باش بەت

ئۇلۇغ ھەكىم ئىبىن سىنا

isfahan

ئۇلۇغ ھەكىم ئىبىن سىنا

          ئىبىن سىنانىڭ ئاتىسى ئابدۇللا بەلخ شەھىرىدىن بولۇپ، سامانىيلار سولالىسىنىڭ نوھ ئىبنى مەنسۇر (976 – 997) دەۋرىدە بۇخارا ئەتراپىدىكى يەرلەردىن سىلىق يىغقۇچى ئەمەلدار قىلىپ تەيىنلەنگەن. مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇ پۈتۈن ئائىلىسىنى بۇخاراغا كۆچۈرۈپ كەلگەن. ئۇ بىر مەزگىل ھۇرمىتەن قىشلىقىدا تۇرىدۇ، كېيىنچە ئەفشانە قىشلىقىغا كۆچۈپ كېلىدۇ. بۇ يەردە ئۇ سىتارە ئىسىملىك بىر قىزغا ئۆيلىنىدۇ. ھىجرىيەنىڭ 370 – يىلى سەپەر ئېيىنىڭ بېشىدا (980 – يىل ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرى، يەنە 16-،17 – ئاۋغۇست كۈنلىرىگە توغرا كېلىدۇ) ئۇلارنىڭ ئوغۇل پەرزەنتى دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ، ئۇلار ئوغلىغا ھۈسەيىن دەپ ئىسىم قويىدۇ. ئەبۇ ئەلى ھۈسەيىن ئىبىن ئابدۇللا ئىبىن سىنا بولسا بىز ئادەتتە ئاتاپ كېلىۋاتقان ئىبىن سىنانىڭ تولۇق ئىسمىدۇر. ئۇنىڭ كاتتا ئەسەرلىرىدىن بولغان «تېبابەت قانۇنلىرى»نىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇشۇنداق ئېلىنغان.

ئىبىن سىنانىڭ پورتىرىتى

           ھازىرقى زامان ئىلىم – پېنىدە كۆپ ھاللاردا بۈيۈك تېۋىب، تېببىي ئىلىمنىڭ پېشىۋاسى سۈپىتىدى تونۇشتۇرۇلىدۇ. لېكىن تارىخىي مەنبەلەر ۋە ئوتتۇرا ئەسىر مۇسۇلمان شەرقىنىڭ ئىلىم – پېنىگە دائىر ئەسەرلەر بىلەن ئۇچراشقىنىمىزدا، ئىبىن سىنانىڭ پائالىيىتى ۋە ئىجادىي ئەمگەكلىرىنىڭ قانچىلىك كەڭ ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. ئىبىن سىنا ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ كاتتا سۈپەت ناملىرىنىڭ بىرى بولغان قامۇسىي ئەللامە بولغان. يەنى ئۆز دەۋرىدە مەلۇم بولغان ۋە ئەمەلىي ئىشلىتىلىۋاتقان پەنلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك خەۋەردار بولغان. بۇنى ئىبىن سىنانىڭ ئىجادىيىتىگە تەۋە بولغان 450تىن ئارتۇق ئەسەرنىڭ ئىلىم – پەندىكى 29 ساھەگە چېتىشلىق ئىكەنلىىكىدىن ئېنىق كۆرەلەيمىز. ئەپسۇسكى، بۇ ئەسەرلەردىن دەۋرىمىزگىچە پەقەت 274 پارچىسىلا يېتىپ كېلەلىگەن.

          ئىبىن سىنانىڭ كىچىك تۇرۇپلا پەۋقۇلئاددە ئىستىدات ۋە ئىقتىدار يېتىلدۈرگەنلىكى ئۇ ھەققىدىكى مەنبەلەر كۆپ تىلغا ئېلىنغان. ئىبىن سىنا 10 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا قۇرئاننى يادلاپ بولغانىكەن. كېيىنچە ئۇنى ئىسلام قانۇنىدىن چوڭقۇر ئىلىم تەھسىل قىلدۇرۇش ئۈچۈن بۇخاراغا ئەۋەتىدۇ. مەدرىستىكى تالىپلار ئىچىدە ئۇنىڭ يېشى ئەڭ كىچىك بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئەڭ ئىقتىدارلىقى ئىدى. 12 ياش ۋاقتىدا ئۇ مەدرىستىكى بارچە تالىپلاردىن مەيلى قايسىلا جەھەتتىن بولسۇن ئۈزۈپ چىقىدۇ. باشقا تالىپلار ئۇنىڭدىن دائىم دېگۈدەك مەسلىھەت سوراپ تۇرىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئىستېداتىنىڭ نەقەدەر يۇقىرى ئورۇندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بىر تەرەپ ئىدى. ئىبىن سىنا كېيىنچە بۇخاراغا كېلىپ ئابدۇللا ئىسىملىك ئالىمدىن ئىلمىي مەنتىق ۋە پەلسەپە، گىئومېتىرىيە، ئاسترونومىيە ئىلىمىدىن ساۋاق ئالىدۇ. بۇ جەرياندا پتولمىينىڭ «ئالماگېست» دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇپ چىقىدۇ. ئىبىن سىنا 14 يېشىدىن باشلاپ مۇستەقىل رەۋىشتە ئىلىم ئىگىلەشكە كىرىشكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئىبىن سىنا گىئومېتىرىيە ۋە ئاسترونومىيەنى ناھايىتى ئاسان ئۆزلەشتۈرگەنىكەن. بىراق، ئۆزىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىچە، ئارىستوتىلنىڭ «مېتافىزىكا» دېگەن ئەسىرىنى چۈشىنىشى بەكمۇ تەسكە توختىغان بولۇپ، فارابىينىڭ مۇشۇ ئەسەرگە ئىشلىگەن شەرھىيسىنى ئوقۇغاندىن كېيىنلا كۆز ئالدى يورۇغانىكەن. تېببىيەت بىلەن مۇستەقىل ۋە مۇكەممەل شۇغۇللانغان ئىبىن سىنانىڭ بۇ ساھەدىكى داڭقى ناھايىتى تېزلا ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تارقايدۇ. ئۇ بىمارلارنى ھەقسىز ۋە چىۋەرلىك بىلەن داۋالايدۇ، ئۇ ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن بۈيۈك ھەكىملەرنىڭ ئەسەرلىرىدىكى نەزەرىيەلەر بىلەن ئۆز تەجرىبىلىرىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرىدۇ. 17 ياشقا كىرگەندە، نوھ ئىبنى مەنسۇر ئوردىغا ئۆزىنىڭ كېسىلىنى كۆرۈشكە چاقىرتىدۇ. ئىبىن سىنا ئەمىرنىڭ كېسىلىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇپ داۋالاپ ساقايتقاچقا، ئۇنىڭ ئابرۇيى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. يەنە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ خانلىق كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ چىقىش ئىجازىتىنى بېرىدۇ. بۇ كۇتۇپخانا ئەينى دەۋردە يىراق – يېقىنغا داڭلىق ئىدى.

ئەسەر يېزىۋاتقان ئىبىن سىنا

            ئىبىن سىنانىڭ دەسلەپكى ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئۇنىڭ بۇخارادا ياشىغان دەۋرى ـــ 1000-1001 – يىللار ئارىلىقىدا يورۇقلۇققا چىققانىدى.

            999 يىلى سامانىيلار سۇلالىسى قاراخانىيلار سۇلالىسى تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىندى، پايتەخت بۇخارا قاراخانىيلارنىڭ تەسەررۇپىغا ئۆتتى، بۇ ئارىدا ئىبىن سىنانىڭ ئاتىسى ئابدۇللا ۋاپات بولدى، مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىبىن سىنا خارازەم شاھلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئۈرگەنچكە ــ خارەزمشاھ سارىيىغا كېتىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ يەردە ئىلمىي ھايات جۇش ئۇرۇپ راۋاج تاپقانىدى، خارەزمشاھلارنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن بولغان ئەلى ئىبىن مەمۇن (997-1009) ۋە ئۇنىڭ ۋەلىئەھدىسى مەمۇن ئىبىن مەمۇن (1009-1017) ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ئۈرگەنچكە ماتېماتىك ۋە ئاسترونوم ئەبۇ نەسر ئىبىن ئىراقى، مەشھۇر ھەكىم ۋە پەيلاسوپ ئەبۇسەھىل مەسىھى، مەيلاسوپ ئەبۇل خەير ھەممار ۋە قامۇسىي ئالىم ئەبۇ رەيھان بىرۇنيغا ئوخشاش مەشھۇر ئالىملار توپلانغانىدى. ئىبىن سىنا بۇ يەردە ئۆزىنىڭ داۋالاش جەھەتتىكى داڭقى بىلەن «ھەكىملەر سۇلتانى» نامى بىلەن ئۇلۇغلاندى. 1008 – يىلى غەزنەۋىيلەر سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى مەھمۇد غەزنەۋىي ئىبىن سىنانى ئۆزىنىڭ سارىيىغا تەكلىپ ئەتتى. بۇ تەكلىپنى رەت قىلىش بىلەن ئىبىن سىنانىڭ خاتىرجەم ھاياتى كۆپ يىللىق تەشۋىشلىك سەپەرگە ئالماشتى. 1001 – يىلى ئۇ خارەزمنى يوشۇرۇنچە تەرك ئېتىپ، نىسە شەھىرى ئارقىلىق گۇرگانغا يول ئالدى. گۇرگاندا ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىن شاگىرتى، بىر ئۆمۈرلۈك يېقىن دوستى، بارچە ئەسەرلىرىنىڭ كاتىپى ئەبۇ ئۇبەيد جۇزجانىينى ئۇچراتتى. گۇرگاندا ئەبۇ ئۇبەيد بىلەن تونۇشقاندىن باشلاپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولدى، كېچىلىرى ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېيىتىپ بېرەتتى، ياكى پارچە يېزىلغانلىرىنى ئەبۇ ئۇبەيد رەتلەپ كۆچۈرەتتى. ئۇنىڭ «تېبابەت قانۇنى» ناملىق يىرىك ئەسىرى دەل مۇشۇ گۇرگاندا يېزىلغانىدى. ئايرىم ئەسەرلىرى بولسا ئۇزاق سەپەرلەردە قەلەمگە ئېلىنغانىدى.

              1015 – يىلىدىن 1024 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇ ئابباسىيلار خەلىپىكىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان ھەمەدان شەھىرىدە ياشىدى. بۇ جەرياندا ئەمىرنىڭ سىياسىي ۋە مەنىۋىي ئىشلىرىغا پائال ئىشتىراك قىلدى، بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئىشلىرى تاشلاپ قويغىنى يوق. ئۇ ئەمىر شەمسئۇد دەۋلەنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ساقايتقانلىقى ئۈچۈن، ئەمىر ئۇنى ئۆزىنىڭ ۋەزىرى قىلىپ تەيىنلىدى. بىراق، بۇ ھال ئۇنىڭغا ئەمىرنىڭ سەركەردىلىرى ئارىسىدىن دۈشمەن تېپىۋېلىشىغا سەۋەب بولدى. بەزى ئىچى تار، پىتنىچى بەگلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان دۈشمەنلىكى كۆپىيىپ، ئاخىر شەمسئۇد دەۋلە ئۇنى دۆلىتىدىن سۈرگۈن قىلىپ چىقىرىشقا مەجبۇر بولدى. دۈشمەنلىرى ئىبىن سىنانى سۈرگۈنگە ئەمەس، جازا مەيدانىغا تارتىپ چىقىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىشقانىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەمىر ئىبىن سىنانىڭ تېبابەت جەھەتتىكى تالانتىنى ۋە ئۆزىگە قىلغان ياردەملىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، جىسمانىي جازادىن ئازاد قىلىپ سۈرگۈن قىلىش پەرمانىنى چۈشۈرگەنمىش. قىزىقارلىق يېرى، ئىبىن سىنا سۈرگۈن بۇلۇپ، ھەمەداننىڭ چېگراسىدىن چىىپ 40 كۈنلەر ئۆتكەندە، ئەمىرنىڭ كونا كېسىلى يەنە قوزغىلىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىبىن سىنانى ناھايىتى تېزلىكتە تېپىپ، ھەمەدانغا قايتۇرۇپ كېلىدۇ. ئىبىن سىنا شەمسئۇد دەۋلەنى ئىككىنچى قېتىم داۋالاپ ساقايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىككىنچى قېتىم ۋەزىرلىككە تەيىنلىنىدۇ.

ئىبىن سىنانىڭ تەتقىقاتى ھەققىدىكى بىر پارچە رەسىم

         شەمسئۇد دەۋلە ئۇزاق ياشىيالمايدۇ. ئەمىرنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئىبىن سىنا يەنە بىر پارس ئەمىرى ئالائۇد دەۋلەنىڭ چاقىرىتىشى بىلەن ئىسفاھانغا كەتمەكچى بولىدۇ. يول تەييارلىقىنى قىلىۋاتقاندا ئۇنى ھەمەداندا ئەمىرلىككە سادىق ئەمەسلىكتە ئەيىبلەپ، تۆت ئاي قاماپ قويىدۇ. ئىبىن سىنا ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى 14 يىلىنى (1023-1037) ئىسفاھاندا ـــ ئەمىر ئالائۇد دەۋلەنىڭ سارىيىدا ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ ئىلىم-پەن ۋە ئەمىرنىڭ سىياسىي ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشى ئۈچۈن ئەمىرنىڭ ئۆزى ئۇنىڭغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ، ئىبىن سىنا ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىدە بۇنى قەيت قىلىپ ئۆتىدۇ. ئۇ ئەمىرنىڭ خاس تېۋىپى ۋە مەسلىھەتچىسى سۈپىتىدە ھەربىي يۈرۈشلەرگىمۇ بىللە چىقىدۇ. بۇ يىللاردا ئىبىن سىنا ئۆزىگە خاس بولغان ئۇسلۇب بىلەن تىلشۇناسلىق ۋە ئەدەبىياتنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىدۇ. بۇ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى سەمەرىلىك رەۋىشتە داۋام قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. بۇ يەردە «تېبابەت قانۇنلىرى» دېگەن ئەسىرىنى يېزىپ تاماملىدى. ئىسفاھان ئەمىرىنىڭ بىر قېتىملىق ھەربىي يۈرۈشىدە ئىبىن سىنا ئۆزىدە ئۆتكۈر ۋە ئېغىر ئاشقازان كېسىلى بايقايدۇ، لېكىن بۇ كېسىلىنى داۋالىمايدۇ. مۇشۇ كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئىبىن سىنا 1037 – يىلى 24 – ئىيۇندا ھەمەداندا ۋاپات بولىدۇ. ئۇنىڭ قەبرىسى دەسلەپتە ھەمەدانغا قاتۇرىلىدۇ، سەككىز ئايدىن كېيىن ئىسفاھانغا كۆچۈرىلىدۇ.

          ئىبىن سىنا ئۆلۈمىدىن بۇرۇن بىر ناتونۇش كىشىگە ۋەسىيەت قالدۇرغانىكەن، ئۇ ۋەسىيىتىدە ئۆزىنىڭ بارچە قۇللىرىنى ئازاد قىلىشنى، ئىلكىدىكى بارچە مال – بېساتىنى يېتىم-يىسىر، كەمبەغەللەرگە تەقسىملەپ بېرىشنى ئېيتقانىكەن.

مەزكۇر بىلوگ ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ ئىزدەش نامى: felekiyat

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: