-
ئىسمىڭ ئالما - [شىئېرلار]2011-12-17
ئىسمىڭ ئالما
نېمىدىگەن يېقىندا سەن
نېمىدىگەن ساڭگىلاپ تۇرىسەن
سېنى ئۈزسەم ھەممىدىن يامىنى بولىدۇ
سېنى ئۈزمىسەم چىدىغىلى بولمايدۇ
قېنىپ پۇرىدىم
ئاۋايلاپ سۆيدۈم
ئاندىن ئۆلگۈدەك قاچتىم
ئىچىمدىن بىر تۈپ ئالما دەرىخى ئۈنۈپ چىقماقتا
بىر تال ئالما چېچىكى چېچەكلىمەكتە
ئىچىمدىكى يەنە بىرى قاچتى
ئىچىگە يەنە بىر تۈپ ئالما دەرىخىنى ئۈندۈرگەن پېتى...