باش بەت

بىرىنچى باب باغداد . مەڭگۈلۈك ئارزۇنىڭ تۇغۇلۇشى(2)

baghdad

 بىرىنچى باب 

باغداد . مەڭگۈلۈك ئارزۇنىڭ تۇغۇلۇشى

2

    خەلىپە مەنسۇرنىڭ يۈرىكىنى ئۆرتەۋاتقان ئوت ئۇنى زادىلا ئارام تاپقۇزمىدى. ئۇنىڭ مەسلەكدىشى يەنىلا باش ۋەزىر خالىد بەرمەكى ئىدى. پاراسەتلىك بۇ ۋەزىر خەلىپىنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ئاسانلا تاپالايتتى. خەلىپە غۇلاملاردىن بىرىنى خالىد بەرمەكىنى چاقىرىشقا ئەۋەتىپ، ئۆزى خاس خانىسىغا كىرىپ كەتتى.

   خەلىپە مەنسۇر خاس خانىسىدا پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن كىتاب ئوقۇپ ئولتۇراتتى. خىزمەتكە ئەۋەتىلگەن غۇلام ئىجازەت سوراپ كىرىپ، باش ۋەزىر خالىد بەرمەكىنىڭ كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.       خەلىپە مەنسۇر قولىدىكى غەلچەپنى كىتابنىڭ ئەمدىلا ئېچىلغان بېتىگە قىستۇرۇپ ئورنىدىن تۇردى. خالىد بەرمەكى يەڭگىل قەدەملەر بىلەن خانىغا كىرىپ كەلدى.

  ــ ئەمىرۇل مۆمىننىڭ ئالتۇن تېنى ساقمىكىن، ــ دەپ ئەھۋال سورىدى خالىد بەرمەكى.

  ــ قەدىرلىك ۋەزىرىم، تېنىم ساق، ئەمما يۈرىكىمنى يېڭى ئارمانلار تاتىلايدۇ، ــ دېدى خەلىپە مەنسۇر بىرەر تەدبىر سورايدىغاندەك خالىد بەرمەكىگە تىكىلىپ قاراپ.

   خالىد بەرمەكى مىز ئۈستىدىكى غەلچەپ قىستۇرۇلغان «كەلىلە ۋە دېمىنە» دېگەن كىتابقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:

   ــ ئەي مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! كۆڭلىڭىزنى ئىزتىراپقا چۆكتۈرگەن ئىشنى بىلسەم بولامدۇ؟ ــ دېدى. خەلىپە مەنسۇر مىز ئۈستىدىكى كىتابنى ئېلىپ:

   ــ مانا بۇ كىتابنى مىرزا بېشى ئىبنى مۇكاففا پارسىي تىلدىن تەرجىمە قىلغانىدى. كىتابنىڭ ئېسىل مەزمۇنىدىن ئاجايىپ ھۇزۇرلاندىم. كىتابنى ھەرقېتىم ۋاراقلىغىنىمدا ئارمانلىرىم يۈرىكىمنى تاتىلاپ ئارام بەرمەيدۇ. قەدىرلىك ۋەزىرىم، بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئېسىل كىتابلارنىڭ سۇلالىمىزدە ۋۇجۇدقا كېلىشىنى قانداقمۇ خالىماي تۇرالايمەن؟ يېڭى پايتەخت ئەھيا قىلىنىپ، سۇلالىمىزنىڭ شانۇ شاۋكىتى تۆت تەرەپكە تارالغان بولسىمۇ، بىراق مەرىپەت ئىشلىرىدا يەنىلا ئاجىزمىز. مانا مۇشۇ يارا مېنى بەكمۇ ئازابلايدۇ، ــ دېدى غەمكىن ئاھاڭدا.

   ــ دەرھەقىقەت، سۇلالىمىزنىڭ مەرىپەت ئىشلىرى ئارقىدا قالغان. لېكىن، مەرىپەت ئىشلىرىنىڭ راۋاج تېپىشىدا شارائىتىمىز يېتەرلىك، يەنە خۇش خەۋەرلەرمۇ يوق ئەمەس، پات ئارىدا باغداد دىيارىدا گۈللەپ ياشنىغان مەرىپەتچىلىكنى كۆرگەيمىز، ــ دېدى خالىد بەرمەكى.

   باش ۋەزىر خالىد بەرمەكى يېقىندا يىراق ھىند ئېلىدىن بىر ئۆمەك كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قابىل مەرىپەت ئىگىلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئالدى. خەلىپە مەنسۇر بۇنى ئاڭلاپ، بۆلەكچىلا خۇشال بولدى.

   ــ قولۇمدىكى «كەلىلە ۋە دېمىنە» گە ئوخشاش كىتابلار ھىندى ۋە يۇنان تىلىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، ئەھلى مۇسۇلمانلار بىلەن گىرېك ۋە ھىندى خەلقلىرى ئارىسىدا ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانىدى. كىتابنىڭ مەرىپەت يۈدگۈچىسى بولالايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىۋاتىمەن. ۋەزىرىم، ئەمدىلىكتە مەرىپەت ساھەسىدە يول ئاچالىسام تېخىمۇ كاتتا ئىش بولاتتى، ــ دېدى خەلىپە مەنسۇر. ئۇ يەنە ھىند ئېلىنىڭ كىشىلىرى بىلەن قاچان ئۇچرىشىدىغانلىقىنى سورىدى.

   ــ ئەمىرۇل مۆمىن خالىسا، ھازىرلا ئورۇنلاشتۇراي، ــ دېدى خالىد بەرمەكى. ئىككىيلەن مەسلىھەتلىشىپ، ھىند ئۆمىكىنى ئەتىسى قوبۇلخانىدا كۈتۈۋېلىشقا كېلىشتى.

    دەرۋەقە، ھىند ئۆمىكىدىكىلەر ئارىسىدا تۈرلۈك ئىلىملەردىن، بولۇپمۇ ھىندىلارنىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلىدىن تولۇق مەلۇماتى بولغان پازىل كىشىلەردىن بىرقانچىسى بار ئىدى. بۇ كىشىلەردىن بىرەيلەن بارھىكمىت[1] دېگەن كىشى 628 – يىلى يازغان ئاسمان ھادىسىلىرى ھەققىدىكى «بىراخما گوپتا تەلىماتى» دېگەن كىتابنى خەلىپە مەنسۇرغا تەقدىم قىلدى. خەلىپە كىتابنى قولىغا ئېلىپ بىر ھازا تىكىلىپ قارىغاندىن كېيىن، زادى قانداق مەزمۇن پۈتۈلگەنلىكىنى سورىدى.

    ــ ئالەمدىكى مەۋجۇداتلار نۇرغۇن سىرلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان، ئالتۇندەك نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياش، كېچە ئاسمىنىدا گويا يەلكەنلىك كېمىگە ئوخشاش ئۈزۈپ كېتىۋاتقان ئاي، چاراقلاپ      تۇرغان يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى سىرلىق رەۋىشتە بىزنى ھەرۋاقىت ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ. ئىنسان ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا ئۇنىڭ سىرىنى يەشمەك بولىدۇ. سىر يەشمەككە نىيەت قىلغان كىشى تەجرىبە ۋە ئۇسۇل توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھىندى خەلقى ساناق سانلارنى ئالاھىدە بەلگە بىلەن خاتىرىلەپ، نۇرغۇن ئىشلاردا ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. ھىندى ئەللامىلىرى ساناق سانلار ئۈستىدە تېخىمۇ باش قاتۇرۇپ، تۈرلۈك ھېسابلاش يوللىرى بىلەن كائىنات ۋە تەبىئەت سىرىنى ئېچىشقا قوللاندى. ھېسابلاش ئىلمى ئىنسانىيەتنىڭ كائىنات سىرلىرىنى يېشىشتە ئىختىرا قىلغان ئاجايىپ كاتتا ئۇسۇلىدۇر. ئەي ھۆرمەتلىك خەلىپە! قولىڭىزدىكى كىتابتا ئەنە شۇ ئاي، يۇلتۇزلارنىڭ سىرىنى ھېسابلاش ئۇسۇلىدا يېشىش تەدبىرلىرى سۆزلىنىدۇ، ــ دېدى ھىندى كىشى. خەلىپە مەنسۇر قولىدىكى كىتابنى ئەستايىدىل ۋاراقلاشقا باشلىدى. كىتاب ھىندى يېزىقىدا يېزىلغانىدى، خەلىپە كىتابنى ۋاراقلىغانسېرى ئۆزىنى كۆزى ئوچۇق قارىغۇدەكلا ھېس قىلدى. كىتابنىڭ مەرىپەتچىلىكتە تۇتقان ئورنىنى زادىلا تۆۋەن چاغلىغىلى بولمايتتى، بۇنى خەلىپە چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەنىدى. خەلىپە مەنسۇر ھىندى كىشىگە قاراپ، ئاي – يۇلتۇزلارنىڭ سىرىنى سۆزلەيدىغان رەسەت ئىلمى[2]نىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا سورىدى:

   ــ مەۋلانا، قېنى ئېيتىڭە، رەسەت ئىلمىنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان زادى قانداق ئەھمىيىتى بار؟

   ھىندى كىشى گېلىنى قىرىپ قويۇپ سۆزلىدى:

    ــ ھۆرمەتلىك خەلىپە، سىزگە ئايانكى، يۇلتۇز ۋە ئاينىڭ ھەرىكىتى تەقۋىم[3] تۈزۈشنىڭ ئاساسىدۇر. ۋەھالەنكى، تەقۋىم بولسا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ۋاقىت ئۆلچىمىدۇر. مىسالەن، سىزلەر قوللىنىۋاتقان ھىجرى تەقۋىمى ئاينىڭ تولۇش ۋە كەمتۈكلىشىش دەۋرىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن كاتتا ئىختىرادۇر، ھىندى خەلقىنىڭ تەقۋىمىمۇ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاساس قىلغان. تەقۋىمنىڭ خاتاسىز تۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئاسمان مەۋجۇداتلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئىنچىكە كۆزەتمەك، توغرا ھېسابلىماق كېرەك. بۇنى قولىڭىزدىكى كىتاب تېخىمۇ توغرا، ھەم ئېنىق دەپ بېرەلەيدۇ.

    خەلىپە مەنسۇر ھىندى كىشىنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئۇ ياخشى بىر كىتابنى قولىغا ئالغىنىدىن خۇش بولغانىدى، ئۇنىڭ خۇشلۇقى سالاپەتلىك چىرايىدا ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. باش ۋەزىر خالىد بەرمەكى خەلىپىنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەندى بولغاي، ھىندى كىشىگە يۈزلىنىپ:

   ــ مەۋلانا، سۇلالىمىزدە ھىند ۋە گىرېك ئەللامىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش ئىشلىرى بۇرۇنلا باشلانغان. بايا ئېيتقان سۆزلىرىڭىز ئەمىرۇل مۆمىنگە تەقدىم ئەتكەن كىتابنى تەرجىمە قىلىشنىڭ نەقەدەر تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىز تېخىمۇ كۆپ ھىندى ئەللامىلىرىنىڭ كىتابلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئۆگەنسەك، ھىند ئېلى بىلەن سۇلالىمىزنىڭ مەرىپەت ئىشلىرىنى تەڭ راۋاجلاندۇرساق دەيمىز، ــ دېدى. ھىندى كىشىنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋە قىلدى. ئۇ تەشەككۈر ئېيتىشقا ئاغزىنى ئۆمەللىگەندە، خەلىپە مەنسۇرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:

   ــ باش ۋەزىر توغرا ئېيتىدۇ، بىز كىتابنى تېزلا تەرجىمىگە ئورۇنلاشتۇرىمىز. يېڭى پايتەختىمىز باغدادتا ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشىنى، مەرىپەت ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. بۇ مېنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن خەلقنىڭ ئارزۇسى. قەدىمىڭلاردىن گۈل ئۈنگەي.

   ھىندى كىشى خەلىپىگە ئېگىلىپ تازىم قىلىپ، مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. خەلىپە مەنسۇر خالىد بەرمەكىگە يۈزلىنىپ:

   ـــ قەدىرلىك ۋەزىرىم، كىتابنى تەرجىمە قىلىشقا مۇھەممەد بىننى ئىبراھىم فەزلىنى تەيىنلەيلى، ئۇنىڭ رەسەت ئىلمىدىن خەۋىرى بار، ــ دېدى. خەلىپىلىكتىكى مەرىپەت ئىگىلىرىمۇ بۇ سورۇنغا ئىشتىراك قىلغانىدى، شۇ قاتاردا مۇھەممەد بىننى ئىبراھىم فەزلىمۇ قوبۇل زالىدا بار ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىسمى چىقىشى بىلەن تەڭ، خەلىپىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تازىم بەجا كەلتۈرۈپ:

   ــ ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى، پەرمانبەردارمەن! ــ دېدى. ئۇ كىتابنى ئېلىپ كەينىگە داجىدى. خەلىپە مەنسۇر:

   ــ مەۋلانا، ھېساب ئىلمى بىلەن رەسەت ئىلمىنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ياخشى ئۇسۇلىنى تاپقايسىز، كېيىنكىلەر بۇنىڭدىن ئوبدان پايدىلانسۇن، ــ دېدى.  مۇھەممەد بىننى ئىبراھىم فەزلى خەلىپىگە قاراپ يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر تازىم قىلىپ:

    ــ ئابا ئەجدادلىرىمىز ئاي دالىدا يېتىپ – قوپۇپ چارۋا باقاتتى، ئۇلارغا ئاي -يۇلتۇزلار ياخشى تونۇش ئىدى، كۈندىلىك ئىش – ئەمەللىرىدە ئاسمان مەۋجۇداتلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاساس قىلاتتى، ئەمما سۇلالىمىزگە ئوخشاش ئۇلۇغ خانىدانلىق قۇرۇلۇپ، يۈكسەك مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرساقمۇ، ھېساب ئىلىمى بىلەن رەسەت ئىلىمىنى بىرلەشتۈرۈش تېخىچە ئەمەلگە ئاشمىغان. پېقىر چوقۇم بۇنىڭ ئۈچۈن يۈرەك قېنىمنى سەرپ ئېتىمەن، ــ دېدى.

   بۇ ۋەقە خەلىپە مەنسۇر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى يىلىلىرى، يەنى مىلادى 773 – يىلى يۈز بەرگەنىدى. كېيىن كىتاب تەرجىمە قىلىنىپ، خەلىپىگە تەقدىم قىلىندى. 775 – يىلى دۇنياغا مەشھۇر باغداد شەھىرىنى بىنا قىلغان خەلىپە مەنسۇر ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ تەرجىمە دۇنياغا كېلىشى بىلەن ئابباسىيلار خەلىپىلىكى بۇ كىتابنى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى ۋە پەلەك ھادىسىلىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنىڭ تۈپ ئاساسى قىلىشقا باشلىدى. مۇھەممەد بىننى ئىبراھىم فەزلى كۆزىتىش ئەمەلىيىتى ئاساسىدا بىر ئاسترونومىيە جەدۋىلى تۈزۈپ ئېلان قىلدى. بۇ جەدۋەل تاكى خەلىپە مەئىمۇن[4] دەۋرىگە قەدەر قوللىنىلدى[5].



[1]  مۇسا مۇساۋى(ئىراق)، «ئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2001 – يىلى 6-ئاي، 1-نەشرى، 1-بېسىلىشى)نىڭ 36 – بېتىگە قارالسۇن.

[2]  رەسەت ئىلمى ـــ ئاسترونومىيە

[3]  تەقۋىم ـــ كالېندار

[4]  خەلىپە مەئىمۇن ـــ خەلىپە مەنسۇرنىڭ ئەۋرىسى، مىلادى 813 – يىلىدىن 833 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان.

[5]  مۇسا مۇساۋى(ئىراق)، «ئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2001 – يىلى 6-ئاي، 1-نەشرى، 1-بېسىلىشى)نىڭ 37 – بېتىگە قارالسۇن.

مەزكۇر بىلوگ ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ ئىزدەش نامى: felekiyat

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: