باش بەت
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4

كۆرۈنمەس قاتىل ــــــ كاربون چالا ئوكسىد

كۆرۈنمەس قاتىل ــــــ كاربون چالا ئوكسىد     قۇتلۇق مەكتەپتىن پەرىشان قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ چىرايىدا مۇڭلىنىش، ئازاب تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ ئىتتىك بىر – بىرىگە قارىشىۋالغاندىن كېيىن، ئالدىراپ سوراشتى:    - قۇتلۇق، نېمە بولدى بالام؟    قۇتلۇق بېشىنى ئالدىرىماي كۆتۈرۈپ، ئۆزىگە تەلمۈرۈپ تۇرغان ئاتا – ئانىسىغا قارىدى – يۇ، گەپ قىلمىدى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن بەكمۇ تەشۋىشلەنگەن ئىككەيلەن ئۇنى قىستاشقا باشلىدى: …

تېلىسكوپ(望远镜) ھەققىدە چۈشەنچە

تېلىسكوپ(望远镜) ھەققىدە چۈشەنچە    تېلېسكوپ  (دۇربۇن) يىراقتىكى جىسىم ياكى ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىشتە ئىشلىتىلىدىغان ئوپتىك ئەسۋاب. ئەڭ بالدۇرقى تېلېسكوپ 1608  - يىلى گوللاندىيەلىك كۆزەينەك ئۇستىسى لىپۇش تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان. ئىتالىيەلىك ئالىم گالىلېي لىپۇشنىڭ بىر خىل غەلىتە تۇرۇبىنى كەشىپ قىلغانلىقى، بۇنىڭ كۆزەتكەن نەرسىلەرنى چوڭايتالايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ خىل چوڭايتقۇچى تۇرۇبىنى ئۆزگەرتىپ ياخشىلاپ، ئاسماندىكى يۇلتۇز ۋە ئاينى كۆزىتىپ، ئالەمنىڭ سىرى ھەققىدە ئىزدىنىشكە بولامدۇ – يوق؟ دەپ ئويلاپ جاپالىق تەتقىقاتقا كىرىشىپ كەتكەن. …

يادرو ماتېرىيالى ۋە يادرو قورالى

يادرو ماتېرىيالى ۋە يادرو قورالى    يادرو ماتېرىيالىغا ھازىرچە تېخى بىرلىككە كەلگەن ئېنىق تەبىر يوق. 1980-يىلى 3-مارت ۋېنادىكى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش شىتابى بىلەن نيۇ يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئىشتابى ئاشكارا ئىمزالىغان «يادرو ماتېرىياللىرىنى قوغداش ئەھدىنامىسى»دا يادرو ماتېرىيالىغا: پىلۇتونىي، ئەمما پىلۇتونىي – 238 ئىزوتوپ مىقدارى ٪80 تىن ئاشقانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛ ئۇران 233 – ئىزوتوپ مىقدارى 235 ياكى 233 بولغان قويۇلدۇرۇلغان ئۇران؛ غەيرىي رۇدا ياكى رۇدا داشقىلى شەكلىدىكى تەركىبىدە تەبىئىي مەۋجۇت …

ھۈنەرلىك بول

 ھۈنەرلىك بول     -ئۆگەنگەن بىلىم – ماھارەتلىرىڭنى بالاڭغا ئۆگەت، بۇ بالاڭغا قالدۇرغان ئەڭ مۇھىم مىراسىڭدۇر. مۇبادا بىر ئاقسۆڭەك بولغان تەقدىردىمۇ، ئاتا بولغۇچى بالىسىغا ئىلىم – مەرىپەت، ئەدەپ – ئەخلاق، ھۈنەر – سەنئەت ئۆگىتىشى كېرەك، بۇ بالا ئۈچۈن مال – دۇنيادىنمۇ ئېسىل مىراستۇر.    يىقىندىن بويان قابۇسنىڭ مۇشۇ سۆزىنى تولا تەكرارلايدىغان بولۇۋالدىم. چۈنكى ھۈنەر توغرىلىق نۇرغۇن-نۇرغۇن ھېكەيە-چۆچەك، ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ئاڭلىغان ۋە ئوقۇغان بولساممۇ، جەمئىيىتىمىزنى ۋە ئەتراپىمىدىكى …

ئەھمەد ئەل فەرغانىي

ئەھمەد ئەل فەرغانىي    ئەبۇل ئابباس ئەھمەد ئىبىن مۇھەممەد قەسىر ئەل فەرغانىي مىلادىيە 798 – يىلى فەرغانە ۋادىسىدا تەۋەللۇت قىلغان، لېكىن فەرغانىنىڭ قايسى يېرىدە تەۋەللۇت قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئۇنىڭ تۇغۇلغان جايى ھەققىدە تەتقىقاتچىلار مۇنداق تەخمىن قىلىدۇ: «ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى فەرغانە ۋادىسىنىڭ مەركىزىي شەھىرى ئاخسىكەنتنىمۇ فەرغانە دەپ ئاتىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەل فەرغانىي فەرغانە ۋادىسىنىڭ مەلۇم قىشلىقىدا ياكى ئاخسىكەنتتە تۇغۇلغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنىسى مەلۇمكى، ئەل فەرغانىي خەلىفە ھارۇن …

ئەڭ ياخشى دوختۇر ئۆزىڭىز

ئەڭ ياخشى دوختۇر ئۆزىڭىز جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭخۇا تېببىي ئىلىم جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، گۇاڭجۇ نەپەس يولى كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جۇڭ نەنشەننىڭ ساغلاملىق توغرىسىدا ئېيتقانلىرى     بەخت توغرىسىدا سۆز ئاچمايدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. ئۇنداقتا بەخت دېگەن نېمە؟ مېنىڭ قارىشىمچە، ساغلاملىقنىڭ ئۆزى بەخت. ساغلام بولۇش توققۇزى تەل بولغانغا باراۋەر ئەمەس، بىراق ساغلام بولمىغانلىق ھەممىنى يوقاتقانغا باراۋەر. ساغلاملىق گويا ئىچى كاۋاك ئەينەك شارچىغا ئوخشايدۇ، يەرگە چۈشۈپ …

ئەما ماتېماتىك − ئەيلېر

 ئەما ماتېماتىك − ئەيلېر     1783 – يىل 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى فرانسىيىلىك مېنگور ئاكا – ئۇكىلار ئىككىنچى قېتىملىق ئىسسىق ھاۋا شارىغا ئولتۇرۇپ ئۇچـۇش سـىنىقـىنى ئۆتكۈزىدۇ. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، روسسىيىنىڭ سان پېـتـېربۇرگـدا بىر ئەما بوۋاي دوستلىرىنى تاماققا تەكلىپ قىـلىـپ، ئۆزى ھېسابلىغـان شارنىڭ بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈش فورمۇلىسىنىـڭ ئىـسپاتلانـغـانلـىـقـىـنـى تەبرىكلەيدۇ. تاماقتىن كېيىن ئۇ، كۆپچىلىكتىن ئۆزىنى تارتىپ، ئۇراننىڭ ھەرىكەت ئوربىتىسىنى ھېسابلاشقا كېتىدۇ، توساتتىن ئۇنـىـڭ قولىدىكـى …

قاتناش ماشىنىلىرى ئىنقىلابى

 قاتناش ماشىنىلىرى ئىنقىلابى     پار ماشىنىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى توقۇلما بۇيۇملار، كۆمۈر، پولات-تۆمۈرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. مەھسۇلات مىقدارى ھەتتا نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بازارنىڭ تاۋارغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى، تاۋارلارنىڭ توشۇلۇشىنىڭ ئاستا بولۇشى قاتناش ساھەسىگە يېڭى تەلەپلەرنى قويدى. پار ماشىنىسىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىنىشتىن تارتىپ ئىچىدىن يانىدىغان ماشىنىلارنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشقىچە قاتناش ساھەسىدە  زور ئىنقىلاپ بولۇپ ئۆتتى دېيىشكە بولاتتى. لەيلىگۈچى قاتناش ۋاستىسى ــــ كېمە   …

ساڭا ماتېماتىكا كېرەكمۇ ياكى ھاياتمۇ

ساڭا ماتېماتىكا كېرەكمۇ ياكى ھاياتمۇ    مىلادىيە 391 – يىلى رىم پادىشاھى پەرمان چۈشۈرۈپ، بارلىق غەيرىي دىنلارنى مەنئى قىلىدۇ. ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيەگە ئوخشاش تەبىئىي پەنلەرنى ئۆگىنىشكە يول قويمايدۇ. شەپقەتسىز ئىستىبداتلىق كىشىلەرنىڭ يەلكىسىنى خۇددى تاغدەك بېسىپ، نۇرغۇن دانىشمەنلەرنى ۋەھىمىگە سالىدۇ.    ئەمما، ئاتاقلىق ئايال ماتېماتىكا ئالىمى خائىپاتسىنا بولسا ماتېماتىكىنى بېرىلىپ تەتقىق قىلىش بىلەن تەڭ، ماتېماتىكا بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر توپ مۇتىئەسسىپ لۈكچەكلەر ئۇنىڭغا تەھدىت …

چوڭ ئاي، كىچىك ئاينىڭ ئايرىلىشى

چوڭ ئاي، كىچىك ئاينىڭ ئايرىلىشى     قۇياش كالېندارىدا: «9 – ئاي، 6 – ئاي ۋە 11 – ئاي 30 كۈن بولىدۇ، قالغان ئايلار 31 كۈن بولىدۇ، 2 – ئاي بۇنىڭدىن مۇستەسنا، 2 – ئاي پەقەت 28 كۈن بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. ئاينىڭ چوڭ ۋە كىچىك بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، قەدىمكى رىملىقلار كايزار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە جۇلئۇس كالېندارىنى كەشىپ قىلغاندا ئالاھىدە دىنىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئايلار 31 كۈن …