قايسى خىلدىكى تېرە كېسەللىكلىرىگە سىرتتىن ئىشلىتىدىغان باكتېرىيىگە قارشى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-06
ئاۋاتلىقى: 1063 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
قايسى خىلدىكى تېرە كېسەللىكلىرىگە سىرتتىن ئىشلىتىدىغان باكتېرىيىگە قارشى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ؟
ئەگەر تېرىنىڭ يۈزەكى قەۋىتى باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانسا بەدەننىڭ سىرتىدىن ئىشلىتىدىغان باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. تېرە بەدەننىڭ ئەڭ سىرىتقى قىسمىغا جايلاشقان، ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ چوڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ تاشقى دۇنيادىكى ھەر خىل غىدىقلاشقا ئوڭاي ئۇچرايدۇ. تۇرمۇشتا ياكى كلىنىكىدا بولسۇن تېرە كېسىلى ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشىدىن بولغان تېرە كېسىلى كۆپ ئۇچرايدۇ؛ باكتېرىيىدىن يۇقۇملانغاندا، مەسىلەن: يىرىڭ قاپارتقۇلۇق دانىخورەك (سېرىق سۇلۇق دانىخورەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە ياكى قان ئېرىتكۈچى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ۋىرۇستىن يۇقۇملانغاندا، مەسىلەن:ئاددىي قاپارتمىنى ئاددىي قاپارتمىلىق ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملانغاندا، مەسىلەن: قول تەمرەتكىسى، پۇت تەمرەتكىسى، ئادەتتە نەم ۋە ئىسسق ھاۋادا ناھايىتى كۆپ پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پارازىت قۇرتتىن قىچىشقاق ساقاتقىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېگىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق تېرە كېسىلىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ، شۇڭلاشقا ئوخشىمىغان كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارغا ماس كېلىدىغان باكتېرىيىگە، ۋىرۇسقا، زەمبۇرۇغقا ۋە پارازىت قۇرتقا قارشى تۇردىغان دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش لازىم. ئادەتتە كۆپلىگەن تېرە كېسەللىكلىرىگە، يەنى يۈزەكى قەۋەتتىكى تېرە باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانغاندا، بەدەننىڭ سىرتقى قىسمىغا ئىشلىتىدىغان دورىلار ئالدىن تاللاش ئوبيېكتى قىلىنىدۇ.