باش بەت
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4

تۆمۈرنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەپتى – بەشىرىنى ئېچىش

تۆمۈرنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەپتى – بەشىرىنى ئېچىش قۇتلۇق ئاتىسىدىن سوئال سوراشقا ئامراق ئىدى. قۇتلۇقنىڭ ئاتىسى نۇرغۇن ساۋات خاراكتېرلىك بىلىملەرنى ھېكايە – چۆچەككە باغلاپ، ئەپچىللىك بىلەن چۈشەندۈرۈپ قوياتتى. بۈگۈن قۇتلۇق ئاتىسىدىن ئالتۇن توغرىسىدا گەپ سوراپ قالدى. ــ يادىمغا بەزى ۋەقەلەر يېتىۋاتىدۇ، ساڭا شۇنى سۆزلەپ بېرەي. ساڭا يېڭىلىق تۇيۇلسا ئەجەپ ئەمەس، ــ دېدى ئاتىسى. ــ قانداق ۋەقە؟ ــ تۆمۈرنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش چۈشىنىڭ بەربات بولۇشى ھەققىدىكى ھېكايىلەرچۇ؟ ــ …

ئاسفالت يولنىڭ قىسقىچە تارىخى

ئاسفالت يولنىڭ قىسقىچە تارىخى    ئاسفالت يول تەكشى، پۇختا، چاڭ – توزان، ئاز، ئاپتوموبىللارنىڭ قاتنىشىغا، رېمونت قىلىشقا ئەپلىك بولغاچقا، دۇنيادىكى ھەر قايسى مەملىكەتلەر شەھەر يوللىرىنى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارنى ئاسفالتتىن ياسىدى.    ئاسفالت يول 2500 نەچچە يىل بۇرۇن بارلىققا كەلگەن. دۇنيا بويىچە تۇنجى ئاسفالت يول مىلادىدىن 600 يىل ئىلگىرى بابىلوندا ياسالغان. لېكىن كىشىلەر 2 – ئاسفالت يولنى 1852 – يىلىلا فرانسىيىدىكى پارىژ بىلەن بېربىران ئارىلىقىدا …

ئۇ غالجىرلىق كېسىلىنى بويسۇدۇردى

ئۇ غالجىرلىق كېسىلىنى بويسۇدۇردى    سائەت ماياتنىكى (تىلى) ئۈچنى ئۇرىدۇ. پاستېر قەدىمىنى توختىتىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاپقاراڭغۇ ئاسمانغا قارايدۇ.   تۈن نېمىدېگەن ئۇزۇن – ھە! ھېلىقى غالجىرلىق ۋاكسىنىسى ئۇرۇلغان بالا قانداق بولدىكىن؟   پاستېر بۇ ئىشنى ئويلاپ، خاتىرجەمسىزلەنگەن ھالدا ئىشخانىسىدا ئۇيان – بۇيان مېڭىشقا باشلايدۇ. بىر كۈن بۇرۇن بىر ئايال غالجىر ئىت چىشلىۋالغان بالىنى ئەكىلىپ پاستېرنى ئىزدەيدۇ. پاستېر بالىنىڭ خەتەرلىك ھالىتى بىلەن ئانىنىڭ يۇم – يۇم …

نيۇتوننىڭ مۇھەببىتى

نيۇتوننىڭ مۇھەببىتى     ئاتاقلىق ئالىم نيۇتون(1642 – 1727) كىچىك چېغىدىلا كىتابقا بېرىلىپ كەتكەچكە، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمەيتتى، دائىم دېگۈدەك گالىستۇكىنى چەگمەي، پايپىقىنى تۈزىمەي، ئىشتىنىنىڭ تۈگمىسىنى ئەتمەي يۈرەتتى. لېكىن، ياش چېغىدا ئۇمۇ مۇھەببەت ئىزھار قىلىشنى ئۇنتۇمىغانىدى.     بىر قېتىم بۇ تالانتلىق ياش بىر قىزغا توي تەكلىپى قويىدۇ. ياشلا تۇرۇپ فىزىكا ۋە ماتېماتىكىدا داڭقى چىققان بۇ تالانتلىق ياش ئالىمنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن بۇ قىز ئۆزىنى …

چۈشتىكى بايقاش

چۈشتىكى بايقاش     گېرمانىيەلىك خىمىك كېكۇل (1829 – 1896) تىرىشچان كىشى بولۇپ، بىر كۈنى خىزمەت قىلىپ قاتتىق چارچاپ كېتىدۇ. ئۇ مەپىدە كېتىۋېتىپ ئۇخلاپ قالىدۇ.     لېكىن ئۇ قاتتىق ئۇخلىمايدۇ. شۇ كۈنلەردە ئۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن بېنزول مولېكۇلىسىنىڭ تۈزۈلۈشى ھەققىدە تەتقىقات قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ مەپىگە چىقىپلا ئۇخلاپ قېلىشىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن ئىدى. ئۇ ئۇخلاشقا باشلىغاندا چوڭ مېڭە نېرۋىلىرى ۋاقىتلىق ئارام ئالغاچقا، ئۆزىنى باسالماي ھاياجانلىنىپ كېتىدۇ. چۈشىدە …

كاۋېندىش تەجرىبىخانىسى

كاۋېندىش تەجرىبىخانىسى      كاۋېندىش تەجرىبىخانىسى ئەنگلىيەنىڭ دۇنياغا مەشھۇر  ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ بىرى بولغان كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا تەجرىبىخانىسىدۇر. كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى 1209 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شان – شەرەپ جەھەتتە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن قېلىشمايدىغان داڭلىق بىلىم يۇرتى. كاۋېندىش تەجرىبىخانىسى 1871 ~ 1874 – يىللار ئارىلىقىدا 19 – ئەسىردىكى داڭلىق نەزەرىيەۋى فىزىكا ئالىمى جامس كىلارك ماكسىۋېلنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان، ھەمدە ئالەملىك تارتىشىش كۈچى تۇراقلىقىنى ئۆلچەش بىلەن داڭق قازانغان ئاتاقلىق …

پەنگە ئايلىنالمىغان مائارىپ ھەققىدە

پەنگە ئايلىنالمىغان مائارىپ ھەققىدە  مائارىپنى پەنگە ئايلاندۇرۇش كېرەك    ئەينى چاغدا شىۋېيتسارىيەنىڭ داڭلىق مائارىپشۇناسى پىياگېت(1980-1896) «مائارىپ پەنگە ئايلىنىشى كېرەك» دېگەنىدى. ئۇ پەنگە ئايلانغان مائارىپ ھەققىدە توختىلىپ: «مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مائارىپ پېنىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە شۇكى، ئالدى بىلەن بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا ماس كېلىدىغان ۋە مائارىپ تېخنىكىسىغا كېرەكلىك بولغان سىستېما بەرپا بولۇشى كېرەك. بۇ سىستېما بارلىققا كەلمىسە، مائارىپتىكى يېڭى ئۇسۇل بارلىققا كەلمەيدۇ. ھالبۇكى، يېڭى ئۇسۇل …

ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى

ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى      ئىنگلىز تىللىق دۆلەتلەردىكى ئەڭ قەدىمىي ئالىي مەكتەپ ھازىرقى زامان ئىلىم – پېنىدە باشلامچىلىق ئورنىنى قولدىن بەرمەيۋاتقان، دۇنيادىكى نۇرغۇن ياشلارنىڭ غايىسىدىكى ئالىي مەكتەپ – ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدۇر. بۇ ئۇنىۋېرسىتېت لوندوندىن 80 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئوكسفورد شەھىرىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتلار بولمىسىمۇ، نۇرغۇن دەلىل – ئىسپاتلار ئۇنىڭ 12 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا قۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. ئەسلىدە ئەنگلىيەنىڭ ئوقۇمۇشلۇقلىرى فىرانسىيەگە بېرىپ ئوقۇيتتى. 12 – …

ئوخارا ۋە ئۇنىڭ «مۇكەممەل ئادەم مائارىپى» ئىدىيەسى

ئوخارا ۋە ئۇنىڭ «مۇكەممەل ئادەم مائارىپى» ئىدىيەسى     بىرىنچى جاھان ئۇرۇشى بىلەن ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى ئارىلىقىدا ياپونىيەدىكى مەكتەپلەردە مۇنداق بىر تەتۈر ئېقىم شەكىللىنىپ قالغانىدى:  ناھايىتى نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشنىلا ئويلايتتى، بۇ سەۋەبتىن مەكتەپنىڭ ئىشلىرىغا ھە دېگەندە ئارىلىشىۋالاتتى. بۇنىڭغا تەخىر قىلالمىغان مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشىنى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم قىلىۋالغانىدى. بۇ خىل ئوقۇتۇش ئەلۋەتتە جەمئىيەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇن …

3D پىرىنتېر

3D پىرىنتېر    يېقىندا كىشىلەر كۆپ ئاڭلىغان خەۋەرنىڭ بىرى نۇرغۇن ئەسۋاب- سايمانلار، ھەتتا ئادەمنىڭ سۇنغان بەزى ئەزالىرىنى پىرىنتېردا چىقىرىلىشى بولسا كېرەك. لازىملىق بولغان نەرسىنى پىرىنتېردىنلا چىقىرىۋېلىش كىشىنى خۇددى چۆچەكلەر دۇنياسىغا كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇغا ئەكىلىپ قويىدۇ. ئۇنداقتا ئۈچ ئۆلچەملىك پىرىنتېر زادى قانداق نەرسە؟    ئۈچ ئۆلچەملىك پىرىنتېرنىڭ ئىپتىدائىي شەكلى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا مەيدانغا كەلگەنىدى. ئەمما ئۈچ ئۆلچەملىك مودېل ياساش بولسا ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. …