باش بەت

20 – ئەسىردىكى ئېرسىيەت ئىلمى

gen

20 – ئەسىردىكى ئېرسىيەت ئىلمى

         بىز ئېرسىيەت ئىلمىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا، ئالدى بىلەن كەينىمىزگە يېرىم ئەسىر چېكىنىپ، سۆزنى ئېرسىيەت ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى مېندېل (1822 – 1884)دىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

مېندېلنىڭ ئېرسىيەت قانۇنىنى بايقىشى

      ئومۇمەن نام قازانغان ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىن ئازراق بولسىمۇ ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى ئامىللارنى ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇ قائىدە بويىچە مېندېلنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى تەھلىل قىلغاندا، ئۇنى «گۈزەللىك» ۋە «جاپالىق» دېگەن ئىككى سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

      مېندېل ئاۋىستىرىينىڭ گېيزىلدۇروف دېگەن يېزىسىدا توغۇلغان. بۇ يەرنىڭ ئورمانلىرى ياۋا ئوت – چۆپلەر، گۈل-گىياھلار بىلەن پۈركەنگەن، ھاۋاسى نەمخۇش ھەم يېقىملىق بولۇپ، «دوناي گۈلى» دېگەن چىرايلىق نامى بار ئىدى. مېندېلنىڭ ئاتىسى يۇرتىدا دېھقانچىلى بىلەن شوغۇللىناتتى. شۇنداقلا باغ – ۋاران قىلىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرەتتى. مېندېل كىچىكىدىن تارتىپلا مۇشۇنداق گۈزەل مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلدى. ئۇ گۈل – چېچەكلەرنىڭ ئېچىلىشىغا، ئۆسۈپ يېتىلىشىغا ئىشتىياق باغلىغانىدى. ئۇنىڭ بۇ توغرىدا ئويلايدىغانلىرى ئىنتايىن كۆپ ئىدى. يەنە كېلىپ گېزىلدورف قورۇقىنىڭ ئايال خوجايىنىمۇ ئىلىم – پەن ئىشلىرىغا قىزىقىدىغان ئايال ئىدى. ئۇ ئۆز يېرىدىكى مەكتەپتە «تەبىئەت» دەرسىنى كۆپەيتىپ ئۆتۈشنى قەتئىي تەلەپ قىلدى. بۇ مېندېل ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق چوڭ ئىش ئىدى.

      مېندېلنىڭ ئائىلىسى ئانچە پۇلدار ئائىلىلەردىن بولمىغاچقا، مېندېلنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ كېتەلمەيتتى. لېكىن مېندېل تىجەشلىك بىلەن پۇل يىغىپ، ئالىي مەكتەپكە باردى. مەكتەپتە يېرىم ئاچ، يېرىم توق ھالەتتە تۆت يىللىق ئوقۇشنى تاماملايدۇ. ئالىي مەكتەپتە مېندېلنىڭ ياخشى بىر ئۇستازى بولۇپ، ئۇ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى – پىروفېسسور فېلكىس ئىدى. ئۇنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن مېندېل پوپ بولۇشنى تاللىۋالىدۇ. يەنە ئۇنىڭغا ماتېماتىكا ئاساسىنى ياخشى سېلىشىغا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىدۇ.

     شۇنىڭ بىلەن مېندېل 1843 – يىلى 9 – ئۆكتەبىردە ئوتتوبىرنودىكى مۇناستېرغا كېلىدۇ. مېندېل بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن بۇ يەردە بىر پوپ بولغان بولۇپ، ئۇمۇ ئۆسۈلۈملۈكلەرگە ئىنتايىن قىزىقاتتى. ئۇ باشلامچىلىق قىلىپ، بۇ يەردە ئىنتايىن چوڭ كۆلەمدىكى بىر ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى بىنا قىلغان ئىدى. بۇ باغچىدا ئۆسۈلۈملۈكلەرنىڭ تۈرلىرىمۇ تولۇق ئىدى.

مېندېل (1822 – 1884)

      ئېرسىيەت مەسىلىسى توغرىسىدا مېندېلدىن ئىلگىرىلا خېلى كۆپ بىئولوگلار ھەرخىل مۇلاھىزىلەرنى قىلغان. ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى شەرھىيلەپ باققانىدى. لېكىن ھىچقايسىسىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبە ئاساسى يوق ئىدى. كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى ئاكادېمىكلار بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس مۇكاپاتلارنى تەسىس قىلغان ئىدى.

      ھازىر مېندېلنىڭ مۇناستېردىن ئىبارەت «تۆمۈر قاچىسى» بار بولدى. ئەمدى ئۇ تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلاردىن غەم قىلمايدىغان بولدى. يەنە بۇ يەردە بۇرۇنلا بىنا قىلىنغان تەجرىبە باغچىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ پەقەت ئۆز ئارمانلىرى ئۈچۈن تىرىشىشىلا كەم قالغان ئىدى.

     ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بىرىنچىدىن، جانلىقلارنىڭ ئاساسى شەكىل ئالاھىدىلىكى بويىچە تەتقىق قىلماي، نۇرغۇن ھادىسىلەرنى ئارىلاشتۇرۋېتىپ، ئېرسىيەت ئامىللىرىنىڭ باش – ئايىقىنى تاپقىلى بولمايدىغان قىلىپ قويغانلىقىنى؛ ئىككىنچىدىن، كۆپىنچە يەككە كۆزىتىش دائىرىسىدىلا چەكلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىدى. بۇنداق بولغاندا تاسادىپىيلىقنىڭ سالمىقى چوڭ بولۇپ كېتىپ، پەرق چوڭلاپ، قانۇنىيەتنى يىغىنچاقلاش تەسكە چۈشەتتى. شۇنىڭ بىلەن مېندېل كۆك پۇرچاقنى تەجرىبە قىلىدىغان ماتېرىيال قىلىپ تاللىۋالدى. چۈنكى بۇ خىل زىرائەت ئۆزىدىن چاڭلىشىدىغان بولغاچقا، سىرتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايتتى.

       مېندېل ئۇلارنى چاڭلاشتۇرۇپ، خالتا كىيدۈرۈپ قويۇپ، ئىنچىكلىك بىلەن كۆزىتىپ، ئەستايىدىل خاتىرىلەپ ماڭدى. مۇشۇنداق قىلىپ بىر نەچچە يىل تېرىپ يېغىۋېلىش، يېغىۋېلىپ يەنە تېرىش، گۈل رەڭگى بويىچە شالغۇتلاشتۇرۇپ تېرىش، ئۇرۇق بويىچە شالغۇتلاشتۇرۇپ سېلىشتۇرۇش قاتارلىق ئوسۇللارنى قوللىنىپ، قايتا – قايتا گۇرۇپپىلاپ قاتارلاشتۇرۇپ كۆردى.

       1865 – يىل، يېڭى يىل ئەمدىلا ئۆتكەنىدى. بىر كۈنى مېندېل ئۈستەل يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، ئىنجىلنى نېرىراق سۈرۈپ قويۇپ، قولىنى سوزۇپلا ئۇرۇق قاچىلانغان خالتىنى ئالدى. ئاندىن خاتىرە دەپتىرىنى ئېچىپ، شۇنچە يىللاردىن بۇيان يىغىلغان سانلىق مەلۇماتلارنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭدا مۇنداق بىر قانۇنىيەتلەرنىڭ بارلىقىنى، يەنى ئالدىنقى مىقداردىكى سانلارنىڭ مەيلى قانداق پەرقلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ نىسبىتىنىڭ 3:1 بولىدىغانلىقىنى بايقاپ قالىدۇ. مېندېل بۇ سانلاردىن يۇشۇرۇن شەكىلنىڭ يۇقاپ كەتمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە، ئەۋلاتمۇ ئەۋلات داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. ئۇ ھەربىر ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىدە بىر خىل شەكىلنى ساقلىغۇچى فاكتور (بىز ھازىر ئۇنى گېن دەپ ئاتايمىز) بولىدۇ. فاكتورلار ھۈجەيرە ئىچىدە جۈپ – جۈپتىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇرۇقلىنىش مەزگىلىدە، ئۇرۇق بىلەن تۇخۇمنىڭ ھەربىرى بىردىن فاكتورغا ئىگە بولۇپ، قايتىدىن يېڭى بىر جۈپ فاكتورنى تۈزىدۇ. مانا بۇ جانلىقلار ئېرسىيتىدىكى بۆلۈنۈش قانۇنى، يەنى ئېرسىيەتشۇناسلىقنىڭ بىرىنچى قانۇنىدۇر.

        مېندېل ئېرسىيەت قانۇنىنى بايقىغاندىن كېيىن، 1865 – يىلى برانوۋ شەھىرىدە ئاۋستىرىيە تەبىئىي پەن ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. ئۇ تولۇپ تاشقان خۇشاللىق بىلەن، يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىنى ئېلان قىلدى. بىراق تۆۋەندە ئولتۇرغانلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى چۈشىنەلمىدى. ئىككىنچى يىلى ئۇ يەنە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئاشكارا ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا، ياۋروپادىكى 120 كۇتۇپخانىغا ئەۋەتىپ بەردى. بىراق بۇ ماقالىگە ھىچكىم ئېتىبار قىلمىدى. ئۇ دوستى نياسىلغا مۇنداق دېگەنىدى: «بۇ ماقالىلىلەر نەچچە ئون يىل ئوخلاپ تۇرسۇن، مېنى ئېتىراپ قىلىدىغان بىر كۈننىڭ ئاخىر يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

     مېندېلنىڭ ماقالىسىگە بىرەرسىنىڭ ئېتىبار قىلمىغىنى، كۆپچىلىكنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن باشقىچە قاراشتا بولغانلىقىدىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇ دەۋردىن بەكلا ئالغا كېتىپ قالغانىدى. «ئالغا كېتىشچانلىق» ھەرقانداق ئۇلۇغ نەزەرىيەلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىدۇر. مېندېل 1866 – يىلى ئېرسىيەت قانۇنىنى بايقىغاندا، باشقىلار نېمىشقا ئاۋاز قوشمايدۇ دەپ ھەيران قالغانىدى. لېكىن ئۆزىنىڭ نەزەرىيەسىنىڭ 34 يىل بۇرۇن كېتىپ قالغانلىقىنى بىلمەيتتى. پەقەت ئادەملەر مىكرو ھۈجەيرىلەرنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇنىڭ نەزەرىيەسىنى ئىسپاتلىغىلى بولاتتى.

مورگاننىڭ ئېرسىيەت تەجرىبىسى

      ئېيتقاندەك بۇ كۈن ئاخىرى يېتىپ كەلدى. 1900 – يىلى ئەتىيازدا، گوللاندىيەلىك دې فرىس، گېرمانىيەلىك كوررىنىس ۋە ئاۋىستىرىيەلىك چېرماكلار ھەر قايسىسى مۇستەقىل ھالدا تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق، بىز يۇقىرىدا ئېيتقان ئېرسىيەت قانۇنىنى يەكۈنلەپ چىقتى. لېكىن ئۇلار ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى ماتېرىياللارنى كۆرۈۋېتىپ، ھەممىسى تەڭلا مېندېلنىڭ بۇنى بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايقايدۇ. مېندېلنىڭ ماقالىسى 34 يىل توپا – چاڭ بېسىپ ياتقاندىن كېيىن كومىدىيەلىك ھالدا ئوتتۇرىغا چىقتى.

      مېندېلنىڭ ماقالىسىنىڭ قايتىدىن ئېتىبارغا ئېرىشىشىدە، يەنە ھۈجەيرە تەلىماتىنىڭ يۈكسىلىشىگە رەھمەت ئېيتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەسلىدە، 1897 – يىلى گېرمانىيە بىيولوگى فېلىمىڭ بىر خىل ئۇسۇلنى كەشىپ قىلغان بولۇپ، ئۇ ئىشقارلىق بۇياقنىڭ ھۈجەيرە يادروسى ئىچىدىكى تەنچىسىمان ماددىنى بۇياپ، سېرىققا ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ رەڭگىنىڭ قايتىدىن ئۆڭمەيدىغانلىقىنى بايقىغانىدى. 1880 – يىلى گېرمانىيە بىيولوگلىرى بۇ خىل بويىغىلى بولىدىغان مىكرو تەنچىنى «خرومۇسوما» دەپ ئاتىدى. بۇ بىز ھازىر قوللىنىۋاتقان ئاتالغۇنىڭ دەل ئۆزى. 1900 – يىلى مېندېلنىڭ تەلىماتى قايتىدىن بايقالغاندىن كېيىن، يەنە تۆت يىل ئۆتۈپ، ئامېرىكا بىيولوگى سوتتون توساتتىنلا مېندېل ئېرسىيەت فاكتورلىرى جۈپ – جۈپ بولىدۇ دەيدۇ، بىز ھۈجەيرىشۇناسلار خروموسوما جۈپ – جۈپ بولىدۇ، دەيمىز. بۇ بىر گەپ بولۇپ قالمىسۇن يەنە؟ دەپ ئويلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئېرسىيەت قانۇنلىرى ئاستا – ئاستا ھۈجەيرە ئىچىدىن ئۆزىگە ئاساس ئىزدەشكە باشلايدۇ.

خىروموسوما

       بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىدا مورگان (1866 – 1954) ئىسىمىلىك بىر بىيولوگ بولۇپ، ئۇنىڭ تەجرىبىخانىسى ئاجايىپ غەلىتە ئىدى. تەجرىبىخانىنىڭ ئىچىدە بىر نەچچە كونا ئۈستەل بىلەن بىر نەچچە مىڭ كولبا بار ئىدى. ئۇ بۇ كولبىلاردا نەچچە ئون مىڭ دانە چىۋىن باققانىدى. بۇ نەرسىنىڭ كۆپىيىشى ئىنتايىن تېز، ياشاش مۇددىتى قىسقا بولۇپ، كۆزىتىشكە قولايلىق ئىدى. مورگان ئەسلىدە مېندېل تەلىماتىغا ئىشەنمەيتتى. لېكىن 1910 – يىلىنىڭ بىر كۈنى ئۇ تۇيۇقسىزلا نۇرغۇنلىغان قىزىل كۆزلۈك مېۋە چىۋىنى ئارىسىدا ئاق كۆزلۈك بىر مېۋە چىۋىنىنى كۆرۈپ قالىدۇ. ئۇ بۇنىڭغا قىزىقىپ قالىدۇ – دە، «مەنمۇ بىر قېتىملىق شالغۇتلاشتۇرۇش تەجرىبىسىنى ئىشلەپ كۆرمەمدىم» دەپ ئويلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزىل كۆزلۈك ۋە ئاق كۆزلۈك چىۋىنلەرنى شالغۇتلاشتۇرۇپ كۆرىدۇ. نەتىجىدە بىرىنچى ئەۋلادىنىڭ ھەممىسى قىزىل كۆزلۈك بولۇپ چىقىدۇ. دېگەندەك قىزىل ئاققا نىسپەتەن روشەنلىكنى ئىپادىلەپ، مېندېلنىڭ پۇرچاق سىنىقىغا ئوخشاش چىقىدۇ. ئۇ ھەيران قالىدۇ. ئۇ يەنە بىرىنچى ئەۋلاتلارنى شالغۇتلاشتۇرۇپ كۆرىدۇ. ئىككىنچى ئەۋلاتنىڭ قىزىل ئاقلىق نىسبىتى دەلمۇ دەل 3:1 بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مورگان مېندېلغا قايىل بولماي تۇرالمايدۇ.

       مورگان بۇ يىپ ئۇچى بويىچە ئىز قوغلاپ، ھايۋانلارنىڭ قانداق نەسىل قالدۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولىدۇ. ئۇ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ھەرخىل گېنلارنىڭ خروموسومادىكى ئورنىنى ھېسابلاپ چىقىدۇ، شۇنداقلا مېۋە چىۋىنىنىڭ خرومۇسۇماسىنىڭ ئورۇن سخېمىسىنى سىزىپ چىقىدۇ. مورگاننىڭ خروموسۇما نەزەرىيەسى جىنس ئىرسىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چۈشەندۈرۈپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاخىر مەشھۇر گېن تەلىماتىنى تىكلىدى ھەمدە 1933 – يىللىق نوبېل فىزىيولوگىيە ۋە مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

     ئېرسىيەتشۇناسلىقنىڭ قانۇنى مېندېلدىن مورگانغا كەلگۈچە ئارىلىقتا 40 نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئاستا – ئاستا يورۇقلۇققا چىقتى. ئاۋۋال مېندېل ئېرسىيەت فاكتورى قىياسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، كېيىنكىلەر بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن ئىسپاتلاپ، يېڭى پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۇنى يەنە ئىسپاتلاپ چىقتى. ئىلىم – پەن مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. دەرۋەقە ئېرسىيەتنى گېن بەلگىلەيدۇ. ئۇنداق بولسا گېن نېمىدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ؟ بىيولوگىيە تېخىمۇ مىكرو ساھەگە قاراپ قەدەم تاشلىدى. مېندېلنىڭ قىياسى ئىسپاتلاندى، مورگان كېيىنكىلەر ئۈچۈن يەنە بىر قىياسنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئۆزىنىڭ «گېن توغرىسىدا» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىنىڭ ئاخىرىدا: «مېنىڭ بۇ سۆيۈملىك پەرەزنى تاشلاپ قويغۇم كەلمەيۋاتىدۇ، يەنى گېن شۇنىڭ ئۈچۈن مۇقىم بولىدۇكى، ئۇ بىر ئورگانىك خىمىيەۋى سۇبىستانسىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.»

DNA سىرىنىڭ ئېچىلىشى

     گېننىڭ خىمىيەلىك تۈزۈلۈشى ھەققىدە مورگاندىن بۇرۇن بىر كىشى خېلى ئەتراپلىق ئىزدەنگەنىدى. بىراق ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ھېچكىمنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىيالمىغانىدى. 1869 – يىلى شىۋىتسىيەلىك مىشېل ھۈجەيرە يادروسىنىڭ ئاساسەن فوسفورلۇق ماددىلاردىن تۈزۈلىدىغانلىقىنى بايقىغانىدى. تەخمىنەن 20 يىلدىن كېيىن كىشىلەر بۇ ماددىنىڭ كۈچلۈك كىسلاتا ئىكەنلىكىنى بايقىدى ۋە ئۇنى «نۇكلېئىن كىسلاتا» دەپ ئاتىدى. گېرمانىيەلىك كوسسېل نۇكلېئىن كىسلاتاسىنى سۇدا پارچىلاش ئارقىلىق، ئۇنىڭ يەنە رىبوزا(يادرو قەنتى)، فوسفور كىسلاتاسى ۋە ئورگانىك تۇزلاردىن ئىبارەت ئۈچ خىل تەركىبنى ئۆزئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ئورگانىك تۇزلارنىڭ يەنە تىمىن(T)، ستوزىن(C)، ئادېنىن(A)، گۇئانىن(G)دىن ئىبارەت تۆت خىل تەركىبنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايقىدى. كوسسېلنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئامېرىكىلىق خىمىك لېۋېن بۇ توغرىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق ئېلىپ بېرىپ، يادرو قەنتى، يەنى رىبوزا تەركىبىدىكى قەنتنىڭ بىر كاربون ئاتومى ئادەتتىكى قەنتلەرنىكىگە قارىغاندا كەم ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. بۇنىڭ بىلەن نۇكلېئىن كىسلاتا ئوكسىگېنسىزلانغان رىبونۇكلېئىنلىق كىسلاتا(DNA) ۋە رىبونۇكلېئىنلىق كىسلاتا (RNA)دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ تەتقىق قىلىنىدۇ.

       پەن تارىخلىرىدا مەلۇم بولغىنىدەك، 20 – ئەسىرنىڭ 20 – ۋە 30 – يىللىرى فىزىكىدا يېڭىلا دۇنياغا كەلگەن كۋانت مېخانىكىسى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. فىزىكىدىكى بۇ يېڭى تارماق پەن بىيولوگىيەنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. 1932 – يىلى يازدا، كوپېنھاگېندا بىر قېتىملىق خەلقئارا ئوپتىكىلىق داۋالاش مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىدۇ. فىزىكا ئالىمى بولغان بور باشقىلارنىڭ ئۇستىنىڭ ئالدىدا ئۇستاتلىق قىلدى دەپ سۆز – چۆچەك قىلىشىدىنمۇ قورقماي، يىغىنغا كەلگەن ھەرقايسى ئەل مېدىتسىنا، بىيولوگىيە ئالىملىرىنىڭ ئالدىدا «يورۇقلۇق ۋە ھاياتلىق» دېگەن تېمىدا لېكسىيە ئوقۇيدۇ. ئۇ باشقا نۇقتىدىن چىقىپ، بىيولوگىيەنى بىيولوگىيە نۇقتىئىنەزەرى بويىچە تەتقىق قىلماي، بەلكى كۋانت مېخانىكىسىنىڭ نۇقتىسىدىن چىقىپ، فىزىكا بىلەن بىيولوگىيەنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاش پىرىنسىپى توغرىسىدا ھەدەپ سۆزلەپ، يىغىنغا قاتناشقان كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۆڭلىنى يورۇتىۋېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تۆۋەندە ئولتۇرغانلارنىڭ ئىچىدە دىلبريۇك (1906 – 1981) دېگەن بىر ياش بار ئىدى.

      دىلبريۇل گەرچە 26 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئۇنى بىر يادرو فىزىكىسى ئالىمى دېيىشكە بولاتتى. ئۇ ئەسلى گېرمانىيەلىك بولۇپ، داڭلىق بولغان گيوتتىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ھازىر بولسا بورنىڭ يېنىدا، يەنى دانىيەدە خىرمەت قىلىۋاتاتتى. ئۇ بۇ ۋاقىتتا، بورنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلاپ، فىزىكىغا قارىغاندا، بىيولوگىيەنىڭ مىكرو دۇنياسىغا تېخى ھېچكىمنىڭ ئاياغ باسمىغانلىقىنى، شۇنداقلا فىزىكىنىڭ بىر قىسىم  تەتقىقات ئۇسۇللىرىنى بۇ پەن ساھەسىدە قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدى. فىزىيولوگىيەلىك ھادىسىلەر فىزىكىلىق ھادىسىلەرگە قارىغاندا مۇرەككەپ بولىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇنىڭدا ھاياتلىقنىڭ گەۋدىلىنىشى بولغانلىقتىن ئىبارەت. ھاياتلىق سىرى بولسا ئېرسىيەتتە ئىپادىلىنىدۇ، بۇ ئادەمنى بەكمۇ مەھلىيا قىلىدىغان تېما. شۇنىڭ بىلەن دىلبريۇك پەدىسىنى ئۆزگەرتىپ، بىيولوگىيە تەتقىقاتىغا ئۆتۈشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويىدۇ.

      بۇ قېتىمقى يىغىندىن كېيىن ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، پۈتۈن ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنى ئۇرۇشنىڭ تۈتەكلىرى قاپلاپ كېتىدۇ. بور بولسا ئامېرىكىغا بېرىپ پاناھلىنىدۇ ھەمدە «مانخاتتان پىلانى»غا قاتنىشىدۇ. دىلبريۇكمۇ بورغا ئەگىشىپ ئامېرىكىغا كېلىدۇ، ئەمما ئۇ «مانخاتتان پىلانى»غا قاتناشماي، ئۇدۇل مورگاننىڭ تەتقىقات بازىسى – كالىفورنىيە تەبىئىي پەن ئىنىستىتۇتىغا بارىدۇ. ئۇ بۇ يەردىكى داڭلىق بىيولوگىيە ئالىملىرى بىلەن ياخشى ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ ھەمدە فىزىكىدىكى رادىيوئاكتىپ ئىزوتوپلارغا بەلگە قويۇش ئۇسۇلىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، مىكرو بىيولوگىيەنى تەتقىق قىلىش يولىنى ئاچىدۇ. دىلبريۇك ۋە ئۇنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئاخىر DNA نىڭ ئېرسىي ماددا ئىكەنلىكىنى، ئاقسىلنىڭ ئېرسىيەت (يەنى نەسىل قالدۇرۇش) بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ چىقىدۇ. دىلبريۇك بۇ نەتىجىسى شاراپىتىدىن 1969 – يىلى نوبېل مېدىتسىنا ۋە فىزىيولوگىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئۇ يېرىم يولدا كەسىپ ئۆزگەرتىپ، باشقا پەنلەرنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، مۇئەييەن تۆھپە ياراتقان ئالىمدۇر. كېيىنكىلەر ئۇنى ھۆرمەتلەپ «مولېكۇلا بىيولوگىيەسىنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتايدۇ.

گېننىڭ قوش بۇرمىلىق مودېلىنىڭ تىكلىنىشى

     DNA ئېرسىي ماددا ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى زادى قانداق بولىدۇ؟ ئۇ ئېرسىيەتنى زادى قانداق ئىشقا ئاشۇرىدۇ؟ بىيولوگىيەنىڭ بۇ قىيىن مەسىلىسىگىمۇ يەنىلا ئالدى بىلەن فىزىكا ئالىملىرى باش قاتۇردى. 1900 – يىلىدا مېندېلنىڭ ئېرسىيەت تەلىماتى قايتىدىن بايقالدى. يەنە كېلىپ پلانىك كۋانت تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئادەمنى ئۆزىگە ئەڭ قىزىقتۇرۇدىغىنى شۇكى، 40 يىلدىن كېيىن بىر – بىرى بىلەن پەقەتلا مۇناسىۋەتسىز بولغان بۇ ئىككى دەريا ئاخىر بىرلىشىپ ئاقىدىغان بولۇپ قالدى. 1944 – يىلى كۋانت مېخانىكا ئالىمى شريۇدىنگېر(1887 – 1961) بىيولوگىيە تەتقىقاتى توغرىسىدىكى «ھايات دېگەن نېمە؟» دېگەن كىتابنى يېزىپ چىقىدۇ. ئۇ ئېرسىي ماددا ئېلېمېنتار زەررىچىلەردىن تۈزۈلگەن، دەۋرىيسىز بولغان كىرىستاللىشىشتىن ئىبارەت بولۇشى مۇمكىن دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇ خۇددى تېلېگرامما شىفىرلىرىغا ئوخشاش شىفىرلارنى تۈزۈپ ۋە بۇ خىل ھاياتلىق شىفىرى كۆپەيتىلىپ كېيىنكى ئەۋلاتلارغا قالدۇرىلىدۇ، مانا بۇ ئېرسىيەتتۇر. ھەقىقەتەن ھەرقانداق نەرسە يەككە – يېگانە بولمايدۇ. شريۇدىنگېرنىڭ كىتابى بىلەن بورنىڭ لېكسىيەسىنى ئالاھىدە ماھارەت بىلەن يېزىلغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ داڭلىق سانىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىشى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ. شريۇدىنگېرنىڭ بۇ كىتابىنى ئوقۇغان كىشىلەر ئارىسىدا كرىك(1916 – ) ئىسىملىك بىر ياش فىزىكا ئالىمى بولۇپ، ئۇ مەخسۇس لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا فىزىكا ئوقۇغانىدى. شريۇدىنگېرنىڭ كىتابىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، بىيولوگىيەنى تەتقىق قىلىش قارارىغا كېلىدۇ ۋە كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كاۋىندىش تەجرىبىخانىسىغا كېلىدۇ. ئۇ بۇ يەردە ئامېرىكىدىن كەلگەن ۋوتسون(1928 – ) بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. ئۇ ئەسلىدە زوئولوگىيە ئوقۇغان بولۇپ، ھېلىقى كىتابنىڭ تەسىرىدە ئېرسىيەتنىڭ سىرىنى يەشمەكچى بولۇپ ئىزدىنىۋاتقانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى ئۆزئارا قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلاشماقچى بولىدۇ.

        ئەينى ۋاقىتتا DNAدىن ئىبارەت بۇ سىرلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلغانلار جەمئىي ئۈچ تارام قوشۇن ئىدى.

     بىرىنچى تارامدىكى قوشۇن بولسا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ۋىلكىنس رەھبەرلىكىدىكى بىر گۇرۇپپا ئىدى. بۇ گۇرۇپپىمۇ فىزىكىلىق ئۇسۇل قوللانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قورالى رېنتىگېن نۇرى ئىدى. DNA بولسا بىيولوگىيەلىك يۇقىرى مولېكۇلا بولغانلىقتىن، ئادەتتىكى مىكروسكوپ بىلەن ئۇنىڭ تۈزۈلۈشىنى كۆرۈش پەقەتلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. رېنتىگېن نۇرىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قىسقا بولغانلىقتىن، DNAدىن تېشىپ ئۆتكەندە ھاسىل بولغان دىفراكسىيە شەكىللىرىنى تەھلىك قىلىش ئارقىلىق ئاتوملارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق ۋە ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىشىنى بەلگىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مولېكۇلىلىق تۈزۈلۈشىنى ئېنىقلاش تامامەن مۇمكىن.

      ئىككىنچى تارام قوشۇن بولسا، ئامېرىكىنىڭ تۈزۈلمە خىمىيەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەرباب پولىڭ(1901 – ) رەھبەرلىكىدىكى گۇرۇپپا ئىدى. ئۇ 1951 – يىلى رېنتىگېن نۇرى ئارقىلىق ئاقسىلنىڭ تۈزۈلۈشىنى تەكشۈرگەن بولۇپ، DNAنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئېنىقلاشقا بىر نەچچە قەدەملا قالغانىدى.

      ئۈچىنچى تارام قوشۇن بولسا يېرىم يولدا قوشۇلغان ۋوتسون بىلەن كرىك ئىدى. تەجرىبە شارائىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ۋىلكىنسنىڭ تەجرىبىخانىسى ئەڭ ياخشى ئىدى. بىلىم ئاساسىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، پولىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىدى. ياش جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ۋوتسون بىلەن كرىك ئەڭ كىچىك ئىدى. بۇ ئىككىسىنىڭ ئىدىيەسىدە مۇتىئەسسىپلىكمۇ يوق دېيەرلىك ئىدى.

      ۋوتسون بىلەن كرىك كېچە – كۈندۈز تىرىشىپ ئىشلەپ، بۇ ئۈچ قوشۇن تىركىشىپ قالغان ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالدى بىلەن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىرادە باغلايدۇ. 1951 – يىلى مايدا، ۋوتسون بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، تۇيۇقسىزلا ۋىلكىنس بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. ۋىلكىنىسنىڭ يېنىدا DNAنىڭ X نۇرىدا تارتىلغان بىر نەچچە پارچە دىفراكسىيەلىك سۈرىتى بار ئىدى. ۋوتسون ئىنتايىن چۆچۈپ كېتىدۇ ۋە بەكلا خۇشال بولىدۇ. ئۇ سۈرەتنىڭ بىر پارچىسىنى سوراپ ئالىدۇ ۋە مۇتىئەسسىپلىك قىلماي، ئۆزىنىڭ پەرىزىنى ئۇنىڭغا سەمىمىيلىك بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ.

      ۋوتسون بىلەن كرىك ۋىلكىنس بەرگەن سۈرەتنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنىڭ DNAنىڭ مودېلى ئىكەنلىكىنى بېكىتىپ چىقىدۇ. بۇ ئىككى ئالىم ئۆزىن ئۇنۇتقان ھالدا ئىشلەۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر خەۋەر كېلىدۇ: ئامېرىكا ئالىمى پولىڭ DNAنىڭ ئۈچ قاتلىق سىپىرال مودېلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىراق نۇرغۇن تەجرىبىخانىلار تەجرىبە ئەمەلىيىتى جەريانىدا DNAنىڭ تۈزۈلۈشىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋوتسون ۋە كرىك ئۆزلىرىنىڭ پەرىزىگە بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئېشىپ، خىزمىتىنى تېخىمۇ تېزلىتىدۇ. كاۋېندىش تەجرىبىخانىسى ئۇلارغا شارائىتنى تېخىمۇ ياخشىلاپ بېرىدۇ. 1953 – يىلى يېڭى يىل ئەمدىلا ئۆتۈپ تۇرۇشىغا ۋوتسون بىلەن كرىك يېڭى مودېلنى ياساپ چىقىدۇ.

گېننىڭ نۇسخىلىنىشىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى

      ئۇلار ياساپ چىققان بۇ مودېلىنى تېخىمۇ مۇكەممەلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئەنگلىيەنىڭ «تەبىئەت» ژۇرنىلىغا ماقالە يېزىپ، 1953 – يىل ئاپرېلدىكى سانىدا ئېلان قىلىدۇ. ئۇلار تەھرىر بۆلۈمىگە يازغان خېتىدە: «بۇ بىر ھەقىقەتەن ئاجايىپ مودېل بولدى. بىراق DNAنىڭ ئۆزى ئاجايىپ بىر ماددا بولغانلىقى ئۈچۈن، بىزمۇ ئادەتتىكىدىن باشقىچە ئويلاشقا جۈرئەت قىلدۇق» دېگەنىدى. بۇنى ئەلۋەتتە دادىل تەسەۋۋۇر قىلىشقا جۈرئەت قىلغانلىقىدىن، ئادەتتىكى قائىدىلەرگە ئېسىلۋالمىغانلىقىدىن بولدى دېيىشكە بولىدۇ. 1974 – يىلى پولىڭ ئىنتايىن ئەپسۇسلانغان ھالدا: «مەن نۇكلېئىننىڭ پۇرىن بىلەن پىرىمىدىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلەتتىم، لېكىن نېمىشقا ئۇلارنى جۈپلەشتۈرۈپ بېقىشنى ئويلاپ باقمىغاندىمەن؟ مەن دائىم ئۈچ قاتلىق سىپرال ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ، ئىككى قاتلىق سىپرال ئۈستىدە ئويلىنىپمۇ باقماپتىمەن. مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئاددىي ئوقۇمنى بەزىدە ئادەم بەكمۇ تەستە قولغا كەلتۈرەلەيدىكەن» دېگەنىدى. ۋوتسون بىلەن كرىكنىڭ ماقالىسى گەرچە مىڭ خەت ئەتراپىدا بولسىمۇ، ئۇنى دارۋىننىڭ «تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى» دېگەن ئەسىرى بىلەن تەڭ تۇرالايدۇ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئۇ مولېكۇلا بىيولوگىيەسىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى. بۇنىڭ بىلەن ۋوتسون، كرىك ۋە ۋىلكىنسلار 1962 – يىللىق نوبېل مېدىتسىنا ۋە فىزىيولوگىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

     بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر DNAدا ئېرسىي ماددىنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ. ئۇنداقتا DNAنىڭ ئۆزىدە قانداق قىلىپ شۇنچە ئېرسىي گېن بولىدۇ؟ DNAنى تۈزگۈچى تۆت خىل نۇكلىئوتىد ھەر قېتىمدا ئۈچى بىرلىشىپ بىر گۇرۇپپا تۈزىدۇ. مانا مۇشۇنداق رەتلىنىش، گۇرۇپپىلىنىش ئارقىسىدا يېتەرلىك مىقداردىكى ئېرسىيەت گېنلىرى پەيدا بولىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىنىڭ ئاخىرى ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپتا يەتتە مىليون 300 مىڭ ھەسسە چوڭايتىپ تارتىلغان DNAنىڭ سۈرىتى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئالىملارنىڭ ئەمدىكى نىشانى بۇنى يېشىپ بېرىشتە قالدى.

       گېن توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار ۋە ئۇنىڭ خۇشاللىنارلىق نەتىجىلىرى ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇشىغا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئېرسىيەت قۇرۇلۇشى دەيدىغان پەننىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.  گېن توغرىسىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە قوللىنىشچانلىقى ئىنتايىن كەڭ بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا چارۋىچىلىقتىمۇ زور نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، تەبىئەتنىڭ يېقىن دوستى بولغان ئىنسانىيەتنىڭ كائىناتنىڭ غوجايىنى بولغانلىقى گېن توغرىسىدىكى تەتقىقاتلاردا روشەن ئەكس ئەتتى.

  كىلون تېخنىكىسى

       گېن ئىلمى تەرەققىي قىلىپ 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا بارغاندا، ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ ئەخلاق رامكىسىدا قوبۇل قىلىشى ئىنتايىن تەس بولغان بىر ئىلغار تېخنىكا مەيدانغا كەلدى. بۇ تېخنىكا مەيدانغا كېلىش بىلەن تەڭ، پۈتۈن يەرشارىدا چوڭ غۇلغۇلىنىڭ سەۋەبى بولۇپ قالدى. بۇ تېخنىكا مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئېرسىيەت قۇرۇلۇشى ئىلمىنىڭ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ھېسابلىناتتى.

         1997 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى دوكتور ۋېلموت باشچىلىقىدىكى ئەنگلىيە ئالىملىرى بىر قوينىڭ يەككە ھۈجەيرىسىنى شۇ قوينىڭ ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇمى بىلەن بىرىكتۈرۈشتىن ئىبارەت تېخنىكا ئارقىلىق دۇنيادىكى تۇنجى جىنىسسىز كۆپەيتىلگەن قوي – دولىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. بۇ تېخنىكا كىلون تېخنىكىسى دەپ ئاتالدى. بۇ مۇۋەپپەقىيەت ئىنسانلارنىڭ ھايۋان تېنىدىكى توقۇلما ھۈجەيرىدىن پايدىلىنىپ، ئاشۇ ھايۋانغا ئوپمۇ ئوخشاش جانلىقنى كىلونلاپ چىقىش ئارقىلىق، ئالىي دەرىجىلىك ھايۋانلارنى جىنىسسىز كۆپەيتىش ئىمكانىيىتى ياراتقانلىقىدىن دېرەك بەردى.

       «كىلون» سۆز ئىنگلىزچىدىكى «جىنىسسىز كۆپىيىش» دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى «clone» نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. مەسىلەن، كىشىلەر ئەتىياز كۈنى دەل ـ دەرەخنىڭ شېخىنى كېسىپ ئېلىپ يەرگە قەلەمچە قىلىپ تىكسە، ئاز كۈندىن كېيىن ئۇ قەلەمچە تۇتىدۇ ـ دە، بىخ چىقىرىشقا باشلايدۇ. مانا بۇنىڭ ئۆزى «كىلون»لاش دېمەكتۇر. سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئادەتتە جىنىسسىز كۆپىيەلمەيدۇ. شۇڭا ئالىملار ئۇزۇندىن بۇيان ئالىي دەرىجىلىك ھايۋانلارنى كىلونلاش ئۈستىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقانىدى.

      كىلون قوي «دولى»نىڭ يارىتىلىشىدىكى ھالقىلىق نۇقتا شۇكى، ئۇنىڭ تۆرىلىشىگە ئاتىلىق ئۇرۇق ئارىلاشمىغان. ئالىملارنىڭ دولىنى يېتىشتۈرۈش جەريانى مۇنداق ئۈچ باسقۇچقا ئايرىلىدۇ: بىرىنچى باسقۇچ، ئالىملار ئالدى بىلەن بىر تۇياق شوتلاندىيە قارا قويىغا جىنىسىي ھورمۇننى ئۇرۇپ ئۇنىڭ توخۇمدانىنى غىدىقلىغاندىن كېيىن، ناھايىتى ئىنچىكە نەيچە بىلەن تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ يادروسىنى ئايرىۋېلىپ، يادروسىز قۇرۇق ھۈجەيرىنى قالدۇرغان. ئىككىنچى باسقۇچ، ئالتە ياشلىق فىنلاندىيە دورسېت ساغلىقىنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى يوق ئادەتتىكى سۈت بېزى ھۈجەيرىسىنىڭ ھۈجەيرە يادروسىنى ئېلىپ، ئۇنى شوتلاندىيە قارا قويىنىڭ قۇرۇق قالدۇرۇلغان توخۇم ھۈجەيرىسىگە كىرگۈزگەن. ئاندىن بۇ شالغۇت ھۈجەيرىنى ئېلېكتر ئىمپۇلىسى ئارقىلىق غىدىقلاپ ئۇنى يېڭى بىر ھۈجەيرىگە ئايلاندۇرغان، ئاندىن ئۇنى يەنە نەيچىدە خۇددى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدەك پارچىلاپ، تەدرىجىي ھامىلە شەكىللەندۈرگەن. ئۈچۈنچى باسقۇچ، ئۇ ھامىلىنى ئۈچىنچى بىر ساغلىقنىڭ بالىياتقۇسىغا كىرگۈزۈپ يېتىلدۈرگەن. شۇنداق قىلىپ كىلون پاقلان «دولى» نورمال قوزىلاردەك تۇغۇلغان. دولىدىكى ئېرسىيەت ماددىسى بولغان DNA پۈتۈنلەي ئىككىنچى قوينىڭ ھۈجەيرىسىدىكى كەلگەنلىكى، شۇنداقلا ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇمدىن يېتىلگەنلىكى ئۈچۈن، دولىنىڭ تۆرىلىش جەريانىنى ھەقىقىي جىنىسسىز كۆپىيىش دېيىشكە بولىدۇ.

تۇنجى كىلون  قوي دولى

       كىلون تېخنىكىسى ئىنسانلارنىڭ ئىلىم ـ پەن ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن بىر تۈرلۈك كاتتا مۇۋەپپەقىيىتى بولۇپ، ئۇ ھۈجەيرە يادروسىنى پارچىلاش تېخنىكىسى، ھۈجەيرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە كونترول قىلىش تېخنىكىسىنىڭ غايەت زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكىنى، شۇنداقلا بىئولوگىيە ئەسىرىدىن ئىبارەت يېڭى بىر دەۋرنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى نامايەت قىلدى.

       كىلون قوي دولىنىڭ تۇغۇلۇشى، بىيولوگىيە قۇرۇلۇشىدىكى بۇ مۇھىم بۆسۈشنىڭ زور ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، دۇنيا مىقياسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. چۈنكى، كىلون تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ سورتلۇق زىرائەتلەر، نەسىللىك ئۆي قۇشلىرى ياكى ئۆي ھايۋانلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى، نەسىل تاللاپ يېتۈشتۈرۈش سىزونىنى (دەۋرىيلىكى) قىسقارتىپلا قالماي، بەلكى نەسىل تاللاپ يېتىشتۈرۈش دائىرىسىنىمۇ كېڭەيتكىلى بولىدۇ.

       بىيولوگىيە ئالىملىرى كىلون تېخنىكىسىنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەرنى قۇتقۇزۇپ قېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىيالايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى. چۈنكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بىر تۈرلەر، بولۇپمۇ نەسلى قۇرۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان ھايۋانلارنىڭ جىنىسلىق كۆپىيىش شەرتى ئىنتايىن قاتتىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ سانىمۇ ناھايىتى ئاز. ئۇلارنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشىگە تايانغاندا ئۇلارنى نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىدىن قۇتۇلدۇرماق تەس. شۇڭا، كىلون تېخنىكىسى ئۇلارغا نىسبەتەن تېپىلغۇسىز ئامەت ھېسابلىنىدۇ.

      ئۇنىڭدىن باشقا، كىلون تېخنىكىسىنىڭ تىبابەتچىلىك ساھەسىدىكى ئىستىقبالىمۇ ئىنتايىن پارلاق. بەزى ئالىملارنىڭ پەرىزىچە، كىلون تېخنىكىسى ئارقىلىق بەزىبىر سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بەدىنىدە ئادەم ئورگانىزمىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇنى ئاشۇ ئورگانىزمى ئۆلگەن ئادەملەرگە كۆچۈرۈش ئارقىلىق، ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدىكەن. ئەلۋەتتە، بۇنداق پەرەزلەر ناھايىتى نۇرغۇن تالاش- تارتىشلارغا سەۋەب بولماقتا.

مەزكۇر بىلوگ ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ ئىزدەش نامى: felekiyat

بايقالغان ئىنكاس : 2

  1. جاھانكەزدى

    بەزى كىشىلەرنىڭ كىلون تېخنىكىسىدىن ۋەھىمە يېيىشى نېمە سەۋەپتىن

    • ئالىم كېرىم كۆكئالىپ

      ئەخلاققا چېتىلىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەھىمىسىنىمۇ ئورۇنسىز دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇ جاھاندا ئەخلاق ئارقىلىق تىزگىنلىگىلى بولىدىغان نەرسىلەر قانۇن ئارقىلىق تىزگىنلەۋاتىدۇ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: