ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

دۇنيادىكى ئەڭ ئۈنۈمسىز بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى

دۇنيادىكى ئەڭ ئۈنۈمسىز بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى

ۋاقتى: 2016-03-23 ئاۋاتلىقى: 1339 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دۇنيادىكى ئەڭ ئۈنۈمسىز بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ئوخشاشمايدۇ، ئەمما ئورتاق تەرەپلىرىمۇ ئاز ئەمەس، مەسىلەن، بارلىق ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ساغلام، بەختلىك بولۇشى، كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما قىسمەن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىغاچقا، بۇ ئارزۇلىرىغا يېتەلمەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا دۇنيادىكى ئەڭ ئۈنۈمسىز بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلىنىڭ چوڭ ئاساسلارنى سۆزلەش، ئاچچىقلىنىش ۋە مەقسەتلىك تەسىرلەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى خۇلاسىلىدى.
شۆھرەتپەرەس ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كەڭ قورساقلىق، سەۋرچانلىقنى ئۆگىتەلمەيدۇ. بالىلارغا ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى پوزىتسىيەسىدىن باشقا، يەنە بالا بىلەن ئالاقە قىلغاندىكى ئوبرازمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇ ئەڭ بىۋاسىتە ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش ماتېرىيالىدۇر، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كىچىكىدىن تارتىپ سەۋرچانلىق، كەڭ-قورساقلىقنى ئۆگىتىشى، بالىلارغا چوڭ ئاساسلارنى سۆزلىمەي، ئۇلارغا ئاددىي بولغان ئەدەپ-قائىدە، ئادىمىيلىكنى ئۆگىتىش كېرەك.
زىيادە ئاچچىقلىنىپ بالىنى قورقۇتقاندىن مۇلايىملىق بىلەن تەربىيە قىلىش، خاتالىقىنى تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنى قەستەنلىك بىلەن تەسىرلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى گەپ ئاڭلاشقا مەجبۇرلاشنىڭ ئۈنۈمى ھەر ۋاقىت كۈتكىنىمىزدەك بولمايدۇ، چۈنكى بۇ خىل قەستەنلىك بالىلاردا زېرىكىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ، بارا-بارا تەسىرلىنىشكە تېگىشلىك ئىشلارغا تەسىرلەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

«قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى
Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى