iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى

ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن باھا يازىمەن

ئالما ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇر قىرىنداشلارنىڭ ئۇيغۇرچە فونتتىن قالسىلا ئەڭ ئېھىتىياجلىق نەرسىسى دەل ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى. گەرچە قارلۇق شىركىتى(ئالدىنقى ئايدا مەن قارلۇقتا زىيارەت-سۆھبەتتە بولغاندا پەخىردىن قارلۇق ئەپەندى ماڭا كۆرسەتتى.) ئاللىبۇرۇن ياساپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ بولغان بولسىمۇ لىكىن بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىلان قىلىنىشنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلىپتۇ. ھەم بۇ ھەقتە ئىنىق ۋاقىت يوق، بەلكىم بۇ يىل ئىچىدە چېقىشى مۇمكىن.(iPhone,iPod Touch,iPad) لەر ئۈچۈن پارتىزانلارچە ياسالغان كىرگۈزگۈچ مانا ھازىر تەۋەللۇت بولۇپتۇ.

ئۆگەنگۈچى ئەپەندى ھازىر ئەرەبچە كىرگۈزگۈچ ئاساسىدا كومپيۇتېرنىڭ QWERTY كۇنۇپكا تاختا ئۆلچىمىگە مەسلاشتۇرۇپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياساپ چېقىپتۇ، كۆپ رەھمەت!. گەرچە قاچىلاش سەل ئاۋارچىلىقتەك كۆرۈنسىمۇ يىڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئازراقلا دىققەت قىلسا، كېتەرلىك دېتاللارنى تولۇق چۈشۈرۈپ تەييار بولسىلا ھەممە ئىش شۇنداق ئوڭاي.مەن شۇ يازمىلارنى يۇغلاپ تەپسىلىيراق تىلدا، يىڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە ماسراق قىلىپ بۇ دەرسلىكنى يېزىۋاتىمەن. تېمىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا خالاستان بىلوگىدا تېخنىكىلىق قوللاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.

ئۆگەنگۈچى ئەپەندىمنىڭ يەنە ياخشى تېخنىكىلىق تېمىلىرىنىڭ بارلىققا كىلىشگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

قاچىلانغاندىن كىيىنكى ئۈنۈمى:

1. كىتەرلىك قۇراللارۋە باسقۇچلار:

1. بۇرۇن قوشۇلغان 搜狗输入法,QQ输入法,A4输入法 دىگەن دەك كىرگۈزگۈچلەرنى تولۇق ئۆچۈرۈڭ. پەقەت سېستىما ئۆزى ئىچىگە ئالغان كىرگۈزگۈچلا قالسۇن. ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلاپ بولۇپ يەنە قاچىلاشقا بولىدۇ، سغىشىدۇ.

2.تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان i فامىلەلىك ئۈسكىنە(ipod,iphone,ipad). تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكىنى http://www.halastan.com/1509.html دىن كۆرۈڭ.

3.winterboardۋە Keyboard Fixer IOS 4.3 نى cydia نى دا تۇرۇپ قاچىلاڭ. دەرسلىكىنى http://www.halastan.com/928.html دىن كۆرۈڭ.

4.تۆۋەندىكى بەتتىن deb فورماتىدىكى ھۆججەتنى چۈشۈرۈڭ. http://dl.dbank.com/c087sam6cl

قوشۇمچە: سىستىما نەشرىڭىز 4.3 دىن تۆۋەن بولسا Keyboard Fixer IOS نى قاچىلىيالمايسىز. شۇڭا ماۋۇ قوشۇمچە ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ تۆۋەندىكى مۇندەرىجىگە قويۇپ ئۈسكىنىنى قايتا قوزغىتىڭ(20110525)                   http://dl.dbank.com/c0jbfo4sp6

ئاندىن itools ئارقىلىق تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن مۇندەرىجە ئىچىگە كۆچۈرۈپ ئۈسكىنىنى قايتا قوزغىتىڭ.

بۇ يەردىكى autoInastall دىگەن مۇندەرىجە بولمىسا ئۆزىڭىز قۇرۇڭ. ھۆججەتنى تارتىپلا ئوڭ تەرەپتىكى قۇرۇق ئورۇنغا تاشلاڭ. ھۆججەت كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن، نورمال.

5. ئۈسكىنىنى قايتا قوزغىتىڭ.

6. 设置-winterboard-选择主题دىگەن تەرتىپتىن Uyghur دەپ تاللاڭ. uyghur دىگەن خەت كۆرۈنمىسە 4- باسقۇچنى قايتا سىناڭ.

7.设置-通用-键盘-国际键盘-添加新键盘 دىگەن تەرتىپ بويىچە 阿拉伯文 دىگەننى تاللاڭ. ئاندىن 键盘دىگەن كۆزنەكتىكى كۆرۈنگەن كۇنۇپكا تاختىلىرى نامىدىن 阿拉伯文 دىگەننى تاللاڭ. 软件键盘布局 دىگەن تاللاشتىن Uyghurنى تاللاڭ.

8. ئۈسكىنىنى قايتا قوزغىتىڭ. سىناپ بىقىڭ، چوقۇم مۇۋاپقىيەتلىك بولدى. ئىنىقسىز بولغان يەرلەرنى خالاستان بىلوگى تېخنىكىلىق مەسلىھەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.نەزەرى.

خەتكۈچلەر:


باھا يوللاش