• تۈننىڭ قۇشى - [شىئېرلار]2011-02-17

    تۈننىڭ قۇشى

     

    مەندىكى زۇلمەتلەر ئاسماندۇر ،ئاسمان

    سەندىكى باھارغا تەلپۈنەر تۈگۈل

    مەندىكى پەريادلارئۇزۇندىن ئۇزۇن

    يىلاندەك تولغىنار قەلەندەر كۆڭۈل!

     

    ۋاقىراپ ۋاقىراپ ئەينەك  يىغلىدى

    باقمىدىم نېمىشقا بىر رەت ئۈكۈنۈپ؟

    مەن پەقەت كېچىنىڭ تىرەن يېرىدە

    كېچىدەك كۆيىمەن ساڭا يۈكۈنۈپ

     

    ئاھ،مېنىڭ دوزاختەك مۈشكۈل ھاياتىم

    قان قۇسۇپ ،قان يۇتقان بىچارە تۈنقۇش

    سۆيىمەن ،سۆيىمەن ،سۆيىمەن سېنى!

    دەھشەتلىك چۈش كەبى ئۆتىدۇ تۇرمۇش

     

    كەل ،مېنى قۇچاغلا ،قۇچاغلىغىنچۇ

    مەن سېنى كۆرمىگەن ئەزەلدىن ئەزەل

    كەل،مېنى قەلبىڭدە يوقات،يوق قىلچۇ

    مەن سېنى سۆيگەنتىم تۇپراقتىن ئاۋال...






    评论

  • مىنى ئۇلانما قىلىۋىلىڭ