ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۇرمۇشتىكى بالىلارغا ماس كەلمەيدىغان ئىشلار

تۇرمۇشتىكى بالىلارغا ماس كەلمەيدىغان ئىشلار

ۋاقتى: 2016-06-09 ئاۋاتلىقى: 816 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قارا كۆزەينەك تاقاش. بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ پەيدىنپەي يېتىلىپ بارىدۇ، بۇ جەرياندا كۆز قۇياش بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرسا پايدىلىق. ئەگەر كۆزنى مۇقىم نۇر سىزىقى غىدىقلاپ تۇرمىسا، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. قارا كۆزەينەك تاقىقاندا كۆرۈش پەردىلىرى قۇياش نۇرى تەرىپىدىن غىدىقلانمايدۇ-دە، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا بالىلار قارا كۆزەينەك تاقىماسلىقى كېرەك.

ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش. ئارغامچا تارتىشىش زور جىسمانىي كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ھەرىكەت بولۇپ، مۇسابىقە ۋاقتىدا كۆپىنچە ئېغىزنى يۇمۇپ كۈچەپ ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ھەتتا نەپەس ئالالمايدىغان ۋاقىت ئون نەچچە سېكۇنتقا يېتىپ قالىدۇ. كېيىن ئېغىزنى ئېچىپ بىراقلا نەپەسلەنگەندە، قورساق بوشلۇقىدىكى ئىچكى بېسىم تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ، توختاپ قالغان قان يۈرەككە زەربە بىلەن ئۇرۇلىدۇ. بەدەن ئەزالىرى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغان بالىلار بۇنداق ئىشقا دۇچ كەلسە، قان تومۇرلىرى زەخمىلىنىپ قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، ھەتتا ئويلىمىغان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.


ئېڭىكىنى يۆلەپ ئولتۇرۇش . باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار كۆپىنچە ئېڭىكىنى يۆلەپ ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ئادەت ئىنتايىن زىيانلىق. چۈنكى، بۇ خىل ھالەت ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا، بالىلارنىڭ چىشىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ دۈمبە ئۇمۇرتقىسىنىڭ يېتىلىشىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

چوڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاش. كۆپىنچە بالىلار چوڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلارمۇ بالىنى، بولۇپمۇ يېشى كىچىك بالىلارنى ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ ئۇخلاشقا ئامراق، ئەمما بۇ بالىغا نىسبەتەن زىيانلىق. چۈنكى، بالىلار ئاتا–ئانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يېتىپ ئوخلىسا، ئاتا-ئانىلاردىن چىققان كېرەكسىز كاربوت Ⅳ ئوكسىد ئەتراپىدا ساپ ھاۋا يېتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىلار ئۇخلىغاندا جىددىيلىشىش، ئارامسىزلىنىش، قارا بېسىش، يېرىم كېچىدە يىغلاپ ئويغىنىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ شۇنداقلا بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

بەتىنكە كىيىش. بەزى ئاتا–ئانىلار بالىسى ئازراق چوڭ بولسىلا بەتىنكە كىيگۈزىدۇ، بۇ بالىلارغا زىيانلىق. چۈنكى، بالىلارنىڭ ھەرقايسى توقۇلما ۋە ئورگانىزىملىرى يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرغان بولىدۇ، بەتىنكە قاتتىق بولغاچقا، ئۇ پۇت ئۈستىدىدىكى قان تومۇرلىرىنى بېسىپ نورمال قان ئايلىنىشقا، پۇت ئالقىنى ۋە پۇت بارماقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى