يانبىلوگ ياردەم مەركىزى
يانبىلوگ ئىشلىتىش قوللانمىسى

ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
  • 1
  • 2
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

يانبىلوگ يازغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىم كېرەك؟

يانبىلوگ يازغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىم كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-11-04 ئاۋاتلىقى: 2611 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يانبىلوگ يازغاندا ئەگەر ئاۋۋال ۋورد ياكى باشقا جايغا يېزىۋېلىپ ئاندىن كۆچۈرۈپ چاپلاش ياكى باشقا مەنبەدىن مەزمۇن كۆچۈرۈش (بۇ خىل ئۇسۇل تەۋسىيە قىلىنمايدۇ!)كە توغرا كەلسە، ئاۋۋال يوللىماقچى بولغان مەزمۇننى كۆچۈرۈپ خاتىرە دەپتەر (记事本)غا چاپلىۋېتىپ، ئاندىن خاتىرە دەپتەردىن كۆچۈرۈپ يانبىلوگقا يوللاش ياكى بىۋاسىتە يانبىلوگدا تۇرۇپ يېزىش كېرەك. 


ئەگەر كۆچۈرۈپ يوللانغان مەزمۇنلارنى خاتىرە دەپتەرگە بىر قېتىم چاپلىۋېتىپ ئاندىن خاتىرە دەپتەردىن كۆچۈرۈپ يوللىمىغاندا، يازمىنىڭ ئەسلىدىكى تەھرىر شەكلى بىلەن سىستېمىنىڭ ئىقتىدارىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، يازما مەزمۇنى نورمال كۆرۈنمەي قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا يانبىلوگ يوللىغاندا بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يانبىلوگنىڭ يازما خاسلىقىغا ياخشى ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يازمىنىڭ خاسلىقىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبلىك، مۇلازىمېتىر يازمىلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە زور پەرق بار. ئادەتتە يازما خاسلىقىدا ھازىرچە تەمىنلەنگەن ئىقتىدارلاردىن تۆۋەندىكىلەر بار.

بۇنىڭ ئىچىدە «تەۋسىيە» قىلىنغان يازمىلار ئاساسەن يانبىلوگىڭىزنىڭ تەۋسىيەلىك رايونلىرىدا تەۋسىيەلىنىدۇ.

«چوققا» قىلىنغان يازمىلار ھەر ۋاقىت يانبىلوگىڭىزنىڭ باش بېتىنىڭ ئەڭ ئۈستى (1-يازما) ئورنىدا تۇرىدۇ، ئەگەر چوققا قىلىنمىسا چۈشۈپ كېتىدۇ.

«رەسىملىك» قىلىنغان يازمىلار سىزنىڭ يانبىلوگىڭىزغا ياسالغان ئۇسلۇب بىلەن ماسلاشتۇرۇلغان بولىدۇ، ئادەتتە يانبىلوگ ئۇسلۇبىڭىزغا رەسىملىك رايون سەپلەنگەن بولسا، شۇ رايوندا كۆرۈنىدۇ.

«پرويېكتور» بۇ ئىقتىدار مۇھىم، بۇ ئاساسەن يازمىڭىزنىڭ پرويېكتور (رەسىملىك ئالمىشىش) ئىقتىدارى قوزغىتىلغان بولسا، بۇنى تاللىسىڭىز يازمىلىرىڭىز پرويېكتور رايونىدا كۆرۈنىدۇ. بۇ يازمىلىرىڭىزنى پرويېكتور قىلماقچى بولسىڭىز، «پرويېكتور»نى تاللاپ بولۇپ، ئاستىدىكى رەسىم يوللاش رايونىدىن 2-رەسىم رايونىغا رەسىم چىقىرىشىڭىز كېرەك.  2-رەسىم ئلورنىغا چىقىرىلىدىغان رەسىم چوقۇم ئالدىن لايىھەلىنىۋېلىشى، چوقۇم يانبىلوگىڭىزنىڭ پرويېكتور رايونىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە بولۇشى كېرەك. بولمىسا پرويېكتور ئۈنۈمى ياخشى چىقمايدۇ.

تېما رەسىمى رايونىدىكى 1-رەسىم ئورنىغا چىقىرىلغان رەسىم يازمىنىڭ كىچىكلىتىلگەن رەسىمى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. 2-رەسىم رايونىغا چىقىرىلغان رەسىم پرويېكتور ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

يازما خاسلىقىدىكى «مەخپىي» قىلىنغان يازمىلارنى پەقەت يانبىلوگ يازغۇچىلارلا كۆرەلەيدۇ، ئەمما باشقىلار كۆرەلمەيدۇ. شۇڭا بۇ مەخسۇس يانبىلوگ يازغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ بىر قىسىم باشقىلارغا ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يازمىلىرىنى يېزىپ ساقلاپ قويۇشى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن.

ئاخىرىدىكى «ئېلان يازما» بۇ ئىقتىدار ئاساسەن ئادەتتىكى ئەزالارنىڭ ئارقا سۇپىسىدا كۆرۈنمەيدۇ. بۇ پەقەت ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزالارنىڭ ئارقا سۇپىسىدىلا كۆرۈنىدىغان بولۇپ، ئەگەر يازمىڭىز «ئېلان يازما» قىلىپ تەڭشەلسە، مۇلازىمېتىر ئاپتوماتىك ھالدا مەزكۇر يازمىلارنى ئۈندىدار سالونلىغا يوللايدىغان يازمىلارنىڭ ئارىسىغا قىستۇرىۋېتىدۇ. ئادەتتە ئۈندىدار سالونىغا سىستېمىمىز ھەر قېتىمدا 10 پارچە يازما يوللايدىغان بولۇپ، ئاشۇ 10 پارچە يازمىڭىزنىڭ ئىچىدە 2 پارچىسى سىستېما ئاپتوماتىك سەپلىگەن ئېلان يازمىسى بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزالارنىڭ ئېلان-تەشۋىقات ئىشلىرى ھەل بولىدۇ. ھازىر يانبىلوگ سىستېمىسى ئۈندىدار سالونى بىلەن ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يانبىلوگقا باغلانغان ئۈندىدار سالونلىرىغا يانبىلوگ سىستېمىسى ئاپتوماتىك ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارى تەمىنلەندى. شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن يانبىلوگ سىستېمىسى ئۈندىدار باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ياخشى ياردەمچىسى بولالايدۇ. ھەم ئەزلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، يانبىلوگ سىستېمىسى ۋە ئىلقۇت ماتېرىيال ئامبىرىدا تەمىنلەنگەن غايەت زور ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئۈندىداردىكى ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.

ئاخىرىدا ئەسكەرتىدىغىنىمىز، يانبىلوگ يازغاندا چوقۇم ئاچقۇچلۇق سۆز (خەتكۈچ)لەرنى يېزىشقا سەل قارىماسلىق كېرەك. ئەگەر خەتكۈچكە سەل قارىسىڭىز، كېيىنچە يانبىلوگىڭىز تەرەققىي قىلىپ، يازما سانى بەلگىلىك سانغا يەتكەندە يانبىلوگنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارىدىن ياخشى پايدىلىنالماسلىقىڭىز شۇنىڭدەك يازمىلارنىڭ ئاخىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك يازما رايونىدا باشقا يازمىلىرىڭىز كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا يانبىلوگ يازغۇچىلار خەتكۈچنىڭ رولىغا قەتئىي سەل قارىماسلىقى كېرەك.

بايانات

ئەگەر يانبىلوگ ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئىلقۇت تېخنىكىسى ئۈندىدار سۇپىسى ilqutbiz ياكى yanbilog قا ئەگىشىۋېلىڭ، ياكى ئورگان يانبىلوگىغا نەزەر سالسىڭىز بولىدۇ. ئادرېسى: http://yardem.yanbilog.com

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى