كىنو: بومباي ماشىنا ئادىمى مۇھەببىتى
ئىسمى: بومباي ماشىنا ئادىمى مۇھەببىتى (Bollywood)
خەنزۇچە: 宝莱坞机器人之恋
بەيدۇ قامۇسىدىكى چۈشەندۈرۈش: كىرىڭ
بۈگۈن كەچتە بۇ كىنونى كۆرۈپتىمەن. كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىيدىكەن. گەرچە كىنو ھىندىستاننىڭ بولسىمۇ، ئەمما بۇرۇنقى ھىندىستان كىنولىرى بىلەن كونا ئوخشاشلىقىنىمۇ ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە (ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئوينايدىغان يىرى) يەنە يۇقىرى پەنتېخنىكىلىق فانتازىيەلەر بىرلەشتۈرۈلۈپ ئۆزگىچە بولۇپ چىقىپتۇ. ۋاقتىڭلار بولسا كۆرۈپ قويۇڭلار. بىرلا يىرى سەل ئۇزۇنكەن، ئۈچ سائەت. ئەمما كۆرگىنىڭىزگە پۇشايمەن قىلمايسىز.
2011/03/01 15:10:43
ھېلىقى ئاخىرلاشتۇرغۇچىغا ئوخشايدىغان كىنو شۇمىىكەن. رەسىمگە قارىسام ئوخشاشتەك قىلىدۇ. قېنى ۋاقتىم چىقسا كۆرۈپ باقارمەن.
2011/03/01 21:53:44
ياق، بەك جىق پەرق قىلىدۇ. ئاخىرىدا ئازراقلا يىرىدە شۇنداق يىرى بار
2011/03/29 15:54:29
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نۇرقۇت ئەپەندى.
مەن ماۋۇئۇسلۇبنىڭ ئەسلى نۇسقىسىنى چۈشۈرۈپ ئۆزلەشتۈرگەن. لىكىن بىر يەرنى چۈشەنمىدىم
سىزنىڭ يازمىڭىزنىڭ ئىچىدە سۇرەت يوقكەن لىكىن باشبەتتە بىر سۇرەت چىقىپ تۇرۇپتۇ.
مەن يازمىغا سۇرەت قوشمىسام . ئۇسلۇبنىڭ (默认(سۇرىتى چىقىۋالدى.
بۇنىڭدىكى ھۈنەرنى بىر ئۈگىتىپ قويامسز؟
شۇ ئىشنى ھەل كقىلالماي ئۇسلۇب يەرلىكتە سىناقتىن چىقىپ بولالمىدى.
چۈشۈرگەن بەتتە بىر چۈشۈەندۈرۈش باكەن لىكىن مەن قىلسام ھېچ قاملاشماۋاتىدۇ.
ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.
2011/05/17 08:19:51
تېما يوللىغاندا نادىر سۈرەت تاللاش دەپ بىر يەر بارغۇ؟ شۇ يەردىن رەسىم چىقىرىپ تاللاپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
2011/05/08 00:48:34
راست !! ھەقىقەتەن كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ !