ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۆيلىنىش شەرتلىرى ۋە زۆرۈرلۈكى

ئۆيلىنىش شەرتلىرى ۋە زۆرۈرلۈكى

ۋاقتى: 2016-07-23 ئاۋاتلىقى: 663 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۆيلىنىش ـ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ئۆيلىنىشكە قادىر بولالىغان كىشىلەر ئۈچۈن سۈننەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن ئۆيلىنىش ـ مېنىڭ سۈننىتىم (يولۇم) دۇر. كىمكى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇ مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئەمەس. (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى) چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىن يۈز ئۆرۈگەن كىشى ئەگەر باشقا بىر يولنى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ يولىدىن ئەلا كۆرۈپ يۈز ئۆرۈگەن بولسا، ئۇ ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەگەر ئۇ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويغانلىق يۈزىسىدىن، ئۆيلەنمەى يالغۇز ئۆتۈپ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇشنى مەقسەت قىلىپ ئۆيلىنىشتىن يۈز ئۆرۈگەن بولسا، ئۇ كىشى بىدئەت (دىندا بولمىغان ئىش) نى سادىر قىلغان بولىدۇ، بۇ ھالەتتە ئۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولىدۇ، بۇ دۇنيادا بولسا بىھۇدە جاپا تارتىپ، ئاخىرەتتە ئازابقا دۇچار بولىدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنىدا ئۆزىنى قىيىناشقا ئورۇن يوق. بۇ دىننى قىيىنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان ھەر قانداق كىشى ئۆزىنى بىھۇدە ئاۋارە قىلغان بولىدۇ ۋە ئاخىرىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ.

 

 ئىسلام دىنىدا ھەرقانداق ئىشنىڭ مەلۇم بىر سىستېمىسى بار. مۇسۇلمانلار شۇ سىستېما بويىچە ئىش كۆرۈشكە بويرۇلغان. كىشىلەر دىنغا قانچىلىك ئاكتىپ بولۇپ، ئىخلاسمەنلىك كۆرسىتىمەن دېسىمۇ، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەرگىزمۇ ئېشىپ كېتەلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ پىشىۋاسى ۋە پۈتۈن ياخشىلىقلارنىڭ ئۆلگىسىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەخلاقىنى مەدھىيىلەپ «سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگە سەن» دەيدۇ. (نۇن سۈرىسى 4 ـ ئايەت) ئاللاھ ئۇنىڭ تۇتقان يولىنى ماختاپ مۇنداق دەيدۇ: ”سەن ھەقىقەتەن توغرا يولدىسەن.“ (ياسىن سۈرىسى)


 

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ـ ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ـ دىن رىۋايەت قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: ”ئۈچ زاھىد (دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆزلىرىنى ئاخىرەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن) كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن ئۇنىڭ ئىبادىتى توغرۇلۇق سورىشىدۇ. ئاياللار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادەتلىرىنى ئاز، دەپ ھېس قىلغانلىقلىرىدىن ” بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارىغاندا نەدە؟ ئاللاھ ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى پۈتۈن كەمچىلىكلىرىنى كەچۈرۈۋەتكەن تۇرسا دېيىشىدۇ “ يەنى ئونداق بولغان ئىكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئازلا ئىبادەت قىلسىمۇ يېتەرلىك، ئەمما بىز ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەك دېگەن چۈشەنچىگە كېلىدۇ ـ دە، ئۇلاردىن بىرى ”مەن يىل بويى كۈندە روزا تۇتىمەن“ دەيدۇ. يەنە بىرى ”مەن ئايال كىشىدىن يىراق تۇرىمەن، ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمەيمەن“ دەيدۇ، ئۈچىنچىسى ”مەن كېچە ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىمەن “ دەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئۇلارغا: ”سىلەر ئۇنى، بۇنى دېيىشىسىلەر، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ ئېيتالايمەنكى، ئاراڭلاردا، مەن سىلەرنىڭ ئاللاھتىن ئەڭ قورقىدىغان، ئەڭ تەقۋا كىشىڭلارمەن. لېكىن مەن كېچىلىرىنىڭ بەزى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئوقۇيمەن، بەزى ۋاقىتلىرىدا بولسا ئۇخلايمەن، (رامىزاندىن باشقا كۈنلەردە) گاھىدا روزا تۇتىمەن، گاھىدا تۇتمايمەن. مەن ئۆيلىنىمەن. كىمكى مېنىڭ بۇ يولۇمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن ئۇ مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئەمەس“ دەيدۇ. (بۇخارىي رىۋايىتى)

دېمەك: ئۆيلىنىش ـ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئۇنىڭغا قادىر بولالىغان كىشىلەر ئۈچۈن نورمال ھاللاردا يەنى ئۆيلەنمىسە زىنا ـ ھارام ئىشلارغا چۈشۈپ قالماسلىقىدىن خاتىرجەم بولالىغان، ئەگەر ئۆيلەنسىمۇ ئايالىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىشقا قادىر بولۇپ، ئىقتىسادىي شارائىتىمۇ ھازىر بولغان كىشىلەر ئۈچۈن سۈننەتتۇر. ئەگەر كىشى زادى ئۆيلەنمىسە ئۇنىڭ زىنا ـ ھارام ئىشلارغا چۈشۈپ قېلىش ئېھتىمالى كۈچلۈك بولۇپ، ئۆيلىنىشكىمۇ قۇدرىتى يېتىدىغان ۋە شەرت ــ شارائىتى تولۇق بولغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ دەرھال ئۆيلىنىشى پەرزدۇر. بۇ ھالەتتە، ئەگەر ئۇ ئۆيلەنمىسە گۇناھكار بولىدۇ. ئەگەر كىشى ئۆيلەنسە ئايالىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەقلىرىنى ئادا قىلالماسلىقىدىن، ياكى ئايالىغا زۇلۇم قىلىپ قويۇپ گۇناھكار بولۇشىدىن قورقسا يەنى ئۆزىدە ئىشەنچ بولمىغان بولسا، بۇ ھالەتتە ئۇنىڭ ئۆيلىنىشى ھارامدۇر. چۈنكى ئايال كىشىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرالمايدىغان كىشى ئۆيلىنىشكە لايىق ئەمەستۇر.
مەنبە: «ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى» ناملىق ئەپتىن ئېلىندى

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى