• سىزنى ئۇنتۇپ كېتەلەيمەن ئامرىقىم - [شىئېرلار]2012-02-10

     

    سىزنى ئۇنتۇپ كېتەلەيمەن ئامرىقىم 

    قۇشلار كۆچسە سىزنى كەتتى دېمەسمەن

    كېچە ئەمەس جېنىم ئەمدى كۆزىڭىز

    يۈرىكىم خۇن ، قۇلاقلىرىم گۇم بولدى

    ئاڭلانماستۇر جىملىقلاردىن سۆزىڭىز

     

    ئىشىك چەكسە باھار يېنىك تىۋىشتا

    سىزنى ئەمەس..دەپ يۈرەكنى ياقماسمەن

    پەردىلەرنىڭ ئارقىسىدا نە بار دەپ

    ئاسمانلاردىن سىزگە قاراپ ئاقماسمەن

     

    لۆمىلدىگەن، كۆزلىرىمنى يۇمغان ياش

    مەن بىلىمەن جېنىم ھەرگىز سىز ئەمەس

    بۇ يۈرەكنى قىلدىم ئەمدى قارا تاش

    سىزنى سۆيگەن ھېلىقى قىز مەن ئەمەس

     

     

    سىزنى ئۇنتۇپ كېتەلەيمەن ئامرىقىم

    باھاردىكى گۈللەرگىمۇ باقمايمەن

    سېغىنمايمەن ، سېغىنمايمەن ..ياق ، سىزنى

    پىچاق كېلىپ پاتسۇن جانغا قاچمايمەن