باش بەت

بىرىنچى باب باغداد . مەڭگۈلۈك ئارزۇنىڭ تۇغۇلۇشى(3)

baghdad

 بىرىنچى باب

 باغداد . مەڭگۈلۈك ئارزۇنىڭ تۇغۇلۇشى

3

      ئوقۇرمەنگە مەلۇم بولغايكى، خەلىپە مەنسۇر ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئوغلى مەھدى[1] خەلىپىلىك تەختىدە ئولتۇردى. خەلىپە مەنسۇر دەۋرىدىلا داڭقى چىقىشقا باشلىغان باغداد ئۆزىنىڭ گۈللىنىش دەۋرىنى داۋام قىلدى. ئەدەبىيات – سەنئەت، تەبىئىي پەن ۋە تېبابەت ئىشلىرى ماس قەدەمدە راۋاجلاندى، مەيلى خەلىپە مەنسۇر بولسۇن، مەيلى خەلىپە مەھدى بولسۇن مەرىپەت ئىشلىرىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى. ئىلىم – پەننىڭ تەرەققىياتى يېڭى بىر مەۋسۇمنى كۈتۈۋېلىشقا ھازىرلىنىپ قالغانىدى. بۇ مەۋسۇم خەلىپە ھارۇن ئەررەشىد[2]نىڭ ۋاقتىدا بارلىققا كەلدى، شۇنداقلا خەلىپە مەئىمۇن دەۋرىدە يۇقىرى پەللە ياراتتى.

      ئوردىنىڭ چاھار بېغىدا سەيلە قىلىۋاتقان خەلىپە ھارۇن ئەررەشىدكە نېمىشقىدۇر گۈللەرنىڭ خۇشپۇراقلىرى، قۇشلارنىڭ يېقىملىق ناۋالىرى ياقمىدى. ئۇ غۇلاملاردىن بىرىنى شەربەت ئەكىلىشكە بۇيرۇپ، باغ ئىچىدىكى شىپاڭغا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ بېشى ئاغرىغاندەك بولدى. يېڭىلا كەلتۈرۈلگەن مۇزدەك شەربەتنى سۈمۈرۈپ ئىچكەن بولسىمۇ، ئاغزىغا تېتىمىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى كىمنىدۇر خالايدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ چاۋاك چېلىپ، غۇلاملاردىن بىرىنى چاقىرىپ، شائىر ئەبۇ ناۋاس[3]نى چاقىرىپ كېلىشكە بۇيرىدى.

    تەرەپبال چىققان سەلكىن شامال ھارۇن ئەررەشىدنى ئەللەيلىگەندەك خىيال دەرياسىغا غەرق قىلدى: ئۇ ئاكىسى مۇسا ھادىدىن تەختنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، سۇلالىنىڭ شان – شۆھرىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. گۈللەنگەن ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش ئۇنىڭغا ئاسانغا چۈشمىدى. ئەمما، ئۇ تەدبىرلىك كىشىلەرنى ئەتراپىغا يىغقانلىقى، ئۆزىمۇ دۆلەت ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئىدىتلىق بولغانلىقى ئۈچۈن كۈندىلىك ئىشلار ئىزىغا چۈشۈپ، پۈتۈن ئىقلىم ھارۇن ئەررەشىد دەپ توۋلايدىغان بولدى. بىر مەھەل تېرىسىگە سىغماي قالغان پەرەڭنىڭ پادىشاھى چارلىمان[4]مۇ ئۇنىڭدىن تەپتارتاتتى. باغداد مىسلىسىز گۈللىنىشكە ئېرىشتى، يىراق جۇڭگودىن، ھىندىستاندىن، رۇمدىن باغدادقا كارۋانلار ئۈزۈلمەي كېلەتتى، خەلىپىدىن مەدەت كۈتىدىغان مەرىپەت ئىگىلىرىمۇ ھارۇن ئەررەشىدنى زىيارەت قىلىپ تۇراتتى. يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى باغدادتىكى خەلىپە ھۇزۇرىدا ئالتۇن – كۈمۈش، ئۈنچە – مەرۋايىت تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ دەپ بىلەتتى. بۇ سۆزلەرنى ئاساسسىز دېيىشكىمۇ بولمايتتى، چۈنكى ئايالى زۇبەيدەنىڭ ساپما كەشلىرىگىمۇ دۇر قادالغانىدى، زۇبەيدە كېنىزەكلىرىنىڭ كىيىملىرىدىمۇ ئۈنچە – مارجاننىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلاتتى. بۇنداق مەئىشەت باغدادنىڭ ھەممە يېرىدە دېگۈدەك بار ئىدى. خەلىپە مەنسۇرنىڭ يۈرەك قېنى ۋە ئەقىل – پاراسىتى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن بۇ شەھەر ئۇنىڭ ئەۋلادى بولمىش ھارۇن ئەررەشىد ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ماكان بولۇشى كېرەك. ئەمما، مەڭگۈلۈك ئابىدە تىكلىمەكنىڭ ئۆزى بەسىي مۈشكۈل. ئىستىلا قىلىنغان جايلاردىن ئەكىلىنگەن ھىندى، گىرېك ۋە قەدىمكى سۇرىيە تىللىرىدا يېزىلغان نادىر كىتابلارنىڭ بىر قىسمى تەرجىمىگە ئورۇنلاشتۇرۇلسىمۇ، كۆپ قىسمى يەنىلا كۇتۇپخانىدا تۇرىدۇ. بوۋىسى ۋە ئاتىسىنىڭ باشلىغان ئۇلۇغ مەرىپەت ئىشلىرى يەنىلا كۈچلۈك رىغبەتكە موھتاج. شەھەرنى كۆركەم ئىمارەت بىلەنلا بېزەشنىڭ ئۆزى ئابىدە تىكلىگەنلىك ئەمەس، مەرىپەت بىلەن نام – شەرەپ بىرىكىپ كېتىشى كېرەك…

     ــ ئەمىرۇل مۆمىننىڭ ئالتۇن تېنى ساقمىكىن، ــ دېگەن سالام بەرگەن ئاۋاز خەلىپە ھارۇن ئەررەشىدنىڭ خىيالىنى ئۈزۈۋەتتى، بۇنىڭ بىلەن تەرەپبال چىققان سەلكىن شامالمۇ توختاپ قالغاندەك بىلىندى. سالام بەرگۈچى شائىر ئەبۇ ناۋاس ئىدى.

    ــ ئەي ئەبۇ ناۋاس، خىيالىمنى ئۈزۈپ قويدۇڭ. بۇنىڭ جازاسىنى تارتىشىڭ كېرەك، ــ دېدى خەلىپە سالامغا جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا. ئەبۇ ناۋاس پېتىنى بۇزماي تۇرۇپ:

    ــ ئەمىرۇل مۆمىننىڭ خىيالىنىڭ ئاخىرىنى مەن چىقىرىپ بەرسەم بولىدۇ ئەمەسمۇ، ــ دېدى. ئەبۇ ناۋاس كۆپ قېتىم مانا مۇشۇنداق ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن جازاغا دۇچار بولسىمۇ، يەنىلا ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئۇدۇل دەۋېرەتتى. خەلىپە ھارۇن ئەررەشىد ئەبۇ ناۋاسنىڭ ھازىر جاۋابلىقىنى، توغرا سۆزلۈك، ئۆز پىكرىنى ئايانماي ئۇدۇل دەيدىغانلىقىنى بىلەتتى، ئۆزىمۇ شائىرنىڭ مۇشۇ تەرىپىنى ياخشى كۆرەتتى. ھارۇن ئەررەشىد:

    ـــ قېنى دېگىنە، مەن قانداق خىيال سۈردۈم؟ ــ دېدى.

    ــ ئەمىرۇل مۆمىنگە مەلۇم بولغايكى، باغدادنىڭ ئىلىم – پەن مۇھىتىدىن ۋايىم يېمەسلىك كېرەك. ئەمما، بىر – ئىككى مەرتە ئىشنى ياخشى ئىشلىگەندىلا، ئەمىرۇل مۆمىننىڭ قەلبىدىكى بۇرۇقتۇملۇق تارقاپ كەتكۈسىدۇر، ــ دېدى ئەبۇ ناۋاس. خەلىپە ھارۇن ئەررەشىد ئەبۇ ناۋاسقا تىكىلىپ قاراپ:

    ــ مېنى بۇرۇقتۇم قىلغىنىمۇ دەل مۇشۇ ئىشلار ئىدى، قانداق قىلىشنى بىلمەي، ئاقىللارنىڭ پىكرىنى ئالاي دەپ تۇراتتىم. ھەي ئەبۇ ناۋاس، سەن خىيالىمدىكى نەرسىنى قانداقمۇ بىلىۋالغانسەن ھە؟ قېنى ئېيتە، قايسى ئىشلارنى ياخشى ئىشلىسەك بولىدۇ؟ ــ دېدى.

    ــ ئەمىرۇل مۆمىننىڭ نام –شەرىپىنى بىلمەيدىغان كىشى يوقتۇر. يىراق چىن ئېلى، ھىند، مەغرىپتىكى رۇم ئەللىرىنىڭ ھەممىسى نامىڭىزنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ. سىزنىڭ مۇبارەك نامىڭىز بىلەن باغداد شەھىرى شۇنچىلىك بىرىكىپ كەتكەنكى، باغدادنىڭ بۈيۈكلۈكى تەختىڭىزدىن ئايرىلالمايدۇ. سىزنىڭ دانالىقىڭىز بۇ يەردە گۈللىنىش ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، نۇرغۇن ئىلىم ئىگىلىرىنى جەلپ قىلدى. ئەمدىكى مەسىلە شۇكى، شۇ ئىلىم – مەرىپەت ئىگىلىرىنى تەشكىل ئەتمەك، ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلماق لازىمدۇر. پېقىرنىڭ چولتا خىيالى بويىچە بولغاندا، دەرھال دانىشگاھ قەسىرى قۇرۇپ، بوۋىڭىز خەلىپە مەنسۇر زامانىسىدا باشلانغان تەرجىمىچىلىك ئىشلىرىنى تەرتىپكە سالغۇلۇق؛ يەنە مەرىپەت تارقىتىشنى، شىپاخانا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەل–رەئىيەتنىڭ كۆڭلىنى ئالغۇلۇق، ــ دېدى ئەبۇ ناۋاس ئالدىراپ سۆزلەپ.

    ــ ئەي ئەبۇ ناۋاس، گەپكە ئۇستىسەن. دېگەنلىرىڭ ئورۇنلۇق، بۇ گەپلىرىڭ بىلەن كۆڭلۈم يورۇپ قالغاندەك بولدى، سېنى جازادىن ئازاد قىلدىم، ــ دېدى خەلىپە ھارۇن ئەررەشىد، ئاندىن چاۋاك چېلىپ غۇلاملاردىن بىرەيلەننى چاقىرىپ، باش ۋەزىر جەففەر بەرمەكى[5]نى چاقىرىشنى بۇيرىدى.

    باش ۋەزىر جەففەر بەرمەكى كەلگەندىن كېيىن، ھارۇن ئەررەشىدنىڭ كۆڭۈل ئاغرىقىغا مەلھەم بولىدىغان سۆزلەرنى قىلدى:

    ــ ئەي ئەمىرۇل مۆمىن! مەغرىپتىكى پەرەڭ مەملىكىتى جاھالەت ئۇيقۇسىدا يېتىۋاتىدۇ، ئۇ يەرنىڭ مەرىپەت ئىشلىرىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ۋەھالەنكى، ئەمىرۇل مۆمىننىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە كەسكىنلىكى بىلەن جاھان مىقياسىدا ئابباسىيلار تەسەررۇپىدىكى جايلار يورۇق يۇلتۇز بولۇپ تۇرماقتا. بولۇپمۇ باغداد چولپان كەبى چاقناۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغلىڭىز شاھزادە ئابدۇللا (ئەل مەئىمۇن) كىچىكىدىن ئىلىمگە ھېرىسمەن. ئاڭلىسام ئۇنىڭ مەرۋ[6]دىكى ئوردىسىغا ماۋرائۇننەھر، خۇراسان، خارەزمدىن كەلگەن ئالىملار ۋە ئىستېدادلىق ياشلار توپلىنىپتۇدەك، بۇنىڭ ئۆزىمۇ كاتتا خۇشخەۋەر. پات ئارىدا باغداد ۋە باشقا جايلاردا مىسلىسىز گۈللەنگەن ئىلمىي مۇھىتنى كۆرگەيمىز.

    خەلىپە ھارۇن ئەررەشىدنىڭ كۆڭلى ئۆسۈپ قالدى. ئۇ شائىر ئەبۇ ناۋاس بىلەن جەففەر بەرمەكىگە دانىشگاھ قەسىرىنى قانداق قۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىدى. ئۇلار ئۇزاق مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، قۇرۇلغۇسى دانىشگاھ قەسىرىگە مەرىپەت ئىگىلىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، قولغا چۈشۈرۈلگەن كىتابلارنى تەرجىمىگە تەشكىللىك ئۇيۇشتۇرۇش، باغداد قاتارلىق شەھەرلەرگە شىپاخانىلارنى قۇرۇپ، باش تېۋىپلارنى بەلگىلەش، خەلىپىلىكنىڭ كۇتۇپخانىسىنى رەتلەش… دېگەندەك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا پۈتۈشتى. خەلىپە ھارۇن ئەررەشىد ئاخىرىدا يەنە شائىر ئەبۇ ناۋاسقا كىمخاپ تون ئىنئام قىلىشنىمۇ يادىدىن چىقارمىدى.

    بۇ قارارنىڭ ھەقىقەتەن ئۈنۈمى كۆرۈلدى. تەرەپ – تەرەپتىن مەرىپەت ئىگىلىرى باغدادقا قاراپ ئاقتى، مەرىپەت ئىگىلىرى تەشكىللىنىپ، دانىشگاھ قەسىرى بارلىققا كەلدى. خەلىپە ھارۇن ئەررەشىد قۇرغان بۇ بىلىم ئورنى ئەينى ۋاقىتتا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ ئىسكەندىرىيە شەھىرىدە بارلىققا كەلتۈرگەن بىلىم يۇرتى ـــ ميۇز ئوردىسىدىن قېلىشمايتتى. ئابباسىيلار تەۋەلىكىدىكى مۇسۇلمانلار ناھايىتى تېزلىك بىلەن مىسىر، بابىلون، گىرېك، ھىندى ۋە جۇڭگونىڭ قەدىمىي ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇپ، دۇنيا ئىلىم – پەن ساھەسىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

    مىلادىيە 806 – يىلى. خەلىپە ھارۇن ئەررەشىد تۆشەكتە ھالسىز ياتاتتى. خاس تېۋىپ مەسۋى ئۇنىڭ تۇمۇرىنى تۇتۇپ تۇراتتى.

   خەلىپە ھارۇن ئەررەشىدنىڭ تېۋىپقا كۆرۈنۈشىدە سەۋەب بار ئىدى، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ يېڭىدىن تەختكە چىققان پادىشاھى نىسپۇرۇس بويۇنتاۋلىق قىلىپ، تۆلەيدىغان ئۇلپاندىن باش تارتقاننىڭ ئۈستىگە، يەنە جەڭنامە ئەۋەتىپ خەلىپىگە ھاقارەت قىلغانىدى. بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەبلەنگەن خەلىپە ھارۇن ئەررەشىدنىڭ مىجەزى بۇزۇلغانىدى.

   ــ ئەي ئەمىرۇل مۆمىن! ئۆزىڭىزنى چارچىتىۋالمىغايسىز. سىزدە سەپرا ئېشىپ كېتىپتۇ، يەنە ئۆزىڭىزنى ئالدۇرۇپ قويۇپسىز، سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلمىسىڭىز بولمايدۇ، ــ دېدى مەسۋى كۆڭۈل بۆلۈپ.

    ــ مەۋلانا، سۆزلىرىڭىزگە دىققەت قىلىۋاتىمەن. تومۇرۇمنى ھەرقېتىم تۇتقاندا يېڭى – يېڭى گەپلەرنى قىلىسىز، دېمەك تېبابەتتە ئىلگىرىلەپسىز. بۇنىڭغا تەرجىمە قىلغان تېبابەت ئەسەرلىرىڭىز تەسىر قىلدىمۇ قانداق؟ ــ دېدى ھارۇن ئەررەشىد جانسىز ئاۋازدا.

   ــ شۇنداق، تەرجىمىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان گىرېك ۋە ھىندىلارنىڭ تېبابەت ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ، كۆزۈم ئېچىلغاندەك بولدى. يەنە بۇرۇنقى ئەمچىلەرنىڭ نۇرغۇن دورا رىسالىلىرىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى بىمارلارغا ئىشلىتىپمۇ ئۈلگۈردۈم. ئەي ئەمىرۇل مۆمىن! تېۋىپ بولغان كىشى تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرسىلا بولمايدىكەن، ئۇنىڭ خاس يوللىرىنى ئىگىلىمەك لازىمكەن، شۇڭا گىرېكلارنىڭ تۆت تادۇ قارىشى بىلەن ئۆزۈمنى قوراللاندۇرۇپ، ئەرەستۇ[7]نى مەنىۋى ئۇستاز تۇتتۇم، ــ دېدى مەسۋى.

   بۇ گەپ خەلىپە ھارۇن ئەررەشىدنى خۇشال قىلدى. چۈنكى، بۇ خەلىپە قوزغىغان مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمى ئىدى. خەلىپە ھارۇن ئەررەشىد يەنە:

   ــ مەۋلانا، تېبابەت كىتابلىرىنى تەرجىمە قىلىۋاتىسىز، يېزىش ۋە كۆچۈرۈش ئىشلىرىنى ئاسان دېگىلى بولمايدۇ. مەن باش ۋەزىرگە ئېيتاي، خىزمىتىڭىزگە قابىل مىرزىلارنى تەيىنلەپ بەرسۇن، ــ دەپ قوشۇپ قويدى. مەسۋى ئورنىدىن تۇرۇپ خەلىپىگە چوڭقۇر ئېگىلىپ تازىم قىلدى.

   ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، خەلىپە ھارۇن ئەررەشىد شەخسەن ئۆزى ئەسكەر باشلاپ، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى بىلەن ئۇرۇش قىلدى. بۇ ھارۇن ئەررەشىد ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىلدىكى بىردىنبىر ئۇرۇش ئىدى. ئۇرۇشتا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى مەغلۇپ بولۇپ، ھەسسىلەپ ئۇلپان تۆلەيدىغان بولدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا يەنە نۇرغۇن كىتابلارمۇ ئولجا ئېلىندى ۋە دانىشگاھتىكى ئالىملارغا تارقىتىپ بېرىلدى. ئەمدىلىكتە باغدادتا تەرجىمىگە يانداشتۇرۇپ، ئالىملار ئۆزلىرىمۇ ئەسەر يازىدىغان بولدى.

   مىلادىيە 809 – يىلى شۆھرەتلىك ۋە مەرىپەتپەرۋەر خەلىپە ھارۇن ئەررەشىد ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي باغداد مەلۇم مەزگىللىك ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قالدى.



[1]  مەھدى ـــ 775 – يىلىدىن 785 – يىلىغچە ئابباسىيلارنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان.

[2] ھارۇن ئەررەشىد ـــ خەلىپە مەھدىنىڭ ئوغلى بولۇپ، 786 – يىلىدىن 809 – يىلىغچە تەختتە ئولتۇرغان، ئۇ بىر يىل ھاكىمىيەت تۇتقان ئاكىسى مۇسا ھادىدىن تەختنى تارتىۋالغانىدى.

[3]  ئەبۇ ناۋاس ـــ ئەرەب گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئاتاقلىق شائىر، 813 – يىلى ئۆلتۈرۈلگەن.

[4]  چارلىمان ـــ فىرانىك پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ئىمپېراتۇر چارلىمان، بەزى مەنبەلەردە ئىمپېراتۇر چارلىز دەپمۇ ئېلىنىدىغان بولۇپ، 768- يىلىدىن 814 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان. كېيىن ئۇنىڭ ئىمپېرىيەسى پارچىلىنىپ، گېرمانىيە، ئىتالىيە، فىرانسىيەلەرنىڭ دەسلەپكى ئاساسى شەكىللەنگەن.

[5]  جەففەر بەرمەكى ـــ خالىد بەرمەكىنىڭ ئەۋرىسى، خەلىپە مەھدىگە ۋەزىر بولغان يەھيا بەرمەكىنىڭ ئوغلى بولىدۇ.

[6]  مەئىمۇن مەرۋگە نايىب بولۇپ تەيىنلەنگەنىدى.

[7]  ئەرەستۇ ـــ ئارىستوتېل

مەزكۇر بىلوگ ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ ئىزدەش نامى: felekiyat

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: