ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

6~9 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ ئويۇن ئويناش ئالاھىدىلىكى

6~9 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ ئويۇن ئويناش ئالاھىدىلىكى

ۋاقتى: 2016-07-05 ئاۋاتلىقى: 628 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇ مەزگىلدىكى بوۋاقلارنىڭ ئويۇنىنىڭ سالمىقى بارغانچە ئېغىرلايدۇ. ئۇلار قولىغا قوشۇقنى ئېلىپ، تاماق ئۈستىلىگە ئۇرۇپ ئاۋاز چىقىرىدۇ، بىر باغلام ئاچقۇچنى تۇتىۋېلىپ، توختىماي پۇلاڭلىتىدۇ. بۇ ياشتا بوۋاقلار ئىككى تال ئويۇنچۇقنى تەڭ تۇتىۋېلىپ، ئۇلارنى سوقۇشتۇرۇپ ئوينىيالايدۇ. لېكىن بوۋاقلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ بۇنچە ئېنىق بولۇشى، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ناھايىتى تېز ۋە ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بوۋاقلار يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بىر تال كىشمىش چوڭلۇقىدىكى نەرسىلەرنى تېرىپ ئالالايدۇ.


بوۋاقلار بۇ ۋاقىتتا ئاستا-ئاستا ئۆزى كۆرەلمەيدىغان ۋە تۇتالمايدىغان نەرسىلەرنىڭ يەنىلا مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. ئەگەر ئۆزى ياخشى كۆرگەن يۇڭلۇق ئويۇنچۇقلارنى كۆرەلمىسە، ئۇنىڭغا ئېرىشىشنى ئويلايدۇ، شۇنداقلا ئۇنى ئىزدەش ئۈچۈن تېرىشىپ باقىدۇ. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئەمدى بوۋىقىڭىز بىلەن ئويۇنچۇقىنى يوشۇرۇپ قويۇش ئويۇنى ئوينىسىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئويۇنچۇقىنى يوشۇرۇپ قويۇپ بوۋاقنى تېپىشقا ئۈندىسىڭىز، ئۇ شۇھامان تېپىۋالىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىدىن پەخىرلىنىپ كېتىدۇ.
بۇ ياشتىكى بوۋاقلار تۆت تەرەپكە ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدۇ. ئولتۇرۇشتىن ھالىتىدىن، قورسىقىنى يەرگە چاپلاپ يەر بېغىرلاپ ئۆمىلەشكە ئۆتىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن، بىر جۈپ قولى ۋە بىر جۈپ تىزىغا تايىنىپ، ئالدى كەينىگە تەۋرىنىدۇ، ئاخىرىدا ھەقىقىي ئۆمىلەيدۇ. سەككىز ئايلىق بولغاندا كۆپ ساندىكى بوۋاقلار بىرەر نەرسىگە تايىنىپ ئورنىدىن تۇرالايدۇ، ھەتتا پەلەمپەيدىن چىقىشقا ئۇرۇنىدۇ. تۆۋەندىكىلەر ئۆزىدىكى بۇنداق تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىدارنى بايقىيالىشىغا ياردىمى بار بولغان ئويۇنچۇقلار ھېسابلىنىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى