• سېرىق دەريا بويىدا - [شىئېرلار]2010-12-21

    سىزنى سۆيگىنىم ئۆچۈن

    بىر رەسىم سىزدىم
    بىر شېئىر يازدىم
    بىر ناخشا ئېيتتىم
    بىر مۇزىكا چالدىم بىر گۈزەل مۇزىكا
    سىزنى سۆيگىنىم ئۆچۈن ياشىدىم
    ھايات نېمىدىگەن گۈزەل، دەپ تەنتەنە قىلدىم
    يۇپۇرماقلاردەك سىلكىندىم
    قومۇشلۇقلاردەك لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتۈم
    ھاياجانلاندىم
    ئاستا- ئاستا قۇرۇپ كەتتىم
    سىزنى سۆيگىنىم ئۆچۈن


    سېرىق دەريا بويىدا

    بۇ يەردىكى دەرەخلەرنىڭ قوللىرى شۇنداق مۇلايىم
    بۇ يەردىكى قۇڭغۇراقلارنىڭ ئاۋازى يۇمشاق ئاق رەڭدە
    جىمىرلاپ ئېقىۋاتقان سۇلار نېمىلەرنىدۇر ئېقىتىپ ئەكىلىپ يەنە نېمىلەرنى ئېقىتىپ ئەكەتمەكتە
    قەلبىم سۇ يۈزىگە جىمجىت قاراپ ئولتۇرۇپ قىسمەتنىڭ ئوت چۆپ باسقان يۈزىنى سىلىماقتا
    بىز شادىمان كۈلۈشنى خىيال قىلمىدۇق
    بىز بىر بىرىمىزدىن يىراق تۇرۇپ رەسىمگە چۈشتۇق
    بىز سۇدىكى قۇشلارنىڭ ئىسمى ھەققىدە تالاشتۇق
    بىز ئۇلارنىڭ قاناتلىرىغائۆز ئارمانلىرىغا يېتەلىگۈدەك بىر كۈچنى تىلىدۇق
    قۇشلار لەرزان لەرزان كۆتۈرۈلدى
    قەلبىم ئېيتقۇسىز بىر تۇيغۇدا كۆپكۈك بايراقلاردەك لەپىلدىدى
    مەن كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىدىم
    ئۇ بىر تۈپ دەرەختەك تىكلىنىپ تۇرغان ئېدى
    دەرياغا قاراپ يۈگۈرگۈم كەلدى
    دەرياغا قاراپ يۈگۈردۈم!
    بىز دەريالاردەك جىمىرلايتتۇق
    بىز دەريا سۈيىدەك جىم ئاقاتتۇق
    بىز بىرلىكتە ھەممىنى كەينىمىزدە قالدۇردۇق
    ئۇ مەندە ناھايىتى كۆپ جاراھەتلەرنى قالدۇردى گۈزەل گۈللەرگە ئوخشايدىغان!
    كۈن ئولتۇرۇشقا باشلىدى
    ئاخىرى ئۇمۇ كەينىمىزدە قالدى
    بىزنىڭ ئايرىلىدىغان ۋاقتىمىز ئاللىقاچان بىزنى ئورۇغان ئېدى
    لېۋىنى چىشلەۋاتقۇدەك
    <ئۆكۈنمە>دەۋاتقۇدەك
    يىراقتا قالغان
    قايتىلانمايدىغان سېرىق دەريا

    ۋوگزال

    نېمىشقا كەينىمگە قارىدىم؟
    ئوت چۆپلەردەك چەيلىنىش ئۆچۈنمۇ؟
    يۇلتۇزلۇق ئاسماندەك چايقىلىش ئۆچۈنمۇ؟
    ياكى نېمىشقا؟
    كەينىمگە قاراپتىمەن
    كەينىڭ بەئەينى بىر قوياشتەك پېتىۋاتقان ئېدى

    ئاخىرقى كېچە

    شۇنداق ئەسكى كېچە بولغان ئېدى
    تاڭنىڭ ئېتىشىغا ئىشەنمىگەن ئېدىم
    ئۇخلاۋېتىپ
    قۇشلار كۆچىۋاتقان
    بىر قىز كۆل بۇيىدا يالغۇز ئۇخلاۋاتقان
    بىر ئاپئاق ئالقان ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرغان
    غۇۋا ئاي نۇرلىرى ئەتراپنى بىر ئالغان
    بىر پارچە رەسىمنى كۆرگەندەك قىلدىم
    ئارقىدىنلا بىر پارچە قورام تاش مىجىلىپ كەتتى
    بىر قىزنىڭ چۈشى قاتتىق ئاغرىماقتا ئېدى
    شۇنداق ئەسكى كېچە ئېدى ئۇزۇن ھەم ئېغىر
    تاڭنىڭ ئېتىشىغا ئىشەنمىگەن ئېدىم

     

    سىزنى سۆيسەم بولامد

    ئەخەت كەلپىن ئىنسانىينىڭ ئىزىدىن

    سىزنى سۆيسەم بولامدۇ؟
    يامغۇرلۇق بولۇتلار تاغ چوققىلىرىنى سۆيگەن كەبى؟
    سىزنى سۆيسەم بولامدۇ؟
    ئۆلۈم بىر ھاياتلىقنى قۇچاغلىغان كەبى؟

    سىزنى سۆيسەم بولامدۇ؟
    ئاق نىل دەرياسى كۆك نىل دەرياسىغا قۇيۇلغان كەبى؟
    سىزنى سۆيسەم بولامدۇ؟
    ئاسمان زېمىنغا يېقىلغان كەبى؟

    سىزنى سۆيسەم بولامدۇ؟
    كېچە بىلەن كۈندۈز قۇچاغلاشقاندەك؟
    سىزنى سۆيسەم بولامدۇ؟
    ھايات بىلەن مامات گىرەلەشكەندەك؟

    سىزنى سۆيمەكچىمەن شۇقەدەر كۆپكۈك
    سىزنى سۆيمەكچىمەن ھەم شۇنداق ئاپئاق
    سىزنى سۆيسەم بولامدۇ؟
    سىزگە ئاچسام بولامدۇ ئورمانلاردەك قىزغۇچ بىر قۇچاق؟

    سىزنى سۆيسەم بولامدۇ؟
    ئاشىق مەشۇقنى سۆيگەندەك ئەمەس
    سىزنى سۆيسەم بولامدۇ؟
    قوياشنى
    كېچىنى
    كۈندۈزنى
    سۆيگەندەك ئەمەس
    سىزنى سۆيسەم بولامدۇ؟
    ئەي ، قەلبىم قانغۇچە
    قەلبىم چىلاشقۇچە
    سۆيسەم بولامدۇ؟





    评论

  • "ئاستا- ئاستا قۇرۇپ كەتتىم سىزنى سۆيگىنىم ئۆچۈن " بۇ مەندىمۇ بولغان.
    بەرچىنئاي回复baydadam说:
    ئاستا ئاستا قۇرۇپ كېتىش ئىنتايىن بەخت!
    2012-02-23 05:37:40