ئەر-ئاياللار جىنسىي ئەزا تازلىقى نىمىلەرنى سۆزلەيدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئەرلەردىن ئۇرۇقدان خالتىسىدا ناھايىتى كۆپ ئۇرۇقلار بولۇپ ئۇنىڭ ئارىلىرىدا كىر نەرسىلەر ناھايىتى ئاسان ساقلىنىپ قېلىپ سىرىتقى قىنسىي ئەزالاردىكى مىكروبلارنى يۇقۇملىنىشى ئوڭايلا كېلىپ چىقىدۇ. ئەرلەر جىنسىي ئەزالىرىدىكى كىر، مىكروبلار ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە زىيان كەلتۇرۇپلا قالماستىن يەنە جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق ئاياللار جىنسىي ئەزالىرىغا يۇقۇپ ئاياللاردا سىرىتقى جىنسى ئەزالاردا، جىنسىي يولىدا بالىياتقۇدا ياللۇغلىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشىدۇ. شۇڭلاشقا ئەرلەرمۇ يېرىق، ئۇرۇقدان خالتىسى،زەكەرلەرنى دائىملىق يۇيۇپ پاكىز تۇتۇشى، جىنسىي ئالاقە ئۆتكۇزۇشتىن بۇرۇن جەزمەن پاكىز يۇيىۋىتىش لازىم.
ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزالىرىنىڭ ئاناتومىيلىك ۋە فىزىئولوگىيلىك ئالاھىدىلىكلىرى ئۇلارنىڭ ئەزالىرى تازىلىقىنىڭ،پاكىزلىقىنىڭ تېخىمۇ مۇھىملىقىنى بەلگىلىگەن،ئاياللارنىڭ سىرىتقى جىنسىي ئەزالىرىدا پۇرۇلمىلەر كۆپ ھەرخىل شىلىمشىق ئاجراتمىلارنى چىقىرىدىغان بەزلەرمۇ كۆپ، ئاناتومىيلىك ئالاھىدىلىك ۋە نەملىكى،ھاراىتى قاتارلىقلار بۇ يەردە مىكروبلارنى ئۆسۇپ كۆپىيشى ئۇچۇن ئىنتايىن پايدىلىق. ئۇنىڭدىن باشقا جىنسىي يول،سۇيدۇك يولى، مەقئەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ئارىلىقى ناھايىتى يېقىن بولۇپ، بۇ كىچىك مۇھىتنىڭ پاكىزلىقى تېخىمۇ ناچار، شۇڭلاشقا ئاياللار سىرىتقى جىنسىي ئەزالىرىنى كۇنىگە ئاز بولغاندا بىر قېتىم يۇيۇپ تۇرىشى، جىنسىي ئالاقە قىلىشتىن بۇرۇن بىر قېتىم پاكىز يۇيۇۋىتىشى،جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن يۇيۇنۇشتىن ئىبارەت ياخشى ئەنئەنىۋىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشلىرى لازىم. شۇنىڭدىلا سۈيدۇك ئاجرىتىپ چىقىرىش سېستىمىسى ۋە سىرىتقى جىنسىي ئەزالاردا يۇقۇملىنىش يۇز بېرىشتىن ساقلىنىش مۇمكىن.يۇيۇنغان ۋاقىتتا جىنسىي يول ئىچىنى يۇيۇشقا بولمايدۇ. چۇنكى جىنسىي يول ئىچىنىڭ ئۆزىنى-ئۆزى پاكىزلاش ئىقتىدارى بار. جىنسىي يول ئىچىدىكى سۇت كىسلاتا سۇيۇقلۇق جىنسىي يول دىۋارىلىرىنى مۇھاپىزەت قىلالايدۇ ۋە ھەرخىل كېسەللىك مىكروبلىرىنى ئۆلتۇرەلەيدۇ.
مەنبە: چوڭلار قامۇسى