باكتېرىيەگە قارشى دورا ئىشلىتىشتىكى خاتا قاراشلار قايسى؟
ۋاقتى: 2016-08-08
ئاۋاتلىقى: 848 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھازىر نۇرغۇن ئائىلىلەردە دورا ساندۇقلىرى تەييارلانغان، ئەمما باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى ئىشلىتىش جەھەتلەردە نۇرغۇنلىغان خاتا قاراشلار مەۋجۇت. كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى تۆۋەندىكىچە:
⑴ دورا قانچە قىممەت بولسا، شۇنچە ياخشى: ئەمەلىيەتتە، دورا مال ئەمەس. پەقەت دورىنى جايىدا ئىشلىتەلىسىڭىز نەچچە موچەنلىك دورىمۇ كېسىلىڭىزنى ساقايتالايدۇ.
⑵ دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىدىغان ئەھۋال ھېلىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ، مەسىلەن: نۇرغۇن كىشىلەر باكتېرىيىگە قارشى دورا بىلەن زۇكامنى داۋالايدۇ، گەرچە بۇنداق زۇكامنى داۋالاپ، مىكرو جانلىقلارنى ئۆلتۈرەلىسىمۇ، ئەمما ۋىرۇسقا قارشى تۇرالمايدۇ؛ زۇكامنىڭ كۆپىنچىسى ۋىرۇستىن بولىدۇ. باكتېرىيگە قارشى دورىنى خالىغانچە ئىشلەتكەندە، دورىنىڭ قوشۇمچە تەسىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلارنىڭ چىدامچانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
⑶ بۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن كىشلەر كېسىلى ئېغىرلاشقان چاغدا دورا ئىچىپ، سەللا يېنىكلەپ قالسا، دورا ئىچىشنى توختىتىپ قويىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، باكتېرىيىگە قارشى دورىلار رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، قاندىكى ئۈنۈملۈك دورا قويۇقلۇقىغا تايىنىدۇ. ئەگەر بەلگىلەنگەن دورا قويۇقلىقىغا يېتەلمىسە، باكتېرىيىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆلتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە باكتېرىيىنىڭ دورىغا چىدامچانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
⑷ كېسەللىكنى قايسى خىل باكتېرىيىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، كېسەللىك قوزغاتقۇچى باكتېرىيە تۈرلىرىگە ئاساسەن، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان دورىنى تاللاپ ئىشلىتىش لازىم.
⑸ بەزىلەر باكتېرىيىگە قارشى دورا بولسىلا ياللۇغ قايتۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ. سالامەتلىكنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن، نەچچە خىل باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىدۇ. ھەر بىر خىل باكتېرىيىگە قارشى دورىنىڭ ھەر خىل باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش رولىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئەگەر دورىنى مۇۋاپىق ئشلەتمىگەندە، كۆڭۈلدىكىدەك داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولمايلا قالماي، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ.