قانداق قىلغاندا دورىنىڭ ناچار تەسىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-29
ئاۋاتلىقى: 818 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
دورىنىڭ ناچار تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئاۋۋال ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بۇ خىزمەتكە كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈم تۇرغۇزۇش ھەمدە دورىنىڭ ناچار تەسىرىنى مەخسۇس نازارەت قىلىپ، ئۆلچەش ئورگانلىرىنى قۇرۇش، شۇنداقلا ھەر قايسى تەرەپنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، دورىنىڭ يامان تەسىرى كۆرۈلسە ۋاقتىدا ئىلان قىلىش، بولۇپمۇ تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم. ئۇنىڭدىن قالسا، دورا ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلار، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مۇناسىۋەت ئورگانلارنى قويۇپ، دورىنىڭ ناچار تەسىرى كۆرۈلگەنلىك دوكلاتىنى ئەستايىدىل توپلاش، ئاندىن رادىئو-تېلېۋىزىيە، كىتاب-ژۇرنال، گېزىتلەردە مۇۋاپىق دورا ئىشلىتىش، بىخەتەر دورا ئىشلىتىش تەربىيسى قاتارلىقلارنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەشۋىق قىلىش؛ ئىستېمالچىلارمۇ مۇۋاپىق ۋە بىخەتەر دورا ئىشلىتىش ساۋاتلىرىنى ئۈگىنىشى ھەمدە بۇ جەھەتتىكى ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش لازىم.