• قىزىل دۆۋە يولى - [شىئېرلار]2011-11-18

     

    قىزىل دۆۋە يولى

    قىزىل دەريا

    قىزىل يىلاندۇر سوزۇلۇپ ياتقان

    قىزىل دۆۋە يولى

    ئۇزۇن بىر ئېرىقتۇر جان ئېقىۋاتقان

     

    بىر سايە ئۆتۈپ كېتەر

    بىر قەلەندەر چۈشۈپ قالار

    بىر پىچاق ئاپلىسىن تىلغانغا ئوخشايمەن

    لەپىلدەپ كېتەر بىردىنلا قارلار

     

    يارىمنىڭ ئۆيىدەك تۇرار لاۋۇلداپ

    چاقماق چېقىپ ھاۋا گۈلدۈرلەپ

    يامغۇر ياغار ، ياغار تامچىلاپ

     

    سۇلار شاقىراپ

    قۇشلار ۋاقىراپ

    سېنى شۇنداق سېغىندىم ...


    历史上的今天: