دورىلار خەزىنىسى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

دورىلارنىڭ تاۋار نامى بىلەن ئورتاق نامى قانداق پەرقلەندۈرۈلىدۇ؟

دورىلارنىڭ تاۋار نامى بىلەن ئورتاق نامى قانداق پەرقلەندۈرۈلىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-06-19 ئاۋاتلىقى: 877 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىر خىل دورىنى نۇرغۇن زاۋۇتلار ئشلەپچىقىرىدۇ، نۇرغۇن زاۋۇتلار ئۆزىنىڭ ماركىسنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، دائىم ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىغا باشقا كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ،  ئۆز ئارا پەرقلەندۈرۈرىدۇ. شۇڭلاشقا ئوخشاش بىر خىل دورىلارنىڭ كۆپ خىل تاۋار نامى بولىدۇ، مەسىلەن: پاراسېتامولنىڭ تاۋار نامىدىن پانادول(泌利通)، بۇففېرىن(百服宁)، تىلېنول(泰诺)،  قاتارلىقلار بار.  بىمار دورا ئشلەتكەندە قايسى خىلدىكى تاۋار نامى بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئورتاق نامى يەنى قانۇنلۇق نامىنى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا،  دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە بەلگىلگەن دورا نامىنى توغرا تونۇش لازىم. <<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى>> دا:  دورىنىڭ ئورتاق نامىنى تاۋار ماركىسى ياكى تاۋار مەھسۇلاتىنىڭ نامى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا،  دورىنىڭ ئورتاق نامى دورىلارنى بىر-بىرىسدىن پەرقلەندۈرۈشكە ياردەم بىرىپ،  تەكرار دورا ئىشلىتىپ قېلىشتىن ساقلايدۇ.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى دورا باشقۇرۇش قانۇنى»دا: دورىنىڭ ئورتاق نامى دورا ئورالما نامى ئورالما قېپنىڭ ئۈستىدە ياكى چۈشەندۈرۈلۈشىدە، بولۇش ھەمدە تاۋار نامىغا ئىشلەتكەن خەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى دورىنىڭ ئورتاق نامىغا ئىشلەتكەن خەتنىڭ بىر ھەسسىگە باراۋەر  بولىشى، بىر ھەسسىدىن ئېشىپ كەتمەسلكى لازىم، دەپ بەلگىلەنگەن.

بايانات

دورىلار يانبىلوگىغا يوللانغان بارلىق مەزمۇنلار ئەڭ ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ماتېرىياللاردىن تەرجىمە قىلىش ۋە رەتلەش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم نەتىجىسى قىلىشقا بولمايدۇ! كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىز كېرەك! دورىلار ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگىشىۋېلىشنى ئونۇتماڭ، ئىزدەش نامى: dorilar

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى