• ئۇلۇغبەگ:توي كۈنۈڭدە تويۇپ ئاش يېدىم - [تۈرك ئەدەبىياتى]2012-02-04

    توي كۈنۈڭدە تويۇپ ئاش يېدىم
    ئۇلۇغبەگ

    توي كۈنۈڭدە تويۇپ ئاش يېدىم،
    نېمە قىلاي قارنىم ئاچ ئېدى؟

    بەختىمنىڭ كەتكىنى ھەم راس ئىدى،
    دەرت -پىغانغا تويۇپ ئاش يېدىم.

    ئېرىڭنىڭ نەزىرى توختىغان مەندە،
    بىچارىنىڭ قارنى ھەم ئاچ ئىكەندە
    مېنىڭ ئەس-ھۇشۇم لېگەندە،
    ئالەمنىمۇ ئالىمەن شۇندىن.

    توي كۈنۈڭدە تويۇپ ئاش يېدىم،
    ئۈچ لىگەننى بوشاتتىم تەنھا،
    توي بولاتتىمۇ ھەر كۈندە؟

    ئەمدى چاينى بېرىشسۇن ساماۋەردە.

    توي كۈنۈڭدە تويۇپ ئاش يېدىم.
    پۇخادىن چىقتىم-تويۇپ ئاش يېدىم.
    ساھىبخان دەرھال مەن تامان كەلدى،
    ئاش يەپ بولغىنىمنى ئۇ بەلكىم بىلدى.

     

    شۇندا ماڭا ھەم ئىنساپ كىردى،
    دۇئاغا قول كۆتۈردۈم مەنمۇ شۇندا.
    توي بولامتى ھەر بىر كۈندە؟

    ئامىن، ئىككى ياش بەختىنى تاپسۇن!
    ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشسۇن!

    توي كۈنۈڭدە تويۇپ ئاش يېدىم،
    ئاشنى يىدىم ھەم چاينى ئىچتىم.
    ئىززىتىمنىڭ بارىدا ھەم ئۆيۈمگە يۈردۈم،
    شۇندا قارىسام ئويدە بىر ئۆزۈم،
    ۋاھ ئاللا دوختۇر سىزدە بارمىكىن داۋا؟

    توي كۈنۈڭدە تويۇپ ئاش يېدىم!
    توي كۈنۈڭدە تويۇپ ئاش يېدىم،
    ئەلەمگە پايلىماي ئوپقاندەك يېدىم.
    قارنىم يېرىلىپ ئۆلەي مەن دېدىم

     


    历史上的今天: