• سېنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنلەردە - [شىئېرلار]2012-02-10

     سېنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنلەردە

    سېنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنلەردە

    تۇتاشقانتى يەر بىلەن ئاسمان

    ئىككىمىزنىڭ شېرىن ئۈنلەردە

    ۋىلىقلايتتى ياپيېشىل ئارمان

     

    سەن  كۆيەتتىڭ يۇلتۇزدەك ، تۈندەك

    ئاۋازىڭدا كۆكۈچ رەڭ يالقۇن

    ئاھ ئىچىمگە گۈرۈلدەر گۈلدەك

    ئات چاپتۇرۇپ ساناقسىز دولقۇن

     

    كۆزلىرىڭدىن چاققان كۆك نۇرغا

    چۈمۈلەتتى قىزىل گۈل – گىياھ

    سېنىڭ قىزىل چوغدەك لېۋىڭدە

    جان تالىشار مىڭلاپ جان گويا

     

    سېنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنلەردە

    مەن ياشىدىم پەقەت بىر قېتىم

    گۈل توزىغان ئەمدى ھەر يەردە

    شېرىن چۈشكە ئوخشار ئامرىقىم