ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھاياتىنى تۈگەشتۈرىدىغان ئالتە خىل ناچار تەربىيە

بالىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھاياتىنى تۈگەشتۈرىدىغان ئالتە خىل ناچار تەربىيە

ۋاقتى: 2016-07-25 ئاۋاتلىقى: 1696 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھاياتىنى تۈگەشتۈرىدىغان ئالتە خىل ناچار تەربىيە


قانداق قىلغاندا ياخشى ئاتا-ئانا بولغىلى بولىدۇ؟ بۇ بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ دائىم ئۆزىدىن سورايدىغان سۇئاللىرىنىڭ بىرى. بالا دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن باشلاپ شۇنىڭ ھەلەكچىلىكىدە بولىمىز، ئۇ ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈلشى بىلەن بىللە ئشلەپچىقىرىلىدىغان ئېلېتىرونلۇق مەھسۇلات ئەمەس.پەرزەنت تەربىيىسى توغرىسىدىكى بىر قانچە پارچە كىتابلارنى ئوقۇش ياكى باشقا ئاتا-ئانىلار بىلەن بالا تەربىيەسى توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىقمۇ «قانداق قىلغاندا ياخشى ئاتا-ئانا بولغىلى بولىدۇ؟» دېگەن بۇ سۇئالغا قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشىش قىيىن. بىراق، ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنى نېمىنى قىلىش ۋە نېمىنى قىلماسلىققا ئائىت كۆرسەتمىلەر بىلەن دائىم ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى ئالتە ئىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.


بىرىنچى: ھەرقانداق تەلىپىنى ئورۇنداش
بالا مەيلى ئادەتتىكى كىچىك بىر ئويۇنچۇق ئېلىپ بېرىشنى ياكى يۇقىرى دەرىجىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسۇن، ئۇلارنىڭ بارلىق تەلىپىنى دائىم ئورۇنداپ بېرىۋەرسە بالىنى يامان ئۆگىتىپ قويىدۇ.


ئىككىنچى: چىڭ تۇتۇپ باشقۇرۇش كەمچىل
ئەگەر بالىڭىز ئىنتايىن كەپسىز، ئۆكتەم، ئاچچىقى يامان ياكى باشقا بالىلارنى بوزەك قىلىدىغان مىجەزى بولۇپ، سىز ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالسىڭىز، بۇنداق ھەددىدىن ئېشىش داۋاملىشىپ ئاخىر ناھايىتى ئىغىر بولغان مەسىلىلەرنى تۇغدۇرىدۇ. بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن چوڭلار ئۇلارغا دائىرە بەلگىلەپ بېرىدۇ ۋە باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرتىپكە سېلىشغا ياردەم قىلىدۇ. ئەگەر خاتالىق سادىر قىلىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمىسا، ياخشى بىلەن يامان ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ناھايىتى ئېنىقسىز ھالەتكە بېرىپ يېتىدۇ ، ھەتتا پەرقسىزمۇ بولۇپ قالىدۇ.


ئۈچىنچى: ھەددىدىن زىيادە يان بېسىش
مۇئەللىم ياكى باشقىلار بالىسى ئۈستىدىن شىكايەت قىلسا، ئۇلارغا ئىشەنگۈسى كەلمەي بالىسى تەرەپتە تۇرۇش. «بىزنىڭ بالىمىز مۇنداق چوڭ خاتالىق سادىر قىلمايدۇ» دەپ قاراپ ۋە باشقىلارنى «بالامغا ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ ياكى بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشتا بولۇۋاتىدۇ» دەپ ئاجىزلارغا يار يۆلەك بولۇش تەرەپدارى بولىدۇ. بالىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈۋېرىشىگە نىسبەتەن، كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىش ياكى ئېتىراپ قىلماسلىق بولسا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى ئەمەس. بالىغا مۇئەللىم، ساقچى ۋە چوڭلارنىڭ يېتەكلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى دائىم تەكىتلەپ تۇرۇش كېرەك.


تۆتىنچى: بالىغا ھەمراھ بولماسلىق
بالىلار مۇھەببەتكە مۇھتاج بولغان ۋاقىتتا، غەمخورلۇقنى ۋە سۆيۈلۈشنى ھېس قىلىشى كېرەك. بىراق سىز خىزمەت دەپ ئەتىدىن كەچكىچە ئالدىراش يۈرسىڭىز، بالىڭىزنىڭ توپ مۇسابىقىسى بولىدىغان ۋاقىتنى تاللاپ تۇرۇپ دوستلىرىڭىز بىلەن كۆرۈشسىڭىز ياكى ئۇنىڭغا ئىتىبارسىزلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىسىڭىز، ئۇ مۇۋاپىق بولمىغان ئادەملەردىن مېھىر تەلەپ قىلىدۇ ياكى ئەسەبىيلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.


بەشىنچى: بالىلار ئالدىدا جېدەللىشىش
بالىلار ئالدىدا يولدىشىنى (ياكى ئايالىنى) سەت گەپلەر بىلەن تىللاش، يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراش ياكى قارىشى تەرەپكە تەھدىت سېلىش قاتارلىقلار ئۇلارغا ئەكىس تەسىر بېرىدۇ. بۇنداق ئىشلارنى دائىم كۆرۈپ چوڭ بولغان بالىلار قورقۇنۇش ھېس قىلىپ ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كېتىشى، دورا ياكى ئىسپىرىت ئىچىملىكىلىرى قاتارلىق خەتەرلىك نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش قاتارلىق يوللار بىلەن بېسىمنى يەڭگىللىتىشى مۇمكىن. ئۇلاردا باشقىلارغا ياكى جۈپتىگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىشنى توغرا دەپ قارايدىغان خاتا كۆز قاراش شەكىللىنىپ قېلىشى مۇمكىن.


ئالتىنچى: يامان ئۈلگە بولۇش
بالىنىڭ ئالدىدا يالغان گەپ قىلىش، رەتنى بۇزۇپ كىرىش، ئادەم تىللاش ۋە نەرسە ئوغۇرلاشلارنىڭ ھەممىسى بالىغا نىسبەتەن يامان ئۈلگە بولغانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئاتا-ئانا بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى، ئۇلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. بالىلار تەسىرگە ئىنتايىن تېز ئۇچرايدۇ، ئەگەر دائىم مۇشۇنداق يامان ئشىلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرسا، ئۇلار ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تەقلىد قىلىشقا باشلايدۇ.
نوبېل مائارىپى سىزنىڭ يۇقىرىقى ئالتە خىل خاتا تەربىيەگە قاتتىق دىققەت قىلىشىڭىزنى ئەسكەرتىدۇ.
مەنبە: ئەلى مۇئەللىم سالونى



Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى