• جانان - [شىئېرلار]2010-07-17

     

    ھايات

    كۆيۈپ - كۆيۈپ دۇنيا دىگەندىن،
    ھېچنىمىنى سورىماي ئۆتتۈم .
    نىسىۋەڭ بار دىسە مۇبادا ،
    كەلمەيدىغان نىگارنى كۈتتۈم.
    ھايات دىگەن ھېچنىمە ئەسلى ،
    مەن شۇنىڭغا پۈتىمەن ، پۈتتۈم.

    جانان

    كېتىۋاتقان كەينىڭگە قاراپ،
    پېتىۋاتقان قوياشنى سىزدىم.
    مەڭزىمدىكى ياشلارنى ئېلىپ،
    كۆيىۋاتقان مەڭزىگە تىزدىم.
    قوياش چىقسا ئەمما سەھەردە،
    ئامال بارمۇ سىزىشقا يەنە،
    كېلىۋاتقان سېنىڭ تۇرقۇڭنى؟!

    پەلەمپەي

    پەلەمپەيلەر تۈگەپ كېتىدۇ،
    تۈگىتەلمەي سەن بىلەن مېنىڭ
    ئارامدىكى چەكسىز بوشلۇقنى.

    تەسبىھ

    يۈزلىرىمىز تەتۈر قارىشىپ،
    سىز بىلەن مەن ئۆلۈپ كەتسەك گەر،
    ئۆز قوينىغا ئالمىغاي ھېچ يەر!

    جانان

    ئۇنى قوياش دىيەلمىدىم، ياق
    قوياش پاتسا يەنە چىقىدۇ .
    ئۇنى شامال دىيەلمىدىم، ياق
    شامال كەتسە يەنە كېلىدۇ.
    قوياشتەكلا پارلىدى ،
    نە پاتمىدى قوياشقا ئوخشاش.
    شامالدەكلا كەتتى ،
    نە كەلمىدى شامالغا ئوخشاش...

    جانان

    ئاسمانلاردىن ئىزدىدىم، سىز يوق،
    دېڭىزلاردىن سورىدىم ، سىز يوق،
    يۈرىكىمدىن چىقىپ كەتتىڭىز،
    دەڭچۇ جانان نەگە پاتتىڭىز؟!

    جانان

    سىزنىڭ بىرتال ھەسرىتىڭىزنى ،
    سۆزلىيەلمەس مىڭ تال ھەسرىتىم.
    كۆيۈپ - كۆيۈپ يۇم-يۇم كۆزۈمدە ،
    سىزنى سۆيۈش مېنىڭ قىسمىتىم.
    بىر ئۆمرۈمدە تۈگىتەلمەسمەن،
    شېئىر يازسام بولۇپ مىڭ دانە،
    سىز قەلبىمدە ئەجەپ بىر دانە!

    ئوت

    ھەممە بىلدى كۆيدۈرگىنىڭنى،
    كىم سورىدى كۆيگەنلىرىڭنى ؟!

    جانان

    سېنى ئەسلەتكۈدەك گۈللەر قالمىغان،
    غازاڭلارمۇ قۇرىغان تامام ،
    ئېرىقلاردا شىلدىرلىماس سۇ،
    ھەممە كەتكەن جىمجىتلىق تامان.
    ئاھ، ھەممىنى ئەسلىتىپ شۇتاپ،
    ئەسلىنىسەن مۇشۇتاپ جانان.


    بەخت

     

    بەخت ئەمەس كۆرمەي كۈتكىنىم،

    بەخت ئەمەس تاشتەك ئۆتكىنىم،

    بەخت ئەمەس يوققا ئەگىشىپ،

    يوق ئىچىدە يوقتەك يۈتكىنىم.

    بەخت پەقەت مۇشۇ ئازابنى،

    سۆيۈپ تۇرۇپ ياشتەك پۈتكىنىم.





    评论

  • شىئىر دىگەننى ئۆلتۈرۋىتىدىكەنسىزغۇ
  • سەھرا بلوگنىڭ ئۇسلۇبى ئالماشتى، بۇندىن كىيىن تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلار ھوزۇرىڭىزدا بولغۇسى!!