ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەدەبىي ـ سەنئەت پائالىيىتىنىڭ تۆكمە مەزگىلى

ئەدەبىي ـ سەنئەت پائالىيىتىنىڭ تۆكمە مەزگىلى

ۋاقتى: 2016-06-26 ئاۋاتلىقى: 763 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەدەبىي ـ سەنئەت پائالىيىتىنىڭ تۆكمە مەزگىلى 

ئادەتتە ئەدەبىي ـ سەنئەت بىلەن ئاز شۇغۇللىنىدىغان، لېكىن ھامىلىنىڭ سەنئەتتىن تەربىيە ئېلىشىنى خالايدىغان ئانىلارغا، ۋاڭ يىۋېن باش تەپتىشنىڭ تەكلىپى: « ئاۋال ئەتراپىدىكى قاتنىشىش ئاسان بولغان كەڭ دائىرىلىك سەنئەت پائالىيەتلىرىدىن باشلاش، مەسىلەن ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى ئەدەبىيات ـ سەنئەت پائالىيەت مەركىزىدە ھامىلدارلار كۆرۈشكە ماس كېلىدىغان ئويۇن ياكى كۆرگەزمە، نۇتۇق ياكى تالانت يېتىلدۈرۈش دەرسلىكلىرىمۇ ھامىلدارنىڭ ياخشى تالىشى.»

ئانىلار قىلىدىغان ئىشلار

يەر شارائىتى ئەپسىز ئانىلار، ھەريىلدىكى ئارام ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ سەنئەت زىياپەتلىرىگە قاتنىشىشنى پىلانلىسا بولىدۇ، چۈنكى ھەر يىلىدىكى يەتتە سەككىزىنچى ئايلارنى ئەدەبىيات ـ سەنئەت پائالىيىتىنىڭ تۆكمە ۋاقتى دېيىشكە بولىدۇ، نۇرغۇنلىغان دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى كوللېكتىپ، چوڭ كىچىك تىپتىكى ئويۇن ماھارەتلەر بۇ چاغدا كۆرسىتىلىدۇ.

تۇرمۇشتىكى گۈزەللىكنى يېتىلدۈرۈش

ئەگەر ئەڭ ياخشى بولغان ھامىلە تەربىيەسىنى ئاتا ـ ئانا بولغۇچىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ھەربىر ئىش ھەرىكەتلىرىدىن كېلىدۇ دېسەك، ئۇنداقتا ئەڭ ياخشى گۈزەل ـ سەنئەت تەربىيەسى ئاتا ـ ئانا بولغۇچىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى گۈزەل ـ سەنئەتكە بولغان مۇئامىلىسىدىن كېلىدۇ، مۇزىكىنى ياقتۇرمايدىغان ئاتا ـ ئانىنىڭ مۇزىكانت بالا تەربىيەلەپ چىقىشى ناھايىتىمۇ قىيىن.

ۋاڭ ۋېنيى باش تەپتىش مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلىك ھايات گۈزەل ـ سەنئەتتىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇ پەقەت كۆڭۈل ئېچىش رولىنى ئويناپلا قالماستىن، كىشىلىك ھاياتتا تاللاشقا دۇچ كەلگەندە، توغرا يولغا باشلايدۇ شۇنداقلا شەيئىينىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى گۈزەل ـ سەنئەت كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ مەردلەشتۈرىدۇ ھەمدە چوڭقۇر پىكىر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرىدۇ.

گۈزەل ـ سەنئەت قەلبىڭىزدە بولسۇن

مەيلى سەنئەت خاھىشىنى يېتىلدۈرۈش بولسۇن ياكى تۇرمۇشتىكى گۈزەللىكنى ئەمىنلەشتۈرۈش بولسۇن، گۈزەل ـ سەنئەت سەۋىيەسى بىر كۈندىلا يېتىلمەيدۇ. ۋاڭ ۋېنيى باش تەپتىش مۇنداق دەيدۇ، گۈزەل ـ سەنئەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى؛ ①تەشەببۇسكارلىقنى يېتىلدۈرۈش؛ ② ئادەت يېتىلدۈرۈش؛ ③ ئىپادىلەشنى ئۆگىنىۋېلىش؛ «ھەرقانچە گۈزەل ـ سەنئەتتىن تالانتى بار بالا بولسىمۇ، يېتەكلىنىش ۋە ئىپادىلەش پۇرسىتى بولمىسا، ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن پەرقلەنمەيدۇ.»
تەشەببۇسكار ۋە ئىجابىي پوزىتسىيەدىن سىرت، يەنە «ھەددىدىن زىيادە تەشۋىش» بىلەن «تەلەپ نەتىجە»دەك ئىككى تۈرلۈك گۈزەل ـ سەنئەت تەربىيەسىدە كۆرۈلگەن مەسىلىنى يېڭىش كېرەك. ۋاڭ ۋېنيى باش تەپتىش ئاتا ـ ئانىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ:« مەيلى ئۆزى ياكى كېيىنكى پەرزەنتى گۈزەل ـ سەنئەت بىلەن شۇغۇللانسا، قەتئىي تەشۋىشلەنمەسلىك، ئازادە كەيپىياتنى ساقلاش كېرەك.  ئۇنىڭدىن باشقا، گۈزەل ـ سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە ئۆگىنىشنى قانچە كىچىك باشلىسا شۇنچە ياخشى، چۇنكى چوڭلارغا قارىغاندا كىچىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى تېز بولىدۇ، لېكىن گۈزەل ـ سەنئەتتىن ھوزۇرلىنىش ئىقتىدارى كۆپىنچە قەلبنىڭ پىشىش دەرىجىسى، خاراكتېر، كىشىلىك ھاياتتىكى تەجرىبىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا ھامىلدار ئانا ھازىردىن باشلىسىمۇ كېچىكمەيدۇ.»


ئۇسۇل   گۈزەل ـ سەنئەتنى چۈشىنىش تەس ئەمەس

كۆپىنچە كىشىلەر ئويۇن كۆرگەندە چۈشەنگەن چۈشەنمىگەنلىكىگە بەك ئېتىبار بېرىدۇ، بۇنىڭغا قارىتا، ۋاڭ ۋېنيى باش تەپتىش مۇنداق دەپ قارايدۇ: «بۇ بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابقا ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان. كۆپ قىسىم پىروگراممىلارنى لايىھەلىگەندە تاماشىبىنلارنى ئادەتتىكى تاماشىبىن، ئالاھىدە تاماشىبىن دەپ ئىككى قاتلامغا بۆلىدۇ. ئوخشىمىغان تاماشىبىندا ئوخشىمىغان تونۇش بولىدۇ.  ئادەتتىكى تاماشىبىن پەقەت پۈتۈن ئويۇننىڭ ئۆزىگە بەرگەن خۇشاللىقىنىلا ھېس قىلسا بولىدۇ، سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى ھوزۇرلىنىشتىن تەجىربىسى بولغانلار بولسا، ئۆزىنى كەسپىي تاماشىبىن دەپ قارىسا بولىدۇ، ئاۋاز، دېكوراتسىيە قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىدۇ ۋە ئويلىنىدۇ.»

ئۇنىڭدىن باشقا، ھەربىر مەيدن ئويۇننى كۆرۈش تەجىربىسىنى قانداق يىغىنچاقلاش كېرەك؟   ۋاڭ ۋېنيى باش تەپتىش مۇنداق بىر نەچچە تەكلىپنى ئوتتۇرغا قويدى:

1.ئادەتتىكى چاغلاردا ئوقۇش نومۇرى توپلاش: كۆپ ئاڭلاش، لېكسىيەنى كېڭەيتىش.
2.نەق مەيداندا ئوقۇش نومۇرى توپلاش: ئويۇندىن ھوزۇرلانغاندىن كېيىن، ئامال بار ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش، باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ھەم تەڭ بەھرىمان بولۇش.
3.ئىشتىن كېيىن ئوقۇش نومۇرى توپلاش: مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھا سۆزىنى تېپىپ، باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بىلەن ئۆز كۆز قارىشىنى سېلىشتۇرۇش.
 ئانىلار قىلىدىغان ئىشلار
ئانا ھەر قېتىم ئويۇن كۆرگەندە، كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشىنى ھامىلە ھىچقانداق ئىپادىسىزلا بىلىۋالىدۇ، ئانا بۇ توغرىسىدا ھامىلە بىلەن پىكىر ئالماشتۇرسىمۇ بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى