ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئالىملارنىڭ ئېچىنىشى

ئالىملارنىڭ ئېچىنىشى

ۋاقتى: 2015-04-06 ئاۋاتلىقى: 550 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دارۋىن 19-ئەسىردىكى داڭلىق بىيولوگىيە ئالىمى ھەمدە تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسچىسى.  -1839يىلى 1- ئايدا 30 ياشلىق دارۋىن ۋە ئۇنىڭ نەۋرە سىڭلىسى ئەيما توي قىلىدۇ. ئەيما ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ قىزى، ئۇلارنىڭ ئالتە بالىسى بولىدۇ ھەمدە بۇ ئالتە بالىنىڭ ئۈچى كىچىك ۋاقتىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. قالغان ئۈچىنىڭ يېتىلىشى بىنورمال بولۇپ، تېنى ياخشى تەرەققىي قىلمىغان. دارۋىن بۇ ئەھۋالنىڭ سەۋەبىنى ھەر قانچە ئويلىنىپمۇ تاپالمىغان، چۈنكى ئۇ ۋە ئايالى ئىككىسى ساغلام، فىزىيولوگىيەلىك جەھەتتىنمۇ ھېچقانداق كەمتۈكلۈك يوق، روھىي ھالىتىمۇ ناھايىتى نورمال، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن تۇغۇلغان بالىسى كېسەل بولۇپ قالىدۇ؟

دارۋىن ئاخىرقى ئۆمرىدە، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىيولوگىيەلىك تەرەققىيات جەريانىنى تەتقىق قىلىۋاتقاندا، سىرتىدىن چاڭلىنىدىغان گۈلنىڭ مېۋىسى، ئۆز گۈلىدىن چاڭلىنىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىسىگە قارىغاندا ھەم چوڭ ھەم كۆپ بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز گۈلىدىن چاڭلىنىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاسانلا تەبىئەت تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان، دارۋىن بۇنىڭدىن شۇنى چۈشىنىدۇكى: تەبىئەت يېقىن تۇغقانلار ئارىسىدىكى چېتىشىشنى چەتكە قاقىدۇ. ئۇ بىرلا ۋاقىتتا يەنە يېقىن تۇغقانلار ئارىسىدىكى چېتىشىشنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى چوڭ بەختسىزلىك ۋە پۇشايمانلار ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانلىقلارنىڭ سىرىنى تېخى تولۇق ئىگىلەپ بولماي تۇرۇپلا بۇ ئالىم ئويلىمىغان يەردىن تەبىئەت دۇنياسىنىڭ رەھىمسىز جازاسىغا ئۇچرىغان. بۇ چوڭقۇر ساۋاق دارۋىننىڭ كېيىنكى ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىشىغا تۈرتكە بولغان.
ئانا-بالا تورىنىڭ كىچىك ئەسكەرتمىسى:
مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار پۈتۈن دۆلەتتىكى ئالتە ئۆلكە شەھەردىكى 1441 يېزا نوپۇسىدىكى ئاھالىلەرگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق شۇنى بايقىدىكى، جۇڭگودىكى كۆپ سانلىق دېھقان ئاھالىلىرىنىڭ توي قىلىش دائىرىسى ئادەتتە 25 كىلومېتىردىن ئاشمايدىكەن، %84.7 دېھقان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ توي قىلىش دائىرىسى ناھىيەدىن چىقىپ كەتمەيدىكەن، %51 دېھقان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ توي قىلىش دائىرىسى يېزىدىن چىقىپ كەتمەيدىكەن، %30 دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ  توي قىلىش دائىرىسى كەنتتىن چىقىپ كەتمەيدىكەن. بۇ يەردىكى ئاز بولمىغان كىشىلەرنىڭ ساپاسى بويىچە قارىغاندا بۇ يەرنى «ئەخمەقلەر كەنتى» دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ.

نامرات تاغلىق رايونلاردا دېھقانلار قەدىمكى ئەجدادلىرىدىن تارتىپ تار ھەم كىچىك بولغان يەردە تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن بېكىنمىچىلىك ھالەتتىكى بۇ تاغلىق رايونلاردا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد توي قىلىش تەكرارلىنىۋېرىدۇ. يەرلىكتىكى توي قىلىشتىكى ئوبيېكىت تاللاش دائىرىسى ئىنتايىن كىچىك بولغاچقا دائىم باشقىلار تەرىپىدىن سەل قارىلىدۇ. تويلىشىش دائىرىسى كىچىك بولغان قىز-ئوغۇللار گەرچە ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى يېقىن تۇغقانلار بولمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا تۆت ئەۋلاد، بەش ئەۋلاد، ئالتە ئەۋلاد ئىچىدىكى تۇغقانلار بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ھەر ۋاقىت تېنىدە مەلۇم بىر خىل ئوخشاش گېننى ئېلىپ يۈرىدۇ.  گەرچە بەزىلەرنىڭ تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، لېكىن ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئۆز-ئارا توي قىلىش ئارقىسىدا، كېيىنكى ئەۋلادلار ئېلىپ يۈرگەن ئوخشاش گېن بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. بۇ ئىلىم-پەندە «ئىرسىي گېننىڭ توپلىنىشى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىرسىي گېنلارنىڭ توپلىنىش دەرىجىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، كېسەلنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىمۇ بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەيدۇ.
ئىككى تەرەپنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىسا ھەم جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتىن ئارىلىقى يىراق بولغان قىز-ئوغۇللار توي قىلسا، گېننىڭ توپلىنىش پۇرسىتى شۇنچە ئاز بولىدۇ. شۇڭا يوشۇرۇن ئىرسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئەۋلادلارنىڭ سانىمۇ ئاز بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرزەنتىنىڭ تەن ساپاسى، تۇغما ئەقلىي ئاتا-ئانىسىنىڭكىدىن ياخشى بولىدۇ. بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بۇ ئەمەلىيەتلەر شۇنى ئىسپاتلايدۇكى: ئوخشىمىغان نەسىلدىكى، ئوخشىمىغان رايوندىكى كىشىلەر ئۆز-ئارا توي قىلسا، كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئاتا-ئانىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ ساغلام، تېخىمۇ ئەقىللىك، تېخىمۇ چىرايلىق بولىدۇ.
جانلىقلار دۇنياسىدىكى شالغۇت نەسىلنىڭ ئەلا بولۇشىدىن ئىبارەت ئەھۋالغا ئوخشاش «شالغۇتلاشتۇرۇلغان نەسىل ئەلا نەسىل» ھېسابلىنىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئارىلىقى قانچە يىراق بولسا، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ يۇقىرى ساپالىق بولۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا بىز يېقىن تۇغقانلار ئارىسىدىكى توي قىلىشنى قاتتىق چەكلىشىمىز ۋە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.
يىراق مۇساپىلىك توي قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش، ئازراقمۇ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان قىز-ئوغۇللار ئۆز-ئارا توي قىلىپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ يۇقىرى ساپالىق، ساغلام بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى