چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى «مەشرەپ» ناخشىسى
بۇ يىللىق مەركىزى تېلىۋىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىم «مەشرەپ» ناخشىسىنى ئوقۇدى. تېلىۋىزىيەدە ئانا تىلدىكى ناخشا ئاڭلىمىغىلى ئۇزۇن بولغاچقا شۇنداق خۇش ياقتى.
گەرچە چاغان بىزنىڭ بايرىمىمىز بولمىسىمۇ، ئەمما دۆلىتىمىزدىكى چوڭ بايراملارنىڭ بىرى. ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بۇ كېچىلىكتە مەشرەپ ناخشىسىنى ئانا تىلىمىزدا ئوقۇشى يېڭى يىل كېچىلىكىدە بىزنىڭ ناخشىچىلىرىمىز ئورۇنلىغان نومۇردىن مىڭ ياخشى (ئۇ چاغدا ئانا تېلىمىزدا ئېيتىلمىغان ئىدى.).
…
ئالدىنقى: سالامەتلىك بەك مۇھىم، سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ
كىيىنكى: مىدىرلاپ تۇرۇڭ، كۆمۈلۈپ قالمايسىز
كىيىنكى: مىدىرلاپ تۇرۇڭ، كۆمۈلۈپ قالمايسىز
2011/02/05 22:42:10
مەن توردىن كۆردۈم،نومۇرغا بېرىلگەن ۋاقىت ئاز بولغانلىقى ئۈچۈنمىكىن ئەيتاۋۇر ،بىزنىڭ مەشرەپلىرىمىزدىكىدەك ياخشى چىقماپتۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئابدۇللا ئاكاش سىلىنىڭ تەرەپتە چوڭ بىر كېچىلىككە تەييارلىق قىلىۋىتىپتۇدەك…
ۋاقىت چىقىرىپ قاتنىشىڭ جۇمۇ، پايتەخىت تىياتىرخانىسىدا دەمدۇ ئورنىنى … ئۇ چاغقىچە ئوقۇشىڭىز پۈتۈپلا كەتمىسىدى ئىلاھىم
2011/02/07 13:16:40
مەن كۆرمەي قاپتىمەن. لېكىن بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خوشال بولدۇم.
2011/02/09 01:30:02
مەنمۇ دىققەت قىلماپتىمەن. لىكىن بۇنى كۆرۈپ راستىنلا ئىنتايىن خوشال بولدۇم. ھازىرلا توردىن ئىزدەپ كۆرۈپ باقاي…