باش بەت

بىرىنچى باب باغداد . مەڭگۈلۈك ئارزۇنىڭ تۇغۇلۇشى(4)

baghdad

بىرىنچى باب 

باغداد . مەڭگۈلۈك ئارزۇنىڭ تۇغۇلۇشى

4

      باغداد قانداق قىلىپ ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قالدى؟ بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق ئىدى:

   خەلىپە ھارۇن ئەررەشىد ھايات ۋاقتىدىلا خەلىپىلىكنىڭ زېمىنىنى ئوغۇللىرىغا بۆلۈپ بەرگەنىدى. مەئىمۇن شەرقىي ئۆلكىلەرنىڭ ۋالىيلىقىغا؛ ئەمىن سۇرىيەنىڭ ۋالىيلىقىغا؛ قاسىم بولسا مېسسوپوتامىيەنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەنىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەمىن خەلىپىنىڭ ۋارىسى، مەئىمۇن بولسا نايىب ئىدى. ھارۇن ئەررەشىد قازا قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئاكا – ئۇكىلار ئارىسىدا ھوقۇق ماجراسى كېلىپ چىقتى. دەسلەپتە ئەمىن قاسىمنى ۋالىيلىقتىن قالدۇردى، بۇنىڭغا مەئىمۇن نارازى بولدى. ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك، ئۇلار ئەتراپىدىكى ئەقىلدارلىرىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن بىر – بىرى بىلەن ئادا – جۇدا بولۇشۇپ مىلادىيە 810 – يىلى ئۇرۇش قوزغىدى.

      ئۇرۇشتا ئەمىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ مەغلۇپ بولدى. مەئىمۇن غەلىبە قىلىپ خەلىپىلىك تەختىگە ئولتۇردى. بۇ مىلادىيە  813– يىلى ئىدى.

      مىلادىيە 819 – يىلى.

   ئويناق ئەرەب ئارغىمىقىغا مىنىۋالغان خەلىپە مەئىمۇن باغداد كوچىسىدا كېتىۋاتماقتا، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ دۆلەت ئەركانلىرى كېلىۋاتاتتى. خەلىپە مەئىمۇننىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلگەنىدى، بۇزۇلغان، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن كاتتا ئىمارەتلەرگە ھەر قېتىم كۆزى چۈشكىنىدە چىرايى تۇتۇلاتتى. بىرقانچە يىللىق توقۇنۇش بۇ شەھەرنى كۆرۈمسىز ھالەتكە كەلتۈرگەنىدى. ئۇلۇغ بوۋىسى، بوۋىسى ۋە ئاتىسىنىڭ دەۋرىدە جاھان خەلقى ئىنتىلىدىغان بۇ شەھەر تۆت يىللىق ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان، خەلىپە مەئىمۇن تەختتە ئولتۇرغان ئالتە يىلدىمۇ ئېسىگە كېلىپ بولالمىغانىدى.

    ۋەيرانە ھالەتنى كۆرۈۋېرىپ كۆڭلى بەكلا يېرىم بولغان خەلىپە مەئىمۇن ھەممىگە ئۆزى ئەيىبلىكتەك ھېس قىلدى. بۇ خىل ھېس – تۇيغۇ كۈچەيگەنسېرى شۈكلىشىپ قالدى. «ئاتام ھارۇن ئەررەشىد توپلىغان ئىلمىي كىتابلار قېنى؟ شۇ كىتابلارنىڭ ئىچىگە چۆكۈپ ئىشلەيدىغان ئەللامىلەر ھازىر قەيەردە؟ باغدادنىڭ ئاتا – بوۋام ۋاقتىدىكى گۈللەنگەن ۋاقتى كەلمەسكە كەتتىمۇ؟» ئويلىغانسېرى خەلىپە مەئىمۇننىڭ خىيالى چىگىچلىشىپ كەتتى.

    كوچا – كويلاردا ئادەم شالاڭ ئىدى، شالاڭ بولغاننىڭ ئۈستىگە بىر خىل روھسىز كۆرۈنەتتى. ئات ئۈستىدە كەيپىياتى ئۇچقان ھالەتتە ئولتۇرغان خەلىپە مەئىمۇننىڭ كۆزى ئىشىكى ھاللاڭ ئوچۇق، ئەمما خېرىدارسىز تۇرغان بىر كىتاب دۇكىنىغا چۈشتى. ئۇ ئاتتىن سەكرەپ دېگۈدەك چۈشتى – دە، ئالدىراپ كىتاب دۇكىنىغا قاراپ ماڭدى. دۆلەت ئەركانلىرىمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئالدىراپ مېڭىشتى. مۈگدەپ ئولتۇرغان كىتابپۇرۇش دۇكىنىغا كىرگەن بىر توپ ئېسىلزادىلەرنى كۆرۈپ مەڭدەپ قالدى.

    ــ ئەي كىتابپۇرۇش، ئالدىڭدا تۇرغان كىشىنىڭ مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى، جاھان ئىگىسى خەلىپە مەئىمۇن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىڭمۇ؟ ــ دېدى ۋەزىرلەردىن بىرى ھاڭۋېقىپ تۇرغان كىتابپۇرۇشقا كايىپ. كىتابپۇرۇش تېخىمۇ تەمتىرەپ قالدى، شۇنداقتىمۇ سالام بەجا كەلتۈردى.

    ـــ كىتابلارنىڭ سودىسى قانداقراق؟ ــ دەپ سورىدى خەلىپە مەئىمۇن سالامغا جاۋاب قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن.

    ــ دۇكاننى تاقاشنى نىيەت قىلىۋاتىمەن، ــ دېدى كىتابپۇرۇش غەمكىن ئاھاڭدا.

    ــ نېمىشقا؟ سودىڭىز زادىلا يۈرۈشمەيۋاتامدۇ؟ ــ دېدى خەلىپە مەئىمۇن نېمە ئۈچۈنلىكىنى چۈشىنەلمەي.  كىتابپۇرۇشنىڭ تۇرقىدىن بىر نەرسە دېمەكچىدەك قىلاتتى، ئەمما جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى.

   ــ قانداق ئەھۋال بولسا دەۋېرىڭ، ــ ئىلھام بەردى خەلىپە مەئىمۇن.

   ــ شەھەردىكى مالىمانچىلىق بىلەن نۇرغۇن كىتابقا ئىخلاس قىلىدىغان تالىپلار ۋە ئىلىم سۆيەر كىشىلەر باشقا يۇرتلارغا باش ئېلىپ چىقىپ كەتتى، كىتاب ئوقۇيدىغان كىشىلەر بارغانسېرى ئاز قېلىۋاتىدۇ، ــ دېدى كىتابپۇرۇش ئۈمىدسىزلىك بىلەن.

   ــ دۇكىنىڭىزدا قانداق ئېسىل كىتابلىرىڭىز بار؟

   ــ ئەمىرۇل مۆمىن خەلىپە! قېنى مەرھەمەت قىلغايسىز، ــ دېدى كىتابپۇرۇش دۇكاننىڭ كىتاب ساقلاش ئۆيىگە خەلىپىنى باشلاپ.

   خەلىپە مەئىمۇن كىتابپۇرۇشنىڭ دۇكىنىدا قىممەتلىك كىتابلارنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بەزى كىتابلارنى ئاسانلىقچە تاپقىلىمۇ بولمايتتى. ھەربىر كىتابنى قولىغا ئالغىنىدا خەلىپە مەئىمۇننىڭ چىرايىدا خۇشاللىق ئەكس ئېتەتتى. قارىماققا ئۇنىڭ كوچىدىكى ناچار كەيپىياتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغاندەك قىلاتتى. خەلىپە مەئىمۇن كىتابلار ئىچىدىن قىممەتلىك دەپ قارىغان بىر قانچە كىتابنى تاللىۋالدى – دە، كىتابپۇرۇشقا بىر كۆن قاپچۇقنى ئۇزارتتى. كىتابپۇرۇش قاپچۇقنى ئالغىلى ئۇنىمىدى، خەلىپە مەئىمۇن:

   ــ پۇلنى ئالمىسىڭىز بولمايدۇ، چوقۇم ئېلىڭ، ــ دېدى. كىتابپۇرۇش تەسىرلىگىنىدىن ئۈنسىز يىغلىدى، كۆز چاناقلىرى لىققىدە ياشقا تولدى.

   خەلىپە مەئىمۇن دۆلەت ئەركانلىرى بىلەن ئوردىغا قايتىپ كەلدى، ھەمدە ناھايىتى تېزلا ئەركانلار بىلەن باغدادنىڭ ئەسلىدىكى قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈستىدە باش قوشۇشتى.

   ــ باغدادنىڭ بۇنداق ھالغا كېلىپ قېلىشى مەن ئۈچۈن ھاقارەت، ــ دەپ گەپ باشلىدى خەلىپە مەئىمۇن كۆبجۈپ تۇرۇپ، ــ شۇنچە يىللاردىن بۇيان گۈللەنگەن باغداد قىسقىغىنە بىرقانچە يىلدىلا مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالامدۇ؟ مەسىلىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى تېپىش كېرەك.

   دۆلەت ئەركانلىرى ئېغىر – ئېغىر تىنىپ، گەپ قىلماي تۇرۇشاتتى. ئوردىنى جىمجىتلىق باستى، خەلىپە مەئىمۇن بۇخىل ھالەتتىن بىزار بولدى بولغاي، يەنە گەپ تەشتى:

   ــ قەدىرلىك ۋەزىرلىرىم، قانداق دانا تەدبىرلىرىڭلار بار؟ مېنىڭ باغدادقا كېچىكىپ كېلىشىم خاتا بولغانمۇ؟ بۇ خۇسۇستا كەڭ – كۇشادە پىكىر بايان قىلغايسىلەر.

   ۋەزىرلەر بىر – بىرىگە قارىشىشقا باشلىدى، ئۇلارنىڭ تۇرقىدىن ئۆزئارا مەدەت بېرىشىۋاتقاندەك قىلىشاتتى. بىرئاز ۋاقىت مانا مۇشۇنداق بىر – بىرىگە قارىشىش بىلەن ئۆتتى، خەلىپە مەئىمۇننىڭ چىرايىدا يەنە بىزارلىق ئەكس ئەتتى. دەل مۇشۇ چاغدا بىر ۋەزىر ئالدىغا چىقىپ پىكىر بايان قىلماقچى بولدى.

    ــ ئەي ئەمىرۇل مۆمىن خەلىپە! ــ دېدى ۋەزىر گەپ باشلاپ، ــ سىزنىڭ باغدادقا كېچىپ كېلىشىڭىزنى خاتا ياكى توغرا دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. سىز ۋايىم يەۋەتقان قانداق قىلىپ باغدادنى گۈللەنگەن ئەسلى قىياپىتىگە قايتۇرالايمىز؟ دېگەن مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلساقلا بولىدۇ. بىلىشىمچە، ئۇلۇغ بوۋىڭىز خەلىپە مەنسۇر باغداد شەھىرىنى قۇرغاندا مەن ۋە مېنىڭ ئەۋلادلىرىم مەڭگۈ مۇشۇ جايدا تۇرسۇن دەپتىكەن. ئاتىڭىز شۆھرەتلىك خەلىپە ھارۇن ئەررەشىد دانىشمەن مەرىپەت ئىگىلىرىنى ئەتراپىغا توپلاپ، خەلىپە ئوردىسىنى گويا دانىشگاھ قەسىرىگە ئايلاندۇرۇپ، چىن، ھىند ۋە رۇم ئەللىرىدىن كەلتۈرۈلگەن بىباھا كىتابلارنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ، مەرىپەت مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرگەنىدى. بۇنىڭدىن ئەل – رەئىيەت چەكسىز خاتىرجەملىككە چۆمۈپ، باغداد ھەم ئىلىمنىڭمۇ، ھەم مەئىشەتنىڭمۇ كاتتا ماكانىغا ئايلانغانىدى. ھالا بۈگۈنكى كۈندە باغداد ۋەيرانە ھالەتكە كېلىپ قالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم دانىشمەن مەرىپەت ئىگىلىرىنى يەنە چىللاپ كەلگۈلۈك، بۇ تەخىرسىزدۇر.

   ــ پېقىر بۇ سۆزلەرنى توغرا تاپىمەن، ــ دېدى يەنە بىر ۋەزىر گەپ باشلاپ، ــ ئەمىرۇل مۆمىن مەرۋدە تۇرغاندىلا ماۋرائۇننەھر، خۇراسان ۋە خارەزم ئۆلكىلىرىدىكى ياش ھەم ئىستېدادلىق مەرىپەت ئىگىلىرىنى توپلاپ، مەرۋنىڭ مەرىپەت چىرىغىنى قايتا نۇرلاندۇرغانىدىڭىز. شۇ جايدا قوللانغان تەدبىرلەرنى باغدادتا ئىشلەتسەك ئۈنۈمى خەيرلىك بولارمىكىن.

   باشقا ۋەزىرلەر بۇ ئىككى ۋەزىرنىڭ تەكلىپىنى بىر ئېغىزدىن قوللاشتى. خەلىپە مەئىمۇننىڭ چىرايىدىمۇ رازىمەنلىك ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.

    ــ قەدىرلىك ۋەزىرلىرىم، كىتاب دۇكىنىنىڭ قانچىلىك غېرىب ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى ھەممىڭلار كۆردۈڭلار، ئەمما دىققەت قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنچە ئېسىل كىتابلار ئاشۇ ئاددىي كىتابخانىدا ياخشى ساقلىنىپ تۇرۇپتۇ، بۇ شۆھرەتلىك باغدادنىڭ نۇرانە كەلگۈسىدىن بېشارەت بېرىپ تۇرمامدۇ؟ بايا بەرگەن تەكلىپىڭلاردىن ئالەمچە سۆيۈندۈم. ھەق راست، مەرىپەت ئىگىلىرىنى چوقۇم قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك. سىلەرنىڭ تەكلىپىڭلارنى ئاڭلاپ، كاللام تۇيۇقسىز يورۇپ كەتكەندەك بولدى، مېنىڭچە ئاتام خەلىپە ھارۇن ئەررەشىد قۇرۇپ گۈللەندۈرگەن دانىشگاھ قەسىرىنى چوقۇم ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مەرىپەت ئىگىلىرىگە ماكان قىلىپ بېرىشنى لايىق تاپتىم، بۇ قەسىرنىڭ نامىنى «بەيتۇل ھېكمە»[1] دەپ ئاتىساق دەيمەن، ــ دېدى خەلىپە مەئىمۇن.

   ۋەزىرلەرنىڭ ھەممىسى روھلىنىپ بىر ئېغىزدىن «بارىكاللا» دېيىشتى. بىر ۋەزىر ئالدىغا چىقىپ:

   ــ  ئەمىرۇل مۆمىن خەلىپە، مېنىڭ كىچىككىنە تولۇقلىما قىلىدىغان سۆزۈم بار ئىدى، ــ دېدى. خەلىپە مەئىمۇن خۇشاللىق نۇرى يېغىپ تۇرغان كۆزىنى ئۇنىڭغا تىكتى ۋە:

   ــ قەدىرلىك ۋەزىرىم، قېنى مەرھەمەت، ــ دېدى.

   ــ مېنىڭچە تەرەپ – تەرەپتىن مەرىپەت ئىگىلىرىنى يىغىش بىلەن بىللە، چىن، ھىند، رۇم ۋە يۇنان ئەللىرىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، بىباھا كىتابلارنى يىغىپ ئەكىلەيلى. ئەمىرۇل مۆمىنگە مەلۇم، كىتاب ئىلىمنىڭ يۈدگۈچىسىدۇر. باغدادنى مەرىپەت ئىگىلىرىنىڭ ماكانىغا ئايلاندۇرىمىز دەيدىكەنمىز، مەرىپەتنىڭ يۈدگۈچىسى بولمىسا بولمايدۇ، ــ دېدى ھېلىقى ۋەزىر.

    ــ توغرا ئېيتىسىز ۋەزىرىم، توغرا ئېيتىسىز، ــ دېدى خەلىپە مەئىمۇن.

   ئەنە شۇ باش قوشۇشتىن كېيىن باغدادتا كاتتا ئىلىم ماكانى «بەيتۇل ھېكمە» قۇرۇلدى، بەيتۇل ھېكمەنىڭ قۇرۇلۇشى ئىسلام تارىخىدىكى كاتتا ۋەقە ھېسابلىنىدۇ. تەرەپ – تەرەپكە چاپارمەن ماڭدۇرۇلۇپ ۋە خەت – ئالاقە ئەۋەتىلىپ جاھاندىكى كاتتا ئالىملار باغدادقا تەكلىپ قىلىندى. باغدادنى تەرك ئېتىپ كېتىپ قالغان مەرىپەت ئىگىلىرى ئانا يۇرتىغا قايتىپ كېلىشتى، باغدادتا ئىلىم – مەرىپەت جۇش ئۇرۇپ گۈللىنىشكە باشلىدى.

   ئوقۇرمەنگە مەلۇم بولغايكى، خەلىپە مەئىمۇن ئوقۇمۇشلۇق پادىشاھ ئىدى، ئىلىمنى ۋە ئىلىم ئىگىلىرىنى ياخشى كۆرەتتى، ئىلىمگە ئىنتىلىشىنى ئۇنىڭ تۇغما خاراكتېرى دېيىشكە بولاتتى. ئۇ مەرىپەت ئىگىلىرىنىڭ قانداق ئېتىقادتا بولۇشى بىلەن ھېسابلاشمايتتى، شۇڭا بەيتۇل ھېكمەدە خىزمەت قىلغان ئالىملار ئارىسىدا مۇسۇلمان بولمىغان ئالىملارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. خەلىپە مەئىمۇن بەيتۇل ھېكمەنىڭ كۇتۇپخانىسىغا ھەرقايسى ئەللەردىن كىتاب ئەكەلدۈرۈپ قويغانىدى، ئۇ رۇملۇقلاردىن غالىب كەلگەن ۋاقىتتا، رۇمدا ساقلىنىۋاتقان كىلاسسىك ئەسەرلەردىن ئۆزى تاللىغىنىنى بېرىشنى رۇم پادىشاھىدىن تەلەپ قىلغانىدى؛ يەنە سىپروس ئارىلىنىڭ ھۆكۈمدارى ئۇنىڭ بىلەن ياراشقان مەزگىلدە گىرېك كۇتۇپخانىسىدىكى كىتابلارنى سوۋغا قىلىپ، ئۇنى بەك خۇش قىلىۋەتكەنىدى. خەلىپە مەئىمۇن ئەركىن پىكىرلىك پادىشاھ بولۇپ، ھەرخىل ئېقىملار ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقتىدا تازا راۋاج تاپقانىدى، ئەمما ئۇ قەتئىي ئىرادىلىك مۇسۇلمان ئىدى. خەلىپە مەئىمۇننىڭ مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى ئۇنىڭ تارىختىكى ئەڭ شۆھرەتلىك پادىشاھلارنىڭ بىرى بولۇشىنى بەلگىلىگەنىدى.

    خەلىپە مەئىمۇن بىر توپ غۇلاملارغا كىتاب كۆتۈرتۈپ دانىشگاھ قەسىرى ـــ بەيتۇل ھېكمەگە كىرىپ كەلدى.

    ـــ مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى خەلىپە مەئىمۇننىڭ قۇتلۇق قەدىمىگە مەرھابا! ــ دېدى خەلىپىنىڭ ئالدىغا چىققان بەيتۇل ھېكمەنىڭ باش مۇپتىسى. ئۇنىڭ كەينىدە بەيتۇل ھېكمەدىكى بارلىق ئالىملار تىزىلىپ كېلىپ بىر ئېغىزدىن «مەرھابا» دېيىشتى. خەلىپە مەئىمۇن ئۇلارغا ئىللىق كۈلۈمسىرەپ قويۇپ:

   ــ مانا بۇ كىتابلارنى ھەرقايسىڭلارنىڭ مۇتالىئە قىلىشىڭلارغا سۇنىمەن، ئۇنىڭدىكى بىلىملەرنى قېزىپ، ئەل – رەئىيەتكە تەقدىم ئەتكەيسىلەر، ــ دېدى. ئالىملار بېشىنى ئېگىپ خەلىپىگە ماقۇللۇق بىلدۈردى. خەلىپە مەئىمۇن باش مۇپتىغا:

   ــ مەۋلانا، قېنى ئېيتىڭە، بەيتۇل ھېكمەنىڭ ئىلمىي ئىشلىرى قانداقراق؟ قانداقلا قىيىنچىلىق بولسا ئېيتىۋېرىڭ، ــ دېدى.

    ــ ئەمىرۇل مۆمىنگە ھەشقاللا! پەرمانىڭىز بويىچە ئالىملارنى باشلاپ تەرجىمە خىزمىتىنى ئىدىتلىق ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. سىز مەرۋدىن باشلاپ كەلگەن بىرقانچە ئالىم بۈگۈنكى كۈندە بەيتۇل ھېكمەنىڭ يېتەكچىسىگە ئايلاندى. يۇناننىڭ، ھىندنىڭ، چىننىڭ ئەسەرلىرىدىن مەنىۋى ئوزۇق ئالغان ئەللامىلىرىمىز تېبابەتچىلىك، ئىلمىي نۇجۇم، ئىلمىي مەنتىق، رىيازىيات قاتارلىق ئىلىملەردە زور بۆسۈشلەر قولغا كەلتۈردى. بىز پات يېقىندا سىزگە نەتىجىلىرىمىزنى ھەدىيە قىلىمىز، ــ دېدى باش مۇپتى. خەلىپە مەئىمۇن بەيتۇل ھېكمەنىڭ ئىچىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ، ئالىملارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن خەۋەر تاپتى. ئۇ بىر تۇتام ساقىلى ئۆزىگە خۇيمۇ ياراشقان بىر ئالىمنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

    ــ مەۋلانا، سىز ماڭا ئەگىشىپ مەرۋدىن كەلگەنىدىڭىز. نەتىجىلىرىڭىز ھەققىدە كۆپ ئىششىتتىم، سىزگە بارىكاللا. تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلار يار بولغاي سىزگە! ــ دېدى. بۇ ئالىم خەلىپىگە ئېگىلىپ مىننەتدارلىق بىلدۈردى ۋە:

    ــ ئەمىرۇل مۆمىنگە مەلۇم بولغاي، پېقىر ھىندىلارنىڭ ھېساب ئىلمى بىلەن گىرېكلارنىڭ ئىلمىي نۇجۇمىنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىۋاتىمەن. پتولېمېي[2]نىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرى مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى، ــ دېدى ئالىم ئەستايىدىللىق بىلەن.

    ــ ئەلۋەتتە، گىرېكلارنىڭ پەن نەتىجىلىرى بىز مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. ھىندى ۋە گىرېكلارنىڭ تەپەككۇر يولى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ خاس يولىنى زىچ بىرلەشتۈرسەك، ئۇلۇغ بوۋام خەلىپە مەنسۇرنىڭ باغداد شەھىرىنى قۇرغاندا ئارزۇ قىلغان مەڭگۈلۈك تىلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز، مەۋلانا، ــ دېدى خەلىپە مەئىمۇن قولىنى بۇ ئالىمنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ.

   ــ ئەلۋەتتە، ئەمىرۇل مۆمىن توغرا ئېيتتىڭىز، ئىلىم يولى مەڭگۈلۈك يولدۇر، ــ دېدى بۇ ئالىم.

   ــ توغرا، ئىلىم يولى مەڭگۈلۈك يولدۇر، ــ دېدى خەلىپە مەئىمۇن ئالىملارغا يۈزلىنىپ، ــ سىلەرگە يەنە شۇنى جاكارلىماقچىمەنكى، بەيتۇل ھېكمەدىكى ئەللامىلەرنىڭ بىلىمىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تارقىتىش ئۈچۈن، بەيتۇل ھېكمەگە قاراشلىق بىلىم يۇرتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى پات يېقىندا باشلايمىز.

   ــ ئەمىرۇل مۆمىنگە بارىكاللا! سۇلالىمىزنىڭ مەرىپەت ئىشلىرى تېخىمۇ گۈللەنگەي، ــ دېيىشتى ئالىملار. خەلىپە مەئىمۇن ئۇلارغا مەرىپەت ئىشلىرىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈشكە كاتتا ۋەدىلەرنى بەردى، ئاندىن ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ئوردىسىغا قايتتى.

    ئايھاي ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، خەلىپە مەئىمۇننىڭ ئۆزىمۇ تونۇلغان ئالىم پادىشاھ ئىدى، ئۇ زامانىسىنىڭ ئەللامىلىرى بىلەن مۇنازىرىلەرگە چۈشەتتى، بەزىدە نامى چىققان ئەللامىلەرنىمۇ ھەيرەتتە قوياتتى. ھەقراست، ئۇ مەرۋدىن بىر تۈركۈم ياش ھەم ئىقتىدارلىق ئالىملارنى ئەگەشتۈرۈپ باغدادقا كەلگەنىدى. مۇشۇ ئالىملارنىڭ ئىچىدە ئەل مەئىمۇندەك كاتتا خەلىپىنىڭ نەزەرىگە ئېلىنغان، ھىندى ھېسابىنى ۋە گىرېكلارنىڭ ئىلمىي نۇجۇمىنى بېرىلىپ تەتقىق قىلغان كىشى زادى كىم؟ ئۇنىڭ زادى قانداق ئۇتۇقلىرى بار؟ ئەلۋەتتە، بۇ ئالىمنىڭ ئۆزىگە ئوخشاشلا ئىقتىدارلىق يارانلىرى بار. بۇ نۇقتىلارغا قىزىقسىڭىز كېيىنكى بابقا دىققەت قىلغايسىز.



[1]  بەيتۇل ھېكمە ـــ دانىشمەنلەر ئۆيى دېگەن مەنىدە.

[2]  پتولېمېي ـــ تەخمىنەن 90 – 168 يىللار ئارىلىقىدا ياشىغان داڭلىق ئالىم.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: