ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئوقۇغان ئوغۇل ئاتىدىن ئۇلۇغ(2)

ئوقۇغان ئوغۇل ئاتىدىن ئۇلۇغ(2)

ۋاقتى: 2015-12-01 ئاۋاتلىقى: 706 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ــــ جېنىم بوۋا، شۇ ھېكايەتنى سۆزلەپ بېرىڭە!
ـــ ماقۇل بالام،ـــ دېدى بوۋاي كالتە يۆتىلىپ قويۇپ، ـــ ئۇنىڭدا مۇنداق ۋەقە ھېكايەت قىلىنىدۇ: بۇنىڭدىن ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى يىراق ماكاندا، زامان زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ بولغانىكەن. ئاشۇ زاماندا ئاشۇ يۇرتتا بىر پادىشاھ ھۆكۈمدار ئىكەن. شۇ پادىشاھنىڭ زامانىسىدا بىر ئادەم ئوغلىنى مەكتەپتە ئوقۇتقانىكەن.
بىز كۈنى بۇ بالا مەكتەپكە كېتىۋېتىپ پادىشاھقا يولۇقۇپ قاپتۇ.
ـــ ئوقۇپ قايسى دەرسكە كەلدىڭ؟ــ دەپ سوراپتۇ پادىشاھ.
ــ بالا كىتابنىڭ《سەت يۈزلۈك》دېگەن دەرسىگە كەلگەنىكەن، ئەمما پادىشاھنىڭ سوئالىغا《سەت يۈزلۈك》دەپ جاۋاب بېرىشتىن قورقۇپ:
ـــ《ئاي يۈزلۈك》دېگەن دەرسكە كەلدىم،ـــ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
پادىشاھ بالىنىڭ كىتابىنى ئېلىپ كۆرۈپ:
ـــ نېمىشقا يالغان ئېيتىسەن؟ــ دەپ كايىپتۇ.


ـــ ئەتىگەندە سىلىگە《سەت يۈزلۈك》دېمەك تەس كەلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن《ئاي يۈزلۈك》دېدىم،ـ دەپتۇ بالا.
پادىشاھ بالىنىڭ سۆزلىرىدىن خۇرسەن بولۇپ ئۇنىڭغا بىر تىللا بېرىپتۇ. بالا:
ــ پادىشاھ خۇرسەن بولسا بىرنى ئەمەس، ئوننى بېرىدۇ،ـــ دەپ تىللانى ئالماپتۇ.شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئون تىللا بېرىپ كېتىپ قاپتۇ.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن پادىشاھ ئاددىي كىيىملەرنى كىيىپ، بازارغا چىقىپ ھېلىقى بالىنىڭ ئاتىسىغا يولۇقۇپ قاپتۇ. ئۇ ئادەم ماي سېتىپ ئولتۇرغانىكەن.
ــ مېيىڭ قانچە تەڭگە؟ــ دەپ دوراپتۇ پادىشاھ.
ـــ ئالتە تەڭگە! ـــ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ مايچى.
ـــ ھوي، بازاردا ماي تۆت تەڭگىگە سېتىلىۋاتسا، سەن نېمىشقا ئالتە تەڭگىگە ساتىسەن؟ـــ دەپتۇ پادىشاھ.
ـــ ئالساڭ ئال، ئالمىساڭ نېرى بار! ـــ دەپتۇ مايچى قوپاللىق بىلەن.
پادىشاھ ئوردىسىغا قايتىپ، نۆكەرلىرىگە مايچىنى تۇتۇپ كېلىپ دارغا ئىسىشنى بۇيرۇپتۇ.
مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەن بالا ئۆيدىكىلىرىدىن بولغان ئەھۋالنى ئۇقۇپتۇــ دە،دەرھال پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا قاراپ يول ئاپتۇ. بالا ئوردىغا يېتىپ بارغاندا، جاللات ئاتىسىنىڭ ئۆلۈم ھۆكۈمىنى ئوقۇۋاتقانىكەن. پادىشاھ بالىنى كۆرۈپ: بۇ بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مەندىن ئون تىللا ئالغان بالىغۇ، ئۇ نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەندۇ؟ بۇ ئادەم ئۇنىڭ ئاتىسىمىدۇر-يا؟ دەپ ئويلاپ:
ــ ھەي بالا، سەن نېمىدەپ كەلدىڭ؟ــ دەپ سوراپتۇ.
ــ بۇ كىشى مېنىڭ ئاتام بولىدۇ، شەپقەتلىك پادىشاھىئالەم، ئاتامنىڭ بىر قوشۇق قېنىدىن كېچىپ، مېنى يىتىم قىلماسلىقلىرىنى ئۆتۈنىمەن،ـــ دەپتۇ بالا.
ــ ياق، سېنىڭ ئاتاڭ ئۆلۈمگە لايىق گۇناھ قىلدى،ــ دەپتۇ پادىشاھ بالىنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلىپ.
ــ ئۇنداق بولسا ئاتامنىڭ ئاتىسىنى ئۆلتۈرسەڭلا بولىدۇ، ئاتامنى قايتۇرۇپ بېرىۋېتىڭلار!ــ دەپتۇ بالا قەيسەرلىك بىلەن.
ـــ نېمىشقا؟ـــ دەپتۇ پادىشاھ.
ــ ئاتام مېنى مەكتەپتە ئوقۇتقاچقا، مەن سىلىدىن ئون تىللا ئالالىدىم. ئاتامنى ئاتىسى ئوقۇتقان بولسا ئۇمۇ سىلىدىن ئون تىللا ئالالىغان بولاتتى، بىراق ئاتىسى ئوقۇتمىغانلىقى ئۈچۈن بېشىغا ئۆلۈم تېپىۋالدى،ــ دەپتۇ بالا.
پادىشاھ بالىنىڭ سۆزىگە قايىل بولۇپ:
ـــ سەن ئوقۇغانلىقىڭ ئۈچۈن ئاتاڭدىن ئۇلۇغ كەلدىڭ، ئوقۇغانلىقىڭنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئاتاڭنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرەي،ــ دەپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىش ئەل ئىچىدە ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپتۇ ۋە  《ئوقۇغان ئوغۇل ئاتىدىن ئۇلۇغ》دېگەن ماقال بىزگىچە يېتىپ كەپتۇ.
بىلقۇتجان بۇ ھېكايەتنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى چۈشىنىپ بېشىنى لىڭشىتتى.
ــ خەلقىمىز ئارىسىدا يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش ھېكايەتلەر ناھايىتى كۆپ تارقالغان،ــ دېدى بوۋاي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،ــ بۇ ئارقىلىق خەلقىمىز ئۆزىنىڭ ئىلىمسۆيەرلىكىنى، ئىلىمگە بولغان تەشنالىقىنى ئىپادىلەپ، ئەۋلادلارنى ئىلىمگە ھېرىسمەن قىلىپ تەربىيىلەشنى نىشان قىلغان. چوڭلارنىڭ كىچىكلەرنى ئىلىملىك بولۇشقا يېتەكلىشى، ئاتىنىڭ بالىنى تەربىيىلىشى نەتىجىسىدە خەلقىمىز ئارىسىدا ئىلىمگە ھەۋەس قىلىشتەك ئومۇمىي كەيپىيات بارلىققا كەلگەن. يۇقىرىدا مىسال كەلتۈرۈلگەن ھېكايەت مانا مۇشۇ ھېرىسلىقنىڭ تىپىك بىر مىسالىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن جېنىم ئوغلۇم، ئىلىمگە ھېرىسمەن بول، بەختىڭنى ئىلىم ئىگىلەش بىلەن ئىزدە، ئىلىمنىڭ پەللىسىگە يېتىشنى نىشان قىل، ئۆزۈڭگە ۋە خەلقىڭگە بەخت-سائادەت يارىتىشنى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشنى ئالىي مەقسەت قىلىپ تاللا!
مۆھتەرەم بوۋاي بىلقۇتجانغا《بۇ سۆزلىرىمگە نېمە دەيسەن؟》دېگەندەك نەزەردە قارىدى. بىلقۇتجان ناھايىتى سەمىمىي ھالدا:
ـــ بوۋا، مەن ئىلىم-پەن ئىگىلەش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن،ـــ دېدى ئوتلۇق ھاياجان بىلەن،ـــ ئىلىم مېنىڭ قورالىم بولىدۇ.چۈنكى، ئىلىم ھېچكىم ھەرقانداق ۋاقىتتا تارتىۋالالمايدىغان بايلىقتۇر، بۇ خورىماس بايلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىنمۇ ئايانمايمەن!
نەۋرىسىنىڭ سۆزلىرى بوۋاينى شادلاندۇردى. مۆھتەرەم بوۋاي بىلقۇتجاننى مېھىر بىلەن باغرىغا باستى. 

 مەنبە: "ئۇيغۇرلاردىكى پەرزەنت تەربىيەسى" ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى