ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلار ئۈچۈن سۈت سېتىۋالغاندا قانداق تاللاش كېرەك؟

بالىلار ئۈچۈن سۈت سېتىۋالغاندا قانداق تاللاش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-01-31 ئاۋاتلىقى: 709 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بالىلار ئۈچۈن سۈت سېتىۋالغاندا قانداق تاللاش كېرەك؟

ساپ سۈتنى پەرقلەندۈرۈش: ئاۋۋال سىرتىدىكى بولىقىغا قاراش كېرەك. ئۈستىدە كۆرسىتىلگەن ئاقسىلنىڭ مىقدارى %2.9تىن يۇقىرى بولسا خەلقئارالىق ئۆلچەمگە يېتىدۇ. يەنە بولاقنىڭ ئۈستىدە  0~5 سېلتىسىيە گىرادۇستا سوغۇق ساقلاش ھەمدە ساقلاش مۇددىتى بەش كۈن ئىچىدە بولۇشى كېرەك.
تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىن سۈپىتىنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك. رەڭ: رەڭگى سۈتتەك ئاق رەڭلىك بولغىنى ساپ بولىدۇ، رەڭگى سارغۇچ ، سۈتنىڭ ئۈستىدە سۇدەك ئاجرالما ماددىلار بولسا كونىراپ قالغان سۈت بولىدۇ. پۇرىقى: ساپ سۈتنىق پۇرىقى قويۇق بولىدۇ، ئەكىسچە، ئارىلاشما ماددا ئارىلىشىپ قالغان سۈتنىڭ پۇرىقى سۇس بولىدۇ، تەمى: ئۆز ئېغىزى بىلەن تېتىغاندا يېڭى بولغانلىرىنىڭ تەمى ساپ بولىدۇ؛

يەنە تۆۋەندىكى ئۈچ خىل تەجرىبە سىزگە ياردەم بىرىدۇ: 1.سۇ بىلەن سۈتنى بىرگە قۇيۇپ ، ئەگەر ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن قاتتىق ماددا ھاسىل بولۇپ قالسا سۈت ساپ ئەمەس بولىدۇ، 2.بىر تېمىم سۈتنى تىرناققا تېمىتىپ، ئەگەر تىرناق ئۈستىدە شارسىمان ھالەتتە تۇرسا ساپ سۈت بولىدۇ، ئۇنداق بولمىسا ساپ ئەمەس دەيمىز. 3.قايناۋاتقان سۈتنى كۆزىتىش، سۈت قايناپ بولغاندىن كېيىن پۇرچاق ئۇيۇتمىسىدەك ھالەتكە كىرىپ قالسا سۈپىتى ئۆزگەرگەن بولىدۇ.
ئادەتتىكى تېمپۇراتۇرىدىكى سۈتنى پەرقلەندۈرۈش :سۈتنى ئادەتتىكى تېمپۇراتۇرىدا ساقلاش ،ساقلاش مۇددىتى 45 كۈندىن 6 ئايغىچە .
سىزنىڭ ئىشلەپچىقرىش ۋاقتى ئاشۇ كۈنگە يېقىن بولغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش تەكلىپىنى بېرىمىز، چۈنكى ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ كالا سۈتىنىڭ تەركىبىدىكى كالتىسىنىڭ سۈپىتى تەدرىجىي ئېرىمەيدىغان كالتىسىيغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ۋىتامىن 1B بىر ھەپتىدىن كېيىن ئاساسەن يوقاپ كېتىدۇ، باشقا ئوزۇقلۇق ئامىللارمۇ كۆپلەپ يوقايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى