يانبىلوگنىڭ يانفوندا تېنىش بەلگىرى تەتۈر چىقىۋېلىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى
ۋاقتى: 2016-08-10
ئاۋاتلىقى: 1729 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھەممىمىزگە مەلۇم، ئىلگىرى يانبىلوگ يازمىلىرىنى يانفوندا زىيارەت قىلغاندا، تېنىش بەلگىلەر تەتۈر چىقاتتى. بۇنىڭدىكى مەسىلىلەر ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كېڭەيتىلگەن رايوندا بىر تەرەپ قىلىنىشى ۋە ئاساسىي رايوندا بىر تەرەپ قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق مەسىلەر بولغاچقا، بىز بارلىق يانفوندا ئۇيغۇر يېزىقىنى نورمال كۆرسىتىش ئۈچۈن تېنىش بەلگىلەرنى تەتۈر چىقىدىغان قىلغان ئىدۇق.
ئەمدىكى مەسىلە، تورداشلار داۋاملىق سىناق قىلىپ، قانداق مەسىلە بولسا بىزگە ئىنكاس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئېلخەت: yanbilog@126.com
ھازىر ساقلانغان مەسىلە:
خۇاۋېي، شىياۋمى يانفونلىرىدا ئەگەر يازمىنى ئۈندىداردا تۇرۇپ كۆرسىڭىز بەلكىم نورمال كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا يازمىنى شۇ يانفوننىڭ تور كۆرگۈچىدە كۆرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بىز بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز. ئەگەر بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىدىغان تورداشلار بولسا ئوخشاشلا ئۇچۇر بېرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.