-
ھەي لىۋەن چۈش - [نەسىرىي ئەسەرلەر]2012-02-23
( 1 )
ئويۇن قويۇش ئۆچۈن ، نۇرغۇنلىغان تاماشىبىنلارغا موھتاج بولىمەن ، غالجىرلىشىپ كەتكىنىم ئۆچۈن ئايغا موھتاج بولىمەن ، غالجىرلىقىمنى بېسىشىم ئۆچۈن شېئىرغا مەجبۇرلىنىمەن ، يارىلىرىمنىڭ قوزغىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۆچۈن ئۆلگۈدەك قاچىمەن ، قېچىپ كېتىۋېتىپ كەينىمگە قارىماسلىقىم ئۆچۈن ، تەڭرىدىن مىڭلارچە مەدەت تېلەيمەن ، يېقىلىپ چۈشكىنىمنىڭ سېنىڭ باغرىڭ ئەمەسلىكىنى بىلمەسلىكىم ئۆچۈن ، كۆزلىرىمنىڭ مەڭگۈ ئېچىلماسلىقىنى تېلەيمەن...
( 2 )
ھەي لىۋەن جانان ،
ھەي لىۋەن خىيال،
ھەي لىۋەن چۈش
سېنىڭ قوينۇڭدا ئۇخلىغىنىمغا نىكەم ، يۇمشاق باغرىڭدىن قاراڭغۇلۇقۇمنى تارتىۋالالىغۇدەك جاسارىتىمنى يوقاتقان مەن شۇغۇ ؟ كېچىنى كۆزۈڭگە ئايلاندۇرۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىگە ئاستا قۇيۇلىۋاتقان ، ئېرىگەن جىسىم مەن شۇغۇ ؟
ئوچاقتىكى ئوت ئاستا ئاستا ئۆچۈپ قېلىشقا باشلاۋاتقاندا مەن قاراپ تۇرۇپ جېنىمنى كۆيدۈرىۋاتىمەن . ئىسرىقداندىن چىقىۋاتقان خۇش ھىد دىمىقىڭنى مەست قىلمىدىمۇ ؟ پىچاق بىلەن بىر تاشنى كولىغان ئېدىم ئىچىدىن قان چىقتى ، كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولدى ، مېنى كۆكسۈڭگە چاقىرساڭ بولماسمۇ ؟
( 3 )
مەن ئۆلدۈم ، دېرىزىدىن يانتۇ چۈشىۋاتقان ئاي نۇرى چوقۇم يالغۇز جەسىدىمنى يورىتىپ تۇرۇپتۇ...ئەتراپىمدا نۇرغۇن نەرسىلەر ... سارغىيىپ كەتكەن كىتابلار ، چېچىلىپ ياتقان ، سىياسى قۇرۇپ كەتكەن قەلەملەر ، قەدىمى قوليازمىلار ، ئۆرۈلۈپ كەتكەن شامدانلار ھەمدە يۈزۈمگە ساڭگىلاپ چۈشكەن ئۆمۈچۈكنىڭ ياشقا ئوخشاش بىچارە تورى...
مەن ئۆلدۈم ، خۇددى شۇنىڭدەك !
( 4 )
روھىم چىقىپ كەتتى ،
روھىمغا چىرمىشىپ كەتكەن ئەمەسمىدىڭ ، روھىم ئەمەسمىدىڭ ؟ سەنمۇ بىللىلا چىقىپ كەتتىڭ ، مەن خۇددى ئەسكى چاپانغىلا ئوخشاش تاشلىنىپ ياتقان جەسىدىمگە قارىغىنىمدا تۇيۇقسىزلا ئالدانغىنىمنى ھېس قىلدىم ، ئۆلسەم سەندىن قۇتۇلىمەن دەپ ئويلىغان ئىكەنمەن ، لېكىن روھىم يەنىلا قاتتىق ئازابنى ھىس قىلىۋاتىدۇ ، ھايات دېگەن بىر كونا كىيىمكەن ئەسلىدە ، مەن ئۇنى سېىۋەتكىنىمدىن كېيىنمۇ يەنىلا ئېغىر ھەسرەت ئىچىدىن قۇتۇلالماسلىقىمنى بىلدىم .
( 5 )
سەن كۈن بويى مەن بىلەن بىللىلا يۈردۈڭ ، سېنى كەينىمگە تاشلىۋېتىش ئۆچۈن جېنىمنىڭ بارىچە يۈگۈردۈم ، بولمىدى ، ئۆرۈلۈپ قارىسام سەن يوق ، ئەسلى يۈگۈرگەن پېتى ساڭا ئېتىلارمەن دەپ ئويلىغان ئېدىم ، لېكىن خىياللىرىم بىكارغا كەتتى ، سېنى ھېچيەردىن تاپقىلى بولمايدىغىنىنى ئېسىمدىن چىقىرىپ قويمىسام ياخشى بولاتتى .
ئەجىبا سەن مەن ئوخشىمامسەن ؟!
( 6 )
روھىمنى ياتقۇزۇپ قويۇپ ، كۆكرىكىمگە يېقىن كېلىپ قاراپ باققۇم كەلدى ، ئەگەر شۇنداق قىلالىغان بولسام چوقۇم كولاشقا باشلايتتىم ، ئىشىنىمەنكى جېنىمدىن شەربەتتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتقىنى يەنە بىر جان ــــــــ يەنە سەن بولغان بولاتتىڭ !
( 8 )
جان ، روھ ، ۋەھاكازالار خۇددى بىر باش پىيازغىلا ئوخشامدىغاندۇ ؟ مەن كوچىلاۋەرسەم ھېچنىمە ئېتىلىپ چىقامدىغاندۇ ؟
( 9 )
جىگىرىم ، قولۇڭنى تۇتقۇم كېلىۋاتىدۇ ، بىلىسەن مەن ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتتىم ، سېنى قاتتىق سۆيگىنىم ئۆچۈن ئۆلۈپ كەتتىم ، مەن سېنىڭ پەقەت قەلبىمدە بولۇشىڭنىلا ئۈمۈد قىلمايمەن ، جىگىرىم ، مېنىڭ قوللىرىڭنى تۇتقۇم بار...
كۆرگىلى تۇتقىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە ، سەن ئەڭ گۈزىلى !
( 10 )
)ھېلىقى يەردىكى ئاغرىق بارغانچە كۈچەيگىلى تۇردى ، ( كىشىلەر ئۇنى قەلب دەپ ئاتىشىدىكەن ) لېكىن مەن بىلمىدىم ، قەلب دېگەننىڭ ئورنى تېنىمنىڭ قەيىرىگىراق ئورۇنلاشقان بولغىيدىكىن ؟ ئۇ ئاغىرسا نەپەسلىرىم قىسىلىپ كېتىدۇ ، ئۆپكە كاۋاكچىلىرىمغا تولۇپ تۇرىدىغان بوشلۇقلارنى شۇنداق ئاتامدىغاندۇ ؟ ئەمما ئۇنىڭ ئاغرىقى كۈچەيسىلا ، مەن ئىختىيارسىر مەيدەمگە قولۇمنى ئۇزىتىمەن ...
خەپ ، ھامان بىر كۈنى پىچاق بىلەن شۇ ئاغرىغان جاينى كولاپ باقىمەن ، ئىشىنىمەنكى ئۇ يەردە چوقۇم قەلب بار .
( 11 )
قەلب ـــــ دېگەنلىك ئەسلى مەنىسى بىلەن بىر كۇرس ، بىر پارچە جاي ، بىر پارچە ئېتىزلىق ؛ ئۇ يەرگە جانان كېلىپ ئولتۇرىدىغىنى ئۆچۈن ھەركىم ئۆز قەلبىگە خۇشپۇراق گۈللەرنى ئۆستىرىدۇ .
( 12 )
سەن ئۇخلاپلا ياتىسەن ، قەلبىمنىڭ خۇشھاۋاسى سېنى بارغانچە ئەللەيلەپ ، گۈللەر كۆزلىرىڭگە شاخلىرىنى تەگكۈزۈپ سېنى تېخىمۇ ئېغىر ئۇيقۇغا باشلاۋاتىدۇ ؛ جان – جىگىرىم ، مەن قەلبىمگە ئۆچ ، ئۇ ساڭا ھەم ماڭا دۈشمەن بولدى !
( 13 )
ساراڭ بولۇپ قالايلا دېدىم ، جېنىم ، يۈزۈڭگە گۈل سۈيى سېپىۋاتىمەن ، ئەگەر سەن يەنە ئويغانمىساڭ ، مەن ئەڭ غالجىرلاشقان بىر ياۋۇزلۇققا ئايلىنىپ قەلبىمنىڭ خۇشھاۋالىق ھىدىنى بۇزىۋېتىمەن ، گۈللەرنى ئاياق ئاستى قىلىمەن ، دەپ ساڭا تەھدىت سالدىم ھەم شۇنداق قىلماقچى ئېدىم ، لېكىن قەلبىم بولمىسا سەنمۇ تەڭلا يوقايدىكەنسەن ، ئامرىقىم ، مەن بىلدىمكى ، مەن ھازىر ئاللىقاچان قارارىمنى ئۆزگەرتتىم ، قەلب ، ئەسلى مەنىسى بىلەن ئورۇندۇق ئەمەسكەن ، قەلب دىگەن نەرسە ئەسلى سەن ئىكەنسەن !
( 14 )
ھەر كىشىنىڭ سۆيگىنىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاستىدىكىسى ـــــــــ قەلب !
( 15 )
مەن چىقارغان يەكۈنلەرنىڭ توغرىلىقى ياكى خاتالىقىنى بىلمەيمەن ، لېكىن خۇشتارلىق دېگەن بۇ نەرسىنىڭ تەمىنى ئوبدان بىلىمەن .
بىرسى بار ، كەلمەيۋاتىدۇ ، بىرسى بار كەتمەيۋاتىدۇ ، ھەر ئىككىلىسى بىر ، جانان دىگەن مەڭگۈ سانجىلىپ تۇرغان بىر تال يىڭنە !