• جان يۈجەل:چۈشەندىم - [خەدىچە ئاۋۇت تەرجىمىلىرى]2012-02-04

    چۈشەندىم
    جان يۈجەل

    شۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان ماڭا چۈشەندۈرۈشكە تېرىشقانلىرىڭنى ،ئۆزۈمنى تاپقاندا چۈشەندىم.
    ھەر ئادەمنىڭ ئۆز بەختىنى تېپىش ئۈچۈن باسىدىغان بىر يولى بار ئىكەن،ئۆز يولۇمنى تاپقاندا بۇنى چۈشەندىم.
    ھاياتنى پەقەت ياشاش ئارقىلىقلا چۈشىنىدىكەنسەن،ھەرگىزمۇ كىتاپتىن ئوقۇپ ياكى باشقىلاردىن ئاڭلاپ چۈشەنمەيدىكەنسەن،بۇ ھاياتنىڭ بىلگەنلىرىنى ماڭا نېمە ئۈچۈن ئېيتىپ بەرمىگەنلىكىنى چۈشەندىم.
    دۇنيادا مىھىر-مۇھەببەتسىز ياشىغىلى بولمايدىكەن،مۇھەببەتنىڭ پىشىدىن نېمە ئۈچۈن يالاڭئاياغ يۈگۈرگىنىمنى چۈشەندىم.
    ئازابقا دۇچ كەلگىنىمىزدە كۆزلىرىمىزگە ياش كەلمەيدىكەن،نېمە ئۈچۈن يىغلىيالمايدىغانلىقىمىزنى چۈشەندىم .
    يىغلىغاننى كۈلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆز يېشىمنى كۈلكىگە ئايلاندۇرغىنىمدا چۈشەندىم.
    بىر ئادەمنى نۇرغۇن ئادەم خاپا قىلالايدىكەن ،ھەممىدىن جىق ئازابلايدىغىنى دەل ئۇنىڭ سۆيگىنى ئىكەن،بۇنى ئازابلانغېنىمدا چۈشەندىم.
    يالغان سۆزلىيەلىگەن نوچى ئەمەس،رىئاللىقنى يوشۇرمىغان نوچى،بۇنى ئۇ يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ ئالقىنىمغا تۇتقۇزغىنىدا چۈشەندىم.
    «ساڭا مۇھتاجمەن،كەل » دېيەلىمەك كۈچلۈكلۈكنىڭ ئىپادىسى ئىكەن،بۇنى ساڭا «يوقال،كەت»دېگىنىمدە چۈشەندىم .
    بىرسى ساڭا « كەت،يوقال» دېسە،«ياق ،مەن قېلىشنى خالايمەن» دېيەلىسەڭ مانا بۇ سۆيۈش ئىكەن ،بۇنى ئۇ ماڭا « كەت»دېسە كەتكىنىمدە چۈشەندىم .
    ساڭا بولغان سۆيگۈم كەپسىز بالىغا ئوخشايدىكەن،يىقىلىپ چۈشكىنىدە ۋارقىراپ يىغلايدىغان،بۇنى سەن ماڭا مېھىر بىلەن ئاتىلارچە ىۇچاق ئاچقىنىڭدا چۈشەندىم .
    ھەقىقى پۇشايمان قىلىش پەقەت كەچۈرۈم سوراشلا ئەمەس بەلكى « مېنى ئەپۇ قىل» دەپ بار كۈچى بىلەن ۋارقىراش ئىكەن،بۇنى پۇشايمان قىلغېنىمدا چۈشەندىم.
    ۋىجدان - ئاجىزلارنىڭ نىقابى ئىكەن،سۆيگۈ تولغان يۈرەكلەردە ۋىجدان بولمايدىكەن،يۈرىكىمگە سۆيگۈ تولغاندا بۇنى چۈشەندىم .
    ئۆلگۈچە خالاش،ئۈمىد قىلىش،ۋاز كەچمەسلىكنى،سېنىڭ مېنى ئەپۇ قىلىشىڭنى بىر ئۆمۈر كۈتكىنىمدە چۈشەندىم .
    سۆيۈش- بىر ئەمگەك ئىكەن،بىر ئۆمۈر تاشلىۋەتسە  بولمايدىغان لىكىن چوقۇم ئەركىن قويىۋەتمىسە بولمايدىغان
    ....
     
    مېنىڭ كىمىم بار ئىدى؟
    ئەزىز نەسىن

    ئۆيۈڭدىن،كىتاپلىرىڭدىن يىراقتىمۇسەن؟ئۇنداقتا ئۆزۈڭگە بىر تېلېفۇن قىلغىن، مەكتۇب يازغىن،جاۋابىنى كۈتمەستىن،بارغان ھەربىر يېرىڭدىن تەبرىك كارتىلىرىنى ئەۋەتكىن.سۆيۈملۈكۈم دەپ باشلىنىپ،سېنى سۆيىمەن دەپ ئاخىرلاشقان مەكتۇبلارنى ياز،سېنىڭ سەندىن باشقا كىمىڭمۇ بار ئىدى،ئىزدەي دېسەڭ.
    پويىزدىن ياكى ئايروپىلاندىن چۈشكىنىڭدە يالغۇزلىقىڭنى سۆيۈنۈش ئىلكىدە كۈتىۋالغىن.
    ئۆز-ئۆزۈڭنى قايتىش بولمىغان سەپەرگە ئاتىۋەتكىن.ئۆزۈڭنى كۈتكىن،«قايتىپ كەل» دەپ سەبىر ئىچىدە كۈتكىن،سېنىڭ سەندىن باشقا كىمىڭ بار ئىدى كۈتىدىغان.
    شاراپ ئۈستىلىدە ئۆزۈڭ ياپ -يالغۇز قالدىڭمۇ؟ سەن ئۆز- ئۆزۈڭگە يېتىپ ئاشىسەن.ئۆزۈڭ بىلەن قانغۇدەك مۇڭداشقىن، قەدەھنى ئۆزۈڭنىڭ ھۆرمىتىگە كۆتۈر!
    ئۆزۈڭ بىلەن يىغلا،كۈل،تارتىشىپ ئوينا،سېنىڭ سەندىن باشقا يەنە كىمىڭ بار ئىدى؟
    دۈشمىنىڭنىڭ زەربىسىدىن يەرگە يىقىلغىنىڭدا ئۆز بېشىڭنى ئۆزۈڭ سىلكىپ،چاچلىرىڭنى يۇلۇپ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ كەتكىن،ساڭا ئۆزۈڭنى تونۇتىدىغان بىر ئۆزۈڭدىن باشقا ھىچكىم يوق.
    ئۆلگەندە سېنىڭمۇ خەۋىرىڭ بولمايدۇ،شۇڭا ئۆزۈڭگە ئۆلۈم خەۋىرىڭنى يەتكۈز.سېنىڭ كىمىڭ بار ئىدى،ئۆلۈم خەۋىرىنى يەتكۈزىدىغان.
    ئۆزۈڭنىڭ مىھمىنى ھەم ساھىبخانىسەن،ۋاقتىڭنىڭ بارىدا ئۆز- ئۆزۈڭنى ئەزىزلە.ئۆزۈڭنى سۆي،ھازىردىن باشلاپ سۆيۈشنى باشلا،سېنى سۆيىدىغان ئۆزۈڭدىن باشقا يەنە كىمىڭ بار ئىدى.
    كەتمە
    ئەزىز نەسىن

    ساڭا شېئىرلار ئوقۇپ بېرىمەن ،
    ،قۇياش چىقماقتا مېنىڭ يالغۇزلىقىمدىن.
    ساڭا يورۇق نۇر ئىلىپ كىلىمەن بۇ ئايدىڭلىقىمدىن.
    ساڭا جىققىدە ئۈمىد ئىلىپ كېلىمەن،كىچىككىنە ئالقانلىرىڭغا سېغمۇغىدەك.
    ساڭا ئافرىقا كېچىلىرىنى ئىلىپ كىلىمەن تونۇردەك قىززىققىنا.
    ساڭا گۈلدەستىلەر تىزىپ كىلىمەن ،بۇزۇلغان كۈز گۈللىكىدىن.
    ساڭا سۆرۈنلىك،سالقىنلىق ئېلىپ كىلىمەن يامغۇر تامچىلىرىدىن.
    ساڭا ئۇچۇم –ئۇچۇم يۇلتۇزلارنى ئۈزۈپ كىلىمەن،بىرقۇياشتىن باشقا.
    ساڭا بىپايان دېڭىزنىڭ كۆكلىكىنى ئېلىپ كىلىمەن،كۆپۈكسىمان،دولقۇنسىمان كۆپكۆكلەرنى.
    ساڭا  بوران ئېلىپ كىلىمەن،دولقۇنلار ئارا،تاشلار ئارا.
    كەتمە!!ساڭا ۋاقىتنى ئەكىلىپ بېرىمەن ،ئۇنىڭ تۈگىگەن توشقان يېرىدىن.
    ھامان بىر كۈن سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىسەن
    ئەزىز نەسىن
    ھامان بىر كۈن سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىسەن ،كېچلىرى ئۇيقۇڭ قاچار،كۆزلىرىڭ بىر نۇختىغا تىكىلگىنىچە تاڭ ئاتقىنىنىمۇ بىلمەي قالىدۇ.قول ۋە باشلىرىڭ نە كۆرپىنى پەرق ئەتمەس نە ياستۇقنى.دەرىزىلىرىڭدىن ئەسلا كىرمەس  سەن كۈتكەن ئاي نۇرى .ھۇجراڭغا سولىنىپ ئامالسىزلىقتىن يىغلايسەن.دەردىڭنى تاماكىدىن چىقارماقچى بولۇپ چوڭقۇر –چوڭقۇر كۈچەپ شورايسەن.
    سۆيۈشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى شۇ كۈن چۈشىنىسەن.
    بىر كۈن بىلىپ قالىسەن ،سۆيۈلگەن لەۋلەرنىڭ،سۆيۈلگەن كۆزلەرنىڭ ھىچنىمىگە ئىرىشەلمىگەن ھالىتىنى.
    كۈتمىگەن شۇ دەقىقىلەر كەلدىمۇ ؟چاچلىرىڭ ئالدىغڭا چۈشەر ئەمما ئۇچتەك ئاپئاق.
    قوللىرىڭ كۆك يۈزىگە سوزۇلار.
    ئەمما ئامالسىز
    ئەمما چارچىغان
    ئەمما زېرىكتىڭ
    كۈنلەر ئۆتىدۇ ،بىر كۈن ھەممە-ھەممە كۆز ئالدىڭدا كىنو لىنتىسىدەك بىرمۇ بىر پەيدا بولىدۇ،شۇ چاغدا بىلىسەن ئازاپ چىكىشنىڭ نېمىلىكىنى سۆيۈشنىڭ نېمىلىكىنى.
    بىر كۈن چۈشىنىسەن خىيال قىلىشنىڭ نېمىلىكىنى.
    ساقلاشنى
    ئۈمىد كۈتۈشنى
    بىر مەينەت كۆينەكنى سېلىپ چۆرىۋەتكۈڭ كەلگەندەك ،تاشلىۋەتكۈڭ كېلەر شۇ ۋۇجۇدۇڭنى چىرمىغان قورقۇنچلۇق كېچىنى.
    ياشىغىنىڭغا لەنەت ئوقۇيسەن.
    ئۆتمۈشتىن نېمە قالسا قولۇڭغا چىققىنى ئاتىسەن،يىرتىسەن.
    بۇ چاغدا مېنىڭ قەبرە بېشىمدىن بىر گۈل ئۈنۈپ چىقار ئۆزلىكىدىن.
    بىر كۈن چۈشىنىسەن قولۇڭنىڭ نېمە ئىشلارغا يارايدىغانلىقىنى،نىچۈن يارىتىلغانلىقىنى.
    بۇ مۇرەككەب دۇنياغا نېمە ئۈچۈن تۆرەلگىنىڭنى.
    ئۇزۇن ئۇزۇن تاماششا قىلغاندىن كىيىن ،يىللاردىن بۇيان ئەينەك ئالدىدا ھاياجانلانغان خوش بولغان دەملىرىڭنىڭ يوق بولغىنىغا ئېچىنىسەن،كۆزلىرىڭ ياشقا تولار.
    بىر كۈن بىلىپ قالىسەن سۆيۈشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى
    مەن شۇنى خالايمەنكى...

    (رەسۇل رىزا)

    مەن شۇنى خالايمەنكى،بۇلۇتلار يىغلىسۇن،ئەمما بالىلار يىغلىمىسۇن ،يىتىملىكنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىسۇن.
    مەن شۇنى خالايمەنكى،ھەربىر گىياھ ئۆز تىلىدا سۆزلىسۇن،ئەمما قوراللارنىڭ ئاۋازى بېسىقسۇن.
    مەن
    مەن شۇنى خالايمەنكى، بارلىق ئىشىكلەرئېتىلسۇن زۇلمەتكە قارشى ،ئەمما كۆزلەر ۋە قەلىبلەرنىڭ ئىشىكى ئېتىلمىسۇن.
    مەن شۇنى خالايمەنكى ئوتلار ئۆچۈرۈلسۇن،ئەمما ئۈمىد ھەرگىز ئۆچمىسۇن.
    ھەممە ئۆز شېخىدا مىۋە بەرسۇنكى،دىللارغا قاتتىق بىر سۆز تەگمىسۇن.
    مەن شۇنى خالايمەنكى،شاخلار بەرىكەتتىن ئىگىلسۇنكى،ئىنسان ئوغلى نۇمۇستىن ياكى ئاجىزلىقتىن بېشىنى ئەگمىسۇن.
    مەن شۇنى خالايمەنكى كۆز يېشى كەبى ئاقسۇن بۇلاقلار پۈتۈن يەر يۈزىدە،ئەمما بۇلاق كەبى ئاقمىسۇن كۆز ياشلار،يەر-جاھاننىڭ ھىچبىر يېرىدە.
    مەن شۇنى خالايمەنكى سۆيۈنۈش مول بولسۇن،
    دادا ئويغان
    بەدىرخان كۆكچە

    ھەر سەھەر ئانامنىڭ ئۇھسىنىشلىرىدىن ئويغىنىمەن.ئانامنىڭ يۈزلىرى كۈلمەيتى،ھەر كېچە يىغلايتتى.
    چاچلىرىمنى سىيلاپ،كۆزلىرىمگە تىكىلىپ :« شور پىشانىمەن بالام،بەختى قارىمەن بالام،تەلەيسىزمەن بالام » دەيتى،ئەمما،قانچە سورىساممۇ  نىمىشقا يىغلايدىغانلىقىنى دەپ بەرمەيتى
    .
    بەزىدە:«سەن تېخى كىچىك قوزام،چوڭ بولغاندا چۈشىنىسەن »دەيتتى
    .
    .
    دادامنىڭ يېنىغا يۈگۈردۈم،ئۇ ئاشخانىدا تاماكا چىكىۋاتقانىكەن
    .
    -
    تېز چىقىپ كەت ! ئوغلۇم، تاماكا تۈتۈنى سېنى كىسەل قىلىپ قويىدۇ،تېزھۇجراڭغا كىرىپ كەت،دېدى
    .
    -
    ئەمسە سەن نېمىشقا چىكىسەن،ئۇ سېنىڭ سالامەتلىكىڭگىمۇ زىيانلققۇ،- دېدىم
    .
    دادام ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ:« توغرا دەيسەن ئوغلۇم» دەپ كۈلۈمسىرىدى،ئۇنىڭ بۇ كۈلۈمسىرىشى تولىمۇ ئاجىز ۋە يارىلانغان،ئاچچىق كۈلكە ئىدى
    .
    ئەسلى دادام بۇنداق كۈلمەيتى،كۆزلىرىمگە بۇنداق ئەلەملىك قارىمايتى،«سەن چىقىپ كەت» دېمەيتى
    .
    نېمە سەۋەپتىنكى تاڭ،كىينكى كۈنلەردە دادام ئېغىر يۆتىلىدىغان ،ئاناممۇ تولا يىغلايدىغان بوپ قالدى
    .
    ھەر كۈن ئانامنىڭ ئاھ چىكىشلىرىدىن ئويغىنىپ كېتەتتىم ،نە كارتون فىلىم،نە باربى قونچاقلارنى سۆيمەيتىم،دادام كۈلمەيتى،ئانام توختىماي يىغلايتى
    .
    بەش يېرىم ياشتا ئىدىم،كۈنلەر تولىمۇ ئاستا ئۆتىۋاتاتتى.ھەممە ئادەمسەن تېخى كىچىك»دېگەنسىرى بۇ ئالتە يېشىم ھىچ كىلەي دېمەيتى
    .
    ئەتىگەنلىرى بەك سەھەر تۇراتتۇق،ئانام مېنى قوشنىمىزغا تاپشۇرۇپ،دادام بىلەن يانمۇ-يان مېڭىپ كوچىنىڭ ئاغزىدىن غايىب بولاتتى
    .
    لېكىن ئانام ئىشلىمەيتى،داداممۇ بۇنچە سەھەردە نەگە،نېمە ئۈچۈن بارىدۇ؟ بۇنى ماڭا ھېچكىم دەپ بەرمەيتى
    .
    دەرىزەنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ كېلىشىنى كۈتەتتىم،قارىسى كۆرۈنگەن ھامان،خوشلۇقۇمدىن سەكرەپ كىتەتتىم،پۈتكۈن دۇنيا مېنىڭ بولغاندەك تۇيۇلاتتى
    .
    ياز كەلدى .تۇغۇلغان كۈنۈمگە ئىككى كۈنلا قالغان ئىدى.ھەممىسى :« قانداق سوۋغات ئالغۇڭ بار؟» دەپ سورايتى، مەن جىم تۇرىۋالاتتىم،ھېچنىمىنى خالىمايتىم
    .
    كېيىن،كېيىن،نېمە ئىش بولسا شۇ كېچىسى بولدى،ھەممە ئىش شۇ كېچە يۈز بەردى
    .
    شۇ كېچە ئانامنىڭ ئۇھسىنىشلىرى،ئېچىنىشلىق نالە-پەريادقا ئايلاندى.مەن ھۇجرامدىن چىققېنىمدا تاشقىردىن ئاۋازلار چىقاتتى،ئۆيىمىزگە ئادەم لىق تولغانىدى.ھامماملار يىغلاۋاتاتتى،مومام قوشاق قېتىپ يىغلاۋاتاتتى،بوۋام قۇرئان ئوقۇۋاتاتتى
    .
    قوشنىلار مېنى تۇتىۋالدى،كۆزلىرىم تۇيۇقسىز دادامنى ئىزدىدى.ئەمما ئۆيدىكى ئادەمنىڭ جىقلىقىدا دادامنى ھىچ تاپالمىدىم
    .
    دادا!دادو،دادا... دەپ ۋارقىرىدىم.ئانام يۈگىرەپ كىلىپ ،مېنى باغرىغا باستى،يىللاردىن بۇيان كۆرۈشمىگەندەك شۇنداق چىڭ قۇچاقلىدى
    .
    -
    جان قوزام ،كۆز قارچۇقۇم،يۈرەك پارەم، دەپ ۋارقىراپ يىغلاپ كەتتى
    .
    -
    دادامغا نېمە بولدى،دادام قېنى؟ دەپ سورىدىم
    .
    ئۇ يەنە جاۋاپ بېرىشنىڭ ئورنىغا
    :
    -
    شور پىشانىمەن،بەختى قارىمەن، دەپ يىغلىدى
    .
    -
    ئانا،مەن دادام دەۋاتىمەن،دادام،دادام
    ...
    شۇنداق دېگىنىمچە مەنمۇ يىغلاشقا باشلىدىم
    .
    -
    داداڭ ئەمدى يوق،داداڭ ئۆلدى،داداڭ بىزنى تاشلاپ كەتتى،ئەمدى قېقىلىپ يۆتەلمەيدۇ
    .
    -
    ئانا ئۆلدى دېگەن نېمە گەپ،ئۆلۈم دېگەن نېمە؟قانداق بولسا ئۆلۈپ كەتكەن بولىدۇ
    ...
    مەن ساراڭلاردەڭ ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدىم،خۇددى قىيامەتنىڭ بوسۇغىسىغا كەپ قالغاندەك ھېس قىلدىم
    .
    ئانام :« داداڭ ئەمدى كېچىلىرى راھەت ئۇخلايدۇ،ئەمدى قىينالمايدۇ»دېدى ۋە ھۇشىدىن كەتتى
    .
    مومام: «مەن ئۆلسەمچۇ،بالام،مەن، ئورنىڭغا مەن ئۆلسەمچۇ،دەپ» دادامنىڭ يوتقىنىغا ئېسىلىپ يىغلىدى
    .
    ئۇلار مەجبۇرى ھالدا دادامنىڭ يۈزىنى كۆرسەتتى،دادامنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ۋارقىرىدىم
    .
    -
    دادا ئويغان،نېمە بولىدۇ بىر ئويغان،مەن سەنسىز قانداق ياشايمەن دادا،ئويغان، ماڭا كۈلۈمسىرەشنى خالىمىساڭمۇ مەيلى كۆزۈڭنى ئاچقىن،ئەمدى مەن كېچىلىرى كىمنىڭ يوتقىنىغا كىرىۋالىمەن،دادا ئويغان،ئەتە تۇغۇلغان كۈنۈم،ئەتە ئالتە ياشقا كىرىمەن دادا،ھىچقانداق سوۋغاتنى خالىمايمەن دادا،ساڭا ۋەدە بېرەي سېنى ئەمدى خاپا قىلمايمەن كۆزۈڭنى ئاچ،بىر كۈن چىدا دادا،ئويغان
    ...
    شۇنداق قىلىپ تۇغۇلغان كۈنۈمدە،دادامنى يەرلىككە قويدۇق، دادام تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئاشۇنداق تەبرىكلىدى . چاقمىقى بىلەن تاماكىسى تېخى قولۇمدا  تۇرۇپتۇ
    .
    مېنى دادامدىن،دادامنى مەندىن ئايرىۋەتكەن،ھەر تۇغۇلغان كۈنۈمدە مېنى ئازاپلايدىغان،بۇ كىچىككىنە يۈرۈكۈمگە قىيامەت ئىلىپ كەلگەن ئاشۇ چاقمىقى بىلەن تاماكىسى
    ...
    دادا! دادا !قېنى سەن دادا ؟ قېنى سىلەر دادىلار؟  

    ئويغېنىڭ دادىلار،ئويغېنىڭ دادىلار
    !!!
    بۇ تاماكا تۈتۈنىدە يېتىم قالمىسۇن ،

    باشقا شەھەرلەردە باشقا بالىلار .بەخت
    مول بولسۇن،ئىككى يۇرت ئارىسىدىكى يول بولسۇن
     
    ئانا دۇئاسى