ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلار تۇخۇم يىگەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تۆت ئىش

بوۋاقلار تۇخۇم يىگەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تۆت ئىش

ۋاقتى: 2016-07-14 ئاۋاتلىقى: 1454 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقلار تۇخۇم يىگەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تۆت ئىش

بىرىنجىسى، تۇخۇمنى ئاساسلىق يېمەكلىك ئورنىغا قويماسلىق، بەزى ئاپىلار بالىسىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن، ھەر كۈنى دېگۈدەك بالىغا تۇخۇم يېگۈزىدۇ، نەتىجىدە بالىدا ھەزىم ناچارلىشىش خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بالىلارنىڭ ئاشقازان ئۈچەي يولىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن، ھەرخىل ھەزىم قىلىش ئېنزىمىنىڭ ئاجرىلىشى ئاز، كۆپ مىقداردا تۇخۇم يىيىش بالىنىڭ ئاشقازان ئۈچىيىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋىتىدۇ.

ئىككىنجى، يېرىم ياشتىن بۇرۇنقى بالىلارغا تۇخۇم ئېقى پايدىسىز، تۇخۇم سېرىقىنى بالا 6 ئايلىقتىن ئاشقاندىن كېيىن بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەپ بولغاندىن كېيىن بالىنىڭ تېرىسىدە تېرە ئەسۋىسى، ئۇرتىكارىيە، قۇسۇش قاتارلىق زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى يۈز بىرەمدۇ-يوق، كۆزىتىش كېرەك، چۈنكى بالىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز، يېڭى  يېمەكلىككە نىسبەتەن زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئاقسىلنى بالا بىر ياشتىن ئاشقاندا بېرىش كېرەك، چۈنكى بالا ئاقسىل يېسە ئاسانلا زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى كۆرۈلىدۇ.

ئۈچىنجى، بالىغا پىشمىغان تۇخۇمنى يېگۈزمەسلىك كېرەك، چېقىلمىغان تۇخۇممۇ ئاسانلا باكتېرىيەدىن بۇلغىنىشقا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، تۇخۇمنى 3 مىنۇت قاينىتىش،7 مىنۇت پىشۇرۇش كېرەك. بولمىسا، ئاسانلا باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى خام تۇخۇمنىڭ قۇرۇلمىسى زىچ، تەركىبىدە ھەزىم يولىغا قارشى ئاقسىل كىسلاتالىق ماددا بار بولۇپ، ئاقسىلنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تەسلەشتۈرىدۇ، تۇخۇم تۈرىدىكىلەر پىشىپ بولغاندىن كېيىن ئاقسىل قۇرۇلمىسى بوشايدۇ، ھەزىم يولىغا قارشى ئاقسىلكىسلاتالىق ماددىسى بۇزۇلىدۇ، ئاسانلا ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ.

تۆتىنجى، قىززىۋاتقان بالىغا تۇخۇم بەرمەسلىك. ئادەم ئاقسىل يېگەندىن كېيىن زاپاس ئېنىرگىيە ھاسىل بولىدۇ، قىززىۋاتقان بالىنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى