تۇبىركۇلوز كېسىلىگە تۇنجى گىرىپتار بولغان بىمارغا نېمە ئۈچۈن ئۈچ بىرلەشمە ياكى تۆت بىرلەشمە داۋالاش لاھىيسى قوللىنىلىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-07-26
ئاۋاتلىقى: 995 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تۇبىركۇلوز كېسىلىگە تۇنجى گىرىپتار بولغان بىمارغا نېمە ئۈچۈن ئۈچ بىرلەشمە ياكى تۆت بىرلەشمە داۋالاش لاھىيسى قوللىنىلىدۇ؟
تۇبىركۇلوزغا قارشى دورا ئەزەلدىن ئىشلىتىلىپ باقمىغان بىمارلارنىڭ تېنىدىكى ھەر 106~108 دانە تۇبىركۇلوز باكتېرىيەسىنىڭ ئىچىدە بىر دانە باكتېرىيەنىڭ گېنىدا ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىش بولسا، رىمىفون بىلەن ئىسترېپتومىتىسىنغا چىدامچان بولىدۇ؛ ئەمما بىرلا ۋاقىتتا، بۇ ئىككى خىل دورىغا چىدامچان باكتېرىيەگە 1011 دانە تۇبىركۇلوز باكتېرىيەسى ئىچىدە پەقەتلا بىر دانە بولىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ خىل دورىغا چىدامچان باكتېرىيە تېخىمۇ ئاز بولىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،نوقۇل بىرلا خىل دورا بىلەن داۋالىغاندا كۆپ ساندىكى سەزگۈر باكتېرىيەنى يوقاتقىلى بولغان بىلەن ئاز ساندىكى چىدامچان باكتېرىيەنىڭ داۋاملىق كۆپىيىشى كېلىپ چىقىدۇ، ئەڭ ئاخىردا يەنىلا دورىغا چىدامچان باكتېرىيە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كۆپىيىشكە باشلايدۇ. شۇڭا، ئۈچ خىلدىن ئارتۇق دورىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە، دورىغا چىدامچان باكتېرىيەنىڭ سانىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
مەنبە: «بىخەتەر دورا ئىشلىتىش ھەققىدە سوئال-جاۋابلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.