋزىيەت، سۈيدۈك رەڭگى قېنىق بولۇش قاتارلىقلارغا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. خام يېسىمۇ بولىدۇ، دۈملىسىمۇ، شورپا ياكى بوتقا قىلسىمۇ بولىدۇ.ئەسكەرتىش: نەشپۈتنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، بىر قېتىمدا كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئاشقازان تېلى ئاجىزلار، قورسىقى سوغۇق ئاغرىيدىغانلار ۋە قېنى ئازلار كۆپ يېسە بولمايدۇ، جىق يەپ قويسا ئاشقازان تالغا زىيان يېتىدۇ.ئىككىنچى، زامانىۋىي ئۈچەي يۇيۇش ئۇسۇلىكۈندە چوڭ ئىستاكاندا بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى قىلىپ ئىشخانىدا ئىچسە بولىدۇ ( 300ml ئىلمان سۇغا بىر قوشۇق ھەسەل قوشىدۇ). ھەسەلنىڭ ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەر قايتۇرۇش، ئۈچەينى نەمدەش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار. كۈندە ھەسەل سۈيى ئىچىپ بەرسە تەرەت راۋان بولماسلىققا باھانە يوق.ئەسكەرتىش: %100 ساپ ھەسەل ئەڭ ياخشى. ھەسەل سېتىۋالغاندا ساختىسىنى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك.
ئۈچىنچى، قورساقنى ئۇۋۇلاش ئۇسۇلىبۇ ئۇسۇل ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، قەۋزىيەتنى يېنىكلىتىدۇ.ئۇسۇلى: قورساقنى سائەت سىترىلكىسى يۆنىلىشى بويىچە ۋە ئەكسىچە ئۇۋۇلايدۇ، تاكى قورساق قىززىغىچە داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. ئۇۋۇلاپ بولغاندىن كېيىن كۆپرەك سۇ ئىچسىڭىز، ئۈچەينى نەمدەيدۇ، بەدەننىڭ زەھەر تازىلىشىغا ياردىمى بولىدۇ.ئەسكەرتىش: ئەمدى تويغاندا ئۇۋۇلىماڭ، ئىشخانىدىكى بوش ۋاقتىڭىزدىن پايدىلىنىپ ياكى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۇۋۇلىسىڭىز بولىدۇ.تۆتىنچى، يىنزى شەربىتى ئىچىشيىنزى شەربىتى مۇتلەق قەۋزىيەت دورىسى. بۇ قومۇش شېكىرىدىن ئاجرىتىپ ئېلىنغان تەمى تاتلىق، سۇدا ئېرىيدىغان يېمەكلىك تالاسى، ئۈچەي يولى باكتېرىيە توپلىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش، ئۈچەينى نەمدەپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇشتىكى ئۈنۈمى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك، شۇنداقلا ئەكس تەسىرى يوق.بەشىنچى، شىمېي (西梅) شەربىتى ئىچىششىمېي تەركىبىدە مول تالا ماددىسى، مېۋە يېلىمى ۋە مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار بار، شۇڭا تەبىئىي شىمېي شەربىتى ئىچسە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، چوڭ تەرەت قېتىم سانىنى كۆپەيتىدۇ، قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ ياكى ئۇنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.ئەسكەرتىش: شىمېينىڭ «زىلۋالىق شەربىتى» ۋە «ئادەم بەدىنىنى تازىلىغۇچ» دەيدىغان ناملىرى بار، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ زەھەر تازىلاش، ھۆسىن تۈزەش، فىگۇر گۈزەللەشتۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسىگە ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.ئالتىنچى، ئاسان گاز پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشمەسىلەن پىياز، سامساق مايسىسى، سېرىق پۇرچاق، تۇرۇپ قاتارلىقلار، ئۇلارنى كۆپرەك يەپ بەرسە بەدەن ئىچىدە گاز ھاسىل قىلىپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىدۇ، چوڭ تەرەت ماڭدۇرۇشقا پايدىلىق. بۇنىڭ قەۋزىيەت بولغانلارغا زور ياردىمى بولىدۇ.ئەسكەرتىش: ئۆي ئىچىدىكى ھاۋانىڭ ساپلىقىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.يەتتىنچى، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشكومپيۇتېر ئالدىدا ئىشلەيدىغانلار ئۇزۇن ۋاقىت ئورۇندۇقتا قوپماي ئولتۇرىدۇ، بۇ تەرەت قىلىشقا ناھايىتى پايدىسىز. مۇۋاپىق سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىش كېرەك، بولۇپمۇ تاماقتىن كېيىن ئالدىراپ كوميۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇۋالماسلىق كېرەك.ئۈنۈملۈك ھەرىكەت ۋە ئۇۋۇلاش قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ، يۇقىرىدا قورساقنى ئۇۋۇلاشنىڭ قەۋزىيەتكە ناھايىتى پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدۇق.تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
قەۋزىيەتنىڭ بالىلارغا بولغان زىيىنى
2015-08-06 04:43:32834قەۋزىيەتنىڭ ئاساسلىق خەۋپى
2015-08-06 04:37:351152قەۋزىيەتنىڭ ھامىلىدارلارغا بولغان تەسىرى
2015-08-06 04:51:342095قەۋزىيەتنىڭ خانىم-قىزلارغا ئېلىپ كېلىدىغان 8 چوڭ
2015-08-06 19:44:138385بالىلاردا ئىشتاھا تۇتۇلۇش ۋە قەۋزىيەت ئالامەتلىر
2015-08-06 13:14:222923قەۋزىيەت ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە
2015-08-06 13:08:033684قەۋزىيەتنىڭ ئاياللارغا بولغان زىيىنى
2015-08-06 04:47:48796قەۋزىيەت كېسەللىكمۇ؟
2015-08-06 04:59:552215
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-